|
قۇشلار
ۋەتەنسىز قۇشلار
پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار .
سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر
غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ .
غېرىبلىقتەك
ئېگىز بىنا .
قوشنا ئۆيدىكى ئادەم .
تام .
ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرپ- ئادەت .
توي .
ناتونۇش دەپنە مۇراسىمى .
قۇشلارنىڭ يېشى .
ئەينەك غېرىبلىق .
قول يەتمەس ئىشىك .
كارىۋات .
قاچقان ئۇيقۇ .
ئوچۇق دېرىزىدىكى
ئاپئاق ساڭگىلاپ
تۇرغان ۋەتەننىڭ مۇزلىغان قولى .
غەم تولغان كۈلدان .
ئايرۇپىلان .
دېڭىز .
قۇشلارنىڭ يېشى .
ھەممە يەردە يات ئادەم .
مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن ،
يەنىلا ئۆزىڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ .
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قول ياغلىقىڭنى .
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى ،
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن .
مىليونېر بوپكەتكىن بەرىبىر يەرلىك
- قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق .
ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق .
مەيلى سەن شاراب ئىچ ئالتۇن قەدەھتە ،
بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
ئوقۇساڭ يېزىلغان ۋەتەن دېگەن خەت .
بېرلىن ئاسمىنىدا كۆرىسەن ھەر كەچ
جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى .
مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چىركاۋى
كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى
كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان .
ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا ،
تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا .
مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن ،
مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن .
ۋەتەن ، ئېھ ۋەتەن ،
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى ،
چىرايلىق ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم .
گۆھەردۇر ، ئالمىدۇر ، خۇش پۇراق گۈلدۇر ،
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تىزەك .
ئەيسادۇر ، مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى ،
يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك .
ۋەتەندە بىر ناتونۇش بالا
يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن .
تىللاپ سالغان بولسا ئىلگىرى
ئۆز ئېلىڭدە ئۆز تىلىڭدا ئۆز ؛
تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر
شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز .
شېئىرىنى ئوقۇساڭ بەزەن
گېزىتلەردىن پاز ياكى تاگورنىڭ ؛
تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە ،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيىتقان قوشاقچە .
ئۇزاتقاندا ئەزرائىل بىر كۈن
دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن ،
سەن ئۆزۈڭگە توقۇيسەن كېپەن
ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن .
يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن
كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن …
سېغىنغاندا قەشقەرنى
چەت ئەلدىكى ھەر بىر مۇھاجىر
شۇنداق يازار خەت يازسا ئاخىر .
شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ قەشقەردىكى يەرشارى ناملىق داستانىدىن پارچە
|
|