- جۇغلانما
- 8796
UID8231
تىزىملاتقان2012-6-21
ئاخىرقى قېتىم2015-6-1
توردا5926 سائەت
ئالى باشقۇرغۇچى
ئەلتەر ئەپ بازىرى
  
- نادىر
- 6
- جۇغلانما
- 8796
- ئاقچا
- 0
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-25 01:18
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!
ئالپ تورى قۇرۇلغاندىن بېرى نۇرغۇن دوستلارغا يانفۇن ، كومپىيوتىر توغرىسىدا نۇرغۇن بىلىملەرنى بېرىپ ، ئۇچرىغان مەسىللىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىپ كىلىۋاتىدۇ ، بىراق يەنە بەزى تورداشلارنىڭ بەزى تېمىلىرى مەقسەت ئېنىق بولماسلىق، تەكرار يوللىنىش، يەنە بەزى سەۋەپلەردىن تەستىقلانماي قىلىۋاتىدۇ ، بەزى تورداشلار كىچىك ئىشلارنى سوراشنى بىئەپ كۆرۈپ ياكى تەستىقلانماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تېما يوللىيالمايۋاتىدۇ، يەنە بەزى تورداشلار تېما يوللاشتا قىينىلىدۇ.شۇڭا ئەركىن مۇنازىرە قىلىدىغان تېما يوللاشنى لايىق كۆردۈم . ھەرقانداق مەسىلىلەر ، يۈرەكتىكى گەپلەر ياكى باشقا كىچىك تەستىقلانمىغان تېمىلار بولسا بۇ تېمىغىلا ئىنكاس شەكلىدە يوللىساڭلار ، بىلىدىغانلار ئىنكاسىڭلارغا قايتۇرۇپ ئىنكاس يوللاپ ھەل قىلىشىپ بەرسەك ياكى مەسلىھەتلىشىپ بەرسەك ، مەسلىھەتىڭلار بولسا ئاڭلاپ بەرسەك بولىدۇ .
تېما ھەققىدە:
1.تېما ماۋزۇسىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ ، بۇ بىر ئەركىن مۇنازىرە قىلىدىغان تېما ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەرقانداق مەسىلە ، تەكلىپ-پىكىر، يۈرەكتىكى سۆزلەر، بىرەر كوپلىت شېئىر ، بۇرۇن تەستىقلانمىغان تېمىلار، ئەلەي بەلەي ھەرقانداق گەپ بولسا ئەركىن ئازادە يوللىساڭلار ، مۇنازىرە قىلساڭلار بولىدۇ ، ئىنكاسنى تەستىقلاش ھاجەتسىزلىكىنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر، تېمىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بىرەر مەسىلىگە ياردەم قىلىش قولۇڭلاردىن كەلسە جاۋاپ قايتۇرىۋىتىپ ئۆتسەڭلار ، باشقىلارمۇ جاۋابىڭلار ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنازىرە ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
2. ئىنكاس قايتۇرغاندا رەسىم ياكى باشقا نەرسىلەرنى قىستۇرماقچى بولساڭلار ( ئالىي ئىنكاس ) دېگەننى بېسىپ ئىنكاسىڭلارنى تېما يازغاندەك تەھرىرلىسەڭلار بولىدۇ.
3.بۇ تېما گەرچە ئەركىن ئازادە مۇنازىرە تېمىسى بولسىمۇ ئالپ تورىنىڭ قائىدىسىگە بويسۇنمىساق بولمايدۇ، يەنى ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
4. بۇ تېما ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا يەنە نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرى ھەل بولىشى مۇمكىن ، ئىنكاسلارغا نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلەر ، بىلىملەر چۈشۈشى مۇمكىن ، شۇڭا تېمىنىڭ چۆكۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تېما ئاخىرىدىكى ( قوللايمەن ) دېگەننى بىر بېسىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەمسە مۇنازىرىنى باشلايلى ، قېنى مەرھەممەت ! |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|