- جۇغلانما
- 671
UID8142
تىزىملاتقان2012-6-18
ئاخىرقى قېتىم2014-1-30
توردا139 سائەت
باشقۇرغۇچى
  
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 671
- ئاقچا
- 1
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق قىرىنداشلار...ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام!
ئۇزۇن گەپنى ئاز قىلىپ گىپىمنى داۋام قىلاي...مەن مۇشۇ تور بېكەت دىگەن نەرسىگە بەكلا قىزىقىپ قىلىپ مۇشۇ ئاندرويد تىلفۇنلارنىڭ ئەپلىرىنى چۈشۈرۈشكە ئائىت بىرەر تال بېكەت ئىچىپ قوياي دەپ تۆۋەندىكىدەك بىر دانە ئەپ بازىرىنى ئىچىپ باقتىم.بۇ پەقەت PHP لىق بەت سېستىمىسى بولغاچقا بەت يۈزىدىكى خەتلەرنى ھازىرچە تەرجىمە قىلمىدىم...پەقەت مۇشۇ ئەپ بازىرىنى مۇكەممەل قىلىپ بولغاندا ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلىۋەتسەم سائەت ۋاقتىم كەتمەيدۇ بۇنىڭغا....ھازىر پەقەت شۇ بەتنىڭ توغۇرلايدىغان جايلىرىنى...ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرىدىغان جايلىرىنى تەڭشەپ ئەپلەرنى يوللاپ سىناق تەرىقىسىدە مانداق ھالەتكە ئەكىلىپ باقتىم.
ئاۋۋال بۇ ئەپ بازىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى!
ھازىرچە مۇشۇنداق ھالەتكە ئەكەلدىم....ئاۋۋال بەتكە يوللايدىغان ئەپلەرنى يوللاپ توشقۇزۇپ نورماللاشتۇرغاندىن كىيىن ئاندىن بەتنىڭ ھەممە جايلىرىنى ئۇيغۇرچە قىلىمەن.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال قىلىپ مۇشۇ ئالىپ تورىدىكى ئۇستازلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئىلىپ زادى تارقىتىشقا بولامدۇ-بولمامدۇ؟؟؟ئاۋۋال چوڭلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاي دەپ مۇشۇ جايغىلا كەلدىم.
يەنە بىرسىگە مۇشۇ ئەپ بازىرىنى تارقاتساق بولىدىغان ئىش بولسا مەن يەنىلا مۇشۇ ئالىپ تورىدىكى ئۇستازلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىمەن ئەلۋەتتە.مەسىلەن:مەن ئۆزەم يالغۇز بۇ بەتكە ئەپ توشتۇرۇپ بولالمايمەن.پەقەت مۇشۇ ئالىپتىكى ئۇستازلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۆزلىرى ياسىغان،ئۆزلەشتۈرگەن ياكى ئەھمىيىتى بار دەپ قارىغان ئەپلەرنى ماڭا تەمىنلەپ بەرسە ئاندىن تىخىمۇ كۆپلىگەن ئەپلەرنى مۇشۇ ئەپ بازىرىغىلا يىغىپ ئاندىن بىرلا تارقىتاي دىگەننى ئويلىغانتىم.
ھازىر بۇ ئەپ بازىرىدا بار بولغان ئەپلەرنىڭ سانى 7000 دىن ئاشىدۇ.ئاساسى جەھەتتىن خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى ئەپلەر.ئۇيغۇرچە ئەپتىن بىر نەچچىنى يوللىدۇم...پەقەت ئۆزەم ئۆزلەشتۈرگەن ئەپلەر ئىدى.باشقا ئەپلەرنى يوللىماي تۈردۇم...شۇڭلاشقا ئاۋۋال ئۇستازلارنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ بىقىپ ئاندىن تەرەققي قىلدۇرۇش ياكى تاشلىۋىتىشنى قارار قىلاي دەپ قىلۋاتقان بارلىق مەشخۇلاتلارنى مۇشۇ يەرگىچە توختۇتۇپ قويدۇم.
ئەمسە ئاۋۋال بۇ ئەپ بازىرىنى چۈشۈرۈپ يانفۇنغا قاچىلاپ سىناپ كۆرۈڭلار.
ھۆججەت چوڭ دەپ قوشۇمچە يوللىغىلى بولمىدى.چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرۇي:http://www.ditallar.net/ditallar.zip
ئىشلىتىۋاتقان بوشلۇقۇم ئەپ ھۆججىتىنى قوللىمىغاچقا كىڭەيتىلگەن نامىنى zip قا ئۆزگەرتىپ قويدۇم.چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن كىڭەيتىلگەن نامىنى apk غا ئۆزگەرتىپ قاچىلىساڭلا نورمال قاچىلىندۇ!
قىنى ئەمسە قىرىنداشلار...قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىلارنى ئايىمىغايسىلەر!!!! |
|