- جۇغلانما
- 839
UID1313
تىزىملاتقان2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم2015-4-5
توردا222 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 839
- ئاقچا
- 0
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamataili110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-13 16:11
تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ؟مەن يېڭى بىر ئەپ 火车票达人ناملق، توردىن پويىز بىېلىتى سېتىۋىلىش پويىزلارنىڭ قوزغۇلۇش ۋاقتى ...........دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئىگەللەيدىغان ئەپنى تەرجىمە قىلغانتىم ھازىر ئىملا تەكشۈرۈش ۋە تەرجىمە تەكشۈرۈش باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ . بۇ ئەپنى مۇنبەرگە بوللاشتىن بۇرۇن بەزى بىر سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسى بىلەن تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقاندىن كىيىن يوللاي دەپ توختاپ بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .(ئاناتىلىمىزنى قوغداش ۋە مەسئۇل بولۇش ھەممىزنىڭ مەسئۇلىيتى ) مەقسەتكە كەلسەك بۇ ئەپنىڭ ئىسمىلا غەلىتە يەنى 火车票达人
بۇ سۆزنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بارساق .
1. سۆز مەنىسى بويچە : پويىز بېلىتى +كەڭ قورساق ئادەم . پويىز بېلىتى +غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم . بولۇپ بۇ ئىككى سۆز بىرككەندە سۆز مەنىسىنى بىلدۇرمەيدىكەن .
2. سۆز تۈركۈمى بويچە : پويىز بېلىتى (ئىسىم ) ، غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم (سۈپەت) . قائىدە بويچە بولغاندا سۈپەتلەر ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ ئىسمنى ئېنقلىشى كېرەك ئىدى . لىكىن ئىككى سۆز بىرككەندە ھېچنىمىنى ئېنىقلىيالمايدۇ .ھەمدە ئىسىم بىلەن سۈپەت بىرلىشىپ يېڭدىن بىر ئىسم ياسىدى .
3. سۆز تەركىۋى بويچە : پويىز بېلىتىنىڭ مۇشۇ مەنىسىدىن باشقا ھېچقانداق مەنىسى يوق . يەنى بۇ خاس ئىسىمغا تەۋە . ئەمدى بۇيەردە بىزنىڭ دىققەت ئىتبارىمىزنى قارتىدىغىنىمىز 达人سۆزى بولۇپ بۇ سۆزنى ئىستىمال قىلغاندا سۈپەتلىك خاراكتىرى بويچە كەڭ قورساق ئادەم ، غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم دىگەن تەرجىمىسى بايام ئۇستىدە بايان قىلغىنمىز بويچە ، ئىنكار قىلىندۇ ، يەنى بۇ سۆز مەنىسى بۇ سۆز بىركمىسىدە ئشلىتىلمەيدۇ ، ياكى ئىستىمال قىلىنمايدۇ .
يەنە بىر تەھلىل ئېلىپ بارساق ئالدىنقى سۆز پويىز بېلىتى بىلەن كىينكى سۆز كەڭ قورساق ئادەم ئارسىدا پەقەت بېلەت ئېلىش ياكى سېتىش مەسلىسىلا مەۋجۇت .ئەمىليەتتە ئادەم بىلەن بىلەن بېلەتنڭ ئارسىدا ئەسلىدىمۇ ئالغۇچى ياكى ساتقۇچى بولىدۇ .باشقا بېلەت تەكشۈرگۈچى ، يىغقۇچى ،....دىگەندەك سۆزلەرنى بۇيەردە تەھلىل قىلىش بىھاجەت .
达人سۆزنى بىر يەنە 达 + 人 سۆزىگە پارچىلىساق . 达 سۆزىنىڭ لوغەت مەنىسى 1) قاتنىماق، بارماق (2) يەتمەك، ئېرىشمەك، يېتىشمەك (3) پىششىق بىلمەك، ئېنىق بىلمەك (4) ئۇقتۇرماق، ئىپادىلىمەك (5) ئېسىلزادە (6) دا (فامىلە)بولىدىكەن .
人سۆزىنىڭ لوغەت مەنىسى بولسا (1) ئادەم، كىشى (2) ئىنسان (3) شەخس (4) توختىغان كىشى، ياش قۇرامىغا يەتكەن كىشى (5) مەلۇم خىلدىكى كىشى (6) باشقىلار، خەق، ئۆزگە (7) ھەر بىر كىشى، ھەممە ئادەم (8) خاراكتېر، خۇلق، مىجەز، ئەخلاق (9) كەيپ، تاۋ (10) كىشىلىك ئالماش بولۇپ كېلىدۇ (11) يۈز، ئابروي.بولۇپ بۇئىككى سۆزنى بىركتۈرۈشتە ئالدىنقى سۆز 火车票بىلەن قانداق باغلىنشتا بولسا توغرا بولدىغانلىغىنى تەھلىل قلىساق .ئالدىنقى تىمىمىزدا دىيلگەندەك ساتقۇچى ۋە ئالغۇچى مۇناسىۋىتىدن باشقا مۇناسىۋە مەۋجۇت بولمايدىكەن مۇشۇلارنى نەزەردە تۇتۇپ . تۆۋەندىكىدەك تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۈم .
1.پويىز بېلەت ساتقۇ (بۇنداق دىيشتە بېلەت ساتىدىغان تور بىكەتلەر . بېلەت ئالمايدۇ لىكىن پويىز بېلەت سۈرۈشتۈرۈش،قايتۇرۇش ........ۋاھا كازا مەنىسى چىقمايدۇ)
2.پويىز بېلەت ئۇقتۇرغۇسى (بۇنداق دىيشتە 达سۆزىنىڭ ئۇقتۇرۇش دىگەن مەنىسى ئىستىمال قىلىندى . بىر قەدەر كەڭرەك مەنىنى بىلدۈرەلىسىمۇ لىكىن .سېتىش .سېتىۋلىش مەنىسى چىقمىدى )
3.پويىز بېلەت بىلدۈرگىسى (ئۈستىدى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش . ئاساسلىندىغىنىمىز . بېلەت ئەھۋالنى بىلىپ بولغاندىن كىيىن سېتىۋىلىش سېتۋالماسلىق كىينكى ئىش )
بۇ تەرجىمىلەر سۆز مەنىسدىن سەل چەتنەپ كەتكەن بولسا ئۇقۇم دائىرسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خېلى ماس كېلىدۇ دەپ قارايمەن . بۇ سۆزلەرگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل يېزىق كۆمىتىتىنىڭ سۆز تۈزەپ بېرشىنى كۈتۈپ تۇرساق بەك كېچىكىپ كېتىدىغان ئوخشايمىز . شوڭلاشقا تورداشلارنىڭ پىكىر بېرشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
|
|