- جۇغلانما
- 1991
UID4621
تىزىملاتقان2011-12-6
ئاخىرقى قېتىم2015-6-2
توردا451 سائەت
ئالىي ئەزا
HUAWEI C8813Q

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1991
- ئاقچا
- 10
|
مەن بۈگۈن سىلەرگە شۇنداق ئېسىل ئەپتىن بىرنى ئېلىپ كەلدىم، ئۇ بولسىمۇ يانفوندا PHP مۇھىتى ھازىلاش قورالى، تىلى ئىنگىلىزچە، ئاندىرويىد مۇھىتىدا ئىشلەيدۇ. سىز بۇ ئەپنى قاچىلاپ ئىجرا قىلىش ئارقىلىق خۇددىي كومپىيوتېردىكى PHP+MYSQL مۇھىتىغا ئوخشاش مۇھىتقا ئېرىشەلەيسىز، ئەمدى سىز بىكار ۋاقتىڭىزدا يانفوندىمۇ پىروگىرامما تۈزەلەيسىز...دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى مۇشۇنداق قوزغالسا نورمال ئىجرا بولغان بولىدۇ
قاچىلاشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرقانچە نۇقتا:
1.يانفونىڭىزنىڭ سەپلىمىسى نورمالدىن سەل يۇقىرى بولىشى كېرەك(ھەر ھالدا سىناپ بېقىڭلار)
2.مۇلازىمىتىرنى ئاچقاندا تور چوقۇم ئوچۇق ھالەتتە بولىشى كېرەك، بولمىسا نورمال ئىجرا بولمايدۇ(خاتىرجەم بولۇڭ، ئېقىم مىقدارى كۆپ سەرىپ بولمايدۇ)
3.PhpMyAdmin نى تۇنجى قېتىم قوزغاتقاندا توردىن ئاپتۇماتىك چۈشۈرىدۇ، سىغىمى 6 مېگابايتتىن سەل چوڭ، ئامال بار Wifi شارائىتىدا چۈشۈرۈڭ، ياكى كومپىيوتېردا چۈشۈرۈپ SDCard نىڭ htdocs دىگەن مۇندەرىجىسى ئاستىغا كۆچۈرۈپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ(ئادەتتە بەتلەرنى مۇشۇ مۇندەرىجىگە قويۇپ ئىجرا قىلىسىز)، ئامال بار دېتالنىڭ ئۆزىدىن چۈشۈرۈڭ.
4.يانفونىڭىز چوقۇم Root ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولىشى كېرەك.
ئەپنى ئىشلىتىش:
ئەپنى قاچىلاپ بولۇپ تۇنجى قېتىم ئىجرا قىلغاندا تور ئۇچۇق ھالەتتە بولىشى كېرەك ۋە سەل ساقلىشىڭىز كېرەك.
ئەپنى قوزغىتىشتىن بۇرۇن تورنى ئېچىڭ، ئاندىن قوزغىتىڭ، ئۈستىدىك رەسىمدىكىدەك قوزغالسا ئەپ نورمال ئىجرا بولغان بولىدۇ، نورمال ئىجرا بولمىسا كونۇپكىلار ئىشلىمەيدۇ.
ئەپ نورمال ئىجرا بولغاندا GO TO دىگەن كونۇپكىنى چېكىپ تور كۆرگۈنى تاللاپ بەرسىڭىز PHP مۇلازىمىتىرنىڭ قارشى ئېلىش بېتىگە كىرەلەيسىز. SQL SHELL نى چەكسىڭىز SQL جۈملىسى ئىجرا قىلىش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. تور كۆرگۈدىن بىۋاستە Http://localhost:8080 نى كىرگۈزۈپمۇ PHP مۇلازىمىتىرنىڭ قارشى ئېلىش بېتىگە كىرەلەيسىز(بەزى تور كۆرگۈلەر قوللىماسلىقى مۇمكىن) سىز ئۆزىڭىز ياسىغان بەتلەرنى SDCard(يەنى ساقلاش كارتىسى) نىڭ ئىچىدىكى htdocs دىگەن مۇندەرىجە ئاستىغا قويسىڭىز بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق htdocs دىگەن مۇندەرىجىدىكى Index.php ھۆججىتىنى سىزگە ئىجرا قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قالغىنىنى يانفونىڭىزغا قاچىلاش جەريانىدا ھېس قىلىڭ، مېنىڭ ئىنگىلىزچە سەۋيەم تازا ياخشى ئەمەس، بولسا تورداشلارنىڭ تەرجىمە قىلىپ قويىشىنى سورايمەن. |
|