ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى. نەچچە كۈن ئالدىدا دىتال ئىزدەۋېتىپ مانا بۇ ئىلىكتىرونلۇق ئاپشاركىنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم. ئىشلىتىپ كۆرسەم خېلى بوپ قالىدىكە. شۇڭا ئالىپتىكى دوسلانى پايدىلانسىكەن دەپ بۇ يەردە تىما يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
دىتالنىڭ ئالاھىدىلىكى: ماشىنا ھەيدەپ ماڭغان ۋاختىڭىزدا ئالدىڭىزدىكى يول ئەھۋالىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىدۇ. مەسىلەن: مەكتەپ يول بۈلىكى،ماي قاچىلاش پونكىتى،خەتەرلىك يول بۈلىكى،ساقچى ماشىنلىرى دائىم چارلايدىغان يول بۈلىكى،سۈرئەت چەكلەنگەن يول بۈلىكى،مۇقۇم ئورنىتىلغان سۈرئەت ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى(يوللاردىكى يۇشۇرۇن قۇيۇلغا سۈئەت ئۆلچەش ئۈسكۈنىسنى سىزەممەيدىكەن). يولاردىكى كۈزۈتۈش ئاپاراتى،ھادىسە كۆپ يۈز بىرىدىغان يول بۈلىكى،قىزىل چىراقنى بېسىپ ئۈتۈش ئاپاراتى......... قاتارلىقلارنى 800 مىتىر دائىرىدە سۈرئەتلك(مىنىڭكىدە ئەڭ يىراق بولغاندا 1200 مىتىر دائىرىدە كۆرسۈتۈپ بەردى)كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ، 400 مىتىر دائىرىدە ئاۋازلق ئەسكەرتىپ بىرىدۇ.(خەنزۇ تىلىدا ئەسكەرتىش بىرىدۇ). تېلفۇنىڭىزنىڭ تور ئېقىمىنى ئاشمىسىڭىزمۇ تورسىز مۇھىتتا نورمال ئىشلەۋېرىدۇ، بىراق ئالدىنقى شەرتى تېلفۇنىڭىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى (GPS) ئۇچۇق تۇرۇشى كېرەك. بولمايدىكەن دىتال سىزنىڭ ئورنىڭىزنى بىكىتەلمەيدۇ. مانا بۇلا دىتالنىڭ كەسمە يۈز كۈرۈنىشى.
قوزغۇلۇش ھالىتى
سۈرئەت چەكلەنگەن رايۇن
ھادىسە كۆپ يۈز بىرىدىغان رايۇن
قىزىل چىراقنى بۈسۈش ئاپاراتى
ماي قاچىلاش پونكىتى
مەكتەپ يول بۈلىكى
چۈشۈرۈش ئادېرسى:http://pan.baidu.com/share/link? ... 3&uk=1529883232 تەرجىمە قىلىپ يوللاي دىسەم مەندە تېىخ ئۇ جەھەتتە ئازراقمۇ ئۇماچ يوق شۇنداق بولسىۇ دوسلانىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. لازىم بولسا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلە. |