- جۇغلانما
- 1014
UID710
تىزىملاتقان2011-3-26
ئاخىرقى قېتىم2015-3-18
توردا77 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1014
- ئاقچا
- 34

|
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساش ئەمدى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. مۇھىم بولغىنى ئۇيغۇرچە كۆركەم خەت نۇسخىسىنىڭ كەملىكى.
بۇرۇن مەن خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ياساپ ھەقسىز تارقاتقان ئىدىم. يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنى قوزغىتىپ Unicode لىق تېكىست يازغان ۋاقتىمىزدا ئەڭ دەسلەپتىلا UKIJ Nasq ناملىق خەت نۇسخىسى تاللىنىدۇ. بۇ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باققانلار دىققەت قىلدىڭلارمىكى. بۇ خەت نۇسخىسى باشقا خەت نۇسخىسىغا ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن: بىر قىسىم ھەرپلەر ئۇلىنىپ كەلگەندە ئاپتوماتىك ھالدا شەكلى ئۆزگىرىدۇ.
مەن FontCreator 5.6 ئارقىلىق بۇ خەت نۇسخىسىنى ئېچىپ كۈرۈپ باقتىم. ھەقىقەتەن خەت نۇسخىسى ئىچىدە يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ش ھەرپى بىلەن م ھەرىپى ئۇلىنىپ كەلگەندىكى شەكلى ۋە يۇقارقىدەك لى لج دىگەندەك ھەرپلەرنىڭ خەت ئامبىرى ئىچىدە بارلىقىنى بايقىدىم.
مىنىڭ بۇ يەردە سورىماقچى بولغىنىم ئاشۇنداق «ل» ھەرىپى بىلەن «ى» ھەرىپى، «ل» ھەرىپى بىلەن «ج» ھەرىپى ئۇلىنىپ كەلگەندە ئاپتوماتىك ھالدا ئاشۇ كودقا ئايلىنىدىغان جەرياننى خەت ئامبىرى ئىچىدە قانداق ھەل قىلىمىز؟
مەن بىر پارىسچە خەت نۇسخىسى تاپقان ئىدىم، ئۇ خەت نۇسخىسى ئىچىدىمۇ ئاشۇنداق ھەرپلەر بار ئىكەن. ئۈزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساي دىگەن ئىدىم. ئەگەر بۇ ئۇسۇلنى بىلىدىغانلار بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار ئۇيغۇرچە ھۆسىنخەت شەكلىنى ياساپ چىقماقچى ئىدىم.
|
|