- جۇغلانما
- 2418
UID931
تىزىملاتقان2011-4-16
ئاخىرقى قېتىم2013-8-29
توردا1239 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2418
- ئاقچا
- 3
|
ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە سالام! يېقىندا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ HTC A310e تېلفونىغا ئۇيغۇرچە تونۇش جەريانىدا توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ Sony نىڭ تەگلىكى قېتىلغان روم ئۇچراپ قالدى . قاچىلاپ باقسام ئۇيغۇر تىلى قېتىلغان 4.1 نەشىردىكى روم ئىكەن( بۇ تېلفوننىڭ توردىكى نۇرغۇن روملىرى ئاساسەن 2.3 ئىكەن) . شۇڭا مۇشۇنداق تېلفونى بار قېرىنداشلار پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويماقچىمەن. رومدىن بىر قانچە كۆرۈنۈش:
بۇ رومنى چۈشۈرۈپ بولۇپ قاچىلاي دېسەم تېلفوننىڭ Recovery سى يوقكەن . شۇنىڭ بىلەن ماۋۇ بەتتىكى Recovery نى چۈشۈرۈپ ئاندىن 梦想HTC刷机小助手2.1 دېگەن قورالنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يېشىپ، چۈشۈرگەن Recovery نى مۇشۇ قورالنىڭ يېشىلگەن ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە تاشلاپ، تېلفوننى fastboot ھالەتكە ئەكىلىپ ئاندىن چۈشۈرگەن قورال نى ئېچىپ 4 بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ جەزىملىسەم خەنچە Recovery يېزىلىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن Recovery دىن تېلفوننى قوش تازىلىۋېتىپ، رومنى قاچىلاپ ئىككى ئۇيغۇرچە فونتنى ئالماشتۇرۋەتسەم ئىش پۈتتى. بىر كام يېرى «ى»، «ې» ھەرپى ئايىغىدا كېلىپ قالسا ئۈزۈك چىقىپ قالدى. ( بۇ تېلفوننىڭ ئۇيغۇرچىنى مۇشۇنچىلىك تونۇشىمۇ چوڭ ئىش )
梦想HTC刷机小助手2.1 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى :

كۆرۈنمە يۈزىدىكى خەتنى ھەممىڭلار چۈشىنىدىغان بولغاندىكىن مەن ئۇنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرسام قاملاشماس. قايسى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماقچى بولسىڭىز رەقەمنى كىرگۈزۈپلا Enrer نى ئۇرسىڭىز بولىدۇ.
خەنچە Recovery نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
梦想HTC刷机小助手2.1 قورالىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ (چۈشەندۈرۈلىشى بۇ يەردە )
4.1 رومىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
خەنچە بىلىدىغانلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن جېق چۈشەندۈرۈپ كەتمىدىم. بىلەلمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس شەكىلدە يازساڭلار بولىدۇ. |
|