- جۇغلانما
 - 431
 
 UID17639
 
تىزىملاتقان2013-5-24
 
ئاخىرقى قېتىم2014-1-10
 
توردا14 سائەت
 
 
 
ئاكتىپ ئەزا 
   
 
- نادىر
 - 0
 
	- جۇغلانما
 - 431
 
- ئاقچا
 - 0 
 
 
 
 
 | 
	
    
 
سامسۇڭGALAXY Note 3 يانفونىنىڭ سەپلىمىسى ھەققىدە بەزى مىش-مىش خەۋەرلەر تارقالغىلى ئۇزۇن بولغانىدى، يىقىندا كورىيە تاراتقۇلىرى بۇ يانفوننىڭ ھەقىقىي سەپلىمىسىنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دىيىلىشىچە، بۇ يانفونغا 5.7 دىيۇملۇق ئىكران سەپلىنىدىكەن. 
ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، GALAXY Note 3 يانفونىغا 5.7 دىيۇملۇق ئىكران، Snapdragon800تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە ئاندىرويىد 4.3 سىستېمىسى سەپلىنىدىكەن؛ ئۇندىن باشقا، بۇ يانفونLTE-A 4G تورىنى قوللايدىغان بولۇپ، 13 مىليون پىكسىللىق كامېرا سەپلىنىدىكەن. 
GALAXY Note 3 يانفونىنىڭ قىلىنلىقى ئاران 8 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 183 گىرام بولۇپ، ئۇنىڭغا سۇلىياۋ ماتىرىيال ئىشلىتىلىدىكەن. 
بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان خەۋەرلەردە GALAXY Note 3 يانفونىغا ئېلاستىك سېزىمچان ئىكران سەپلىنىدۇ دىيىلگەنىدى، بىراق، كورىيەدىكى OEM كارخانىسى تەرەپ ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، بۇنىڭغا رەدىيە بەرگەن. 
نۆۋەتتە سامسۇڭGALAXY Note 3 يانفونىنىڭ سەپلىمىسى ھەققىدە تارقالغان ئۇچۇرلار ئىچىدە پەقەت مۇشۇنچىلىك ئۇچۇرنى ئىشەنچىلىك دىيىشكە بولىدىكەن، بىراق، ئىشىنىمىزكى GALAXY Note 3 ھەققىدىكى بارلىق قىياسلار 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېچىلىدىغان گىرمانىيە بىرلىن كۆرگەزمىسىدە ئايان بولىدۇ. 
 
 |   
- 
 
 
 
 
 
 
 
 |