|
ئىلاۋە: نۆۋەتتە بۇ خىل ۋىرۇس قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان يانفون قوللىنىش ئەپ پىروگراممىلىرىنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، ئاندىن يەنە < پەردازلاپ> قوللىنىش ئەپ پىروگراممىلىرى تور دۇكانلىرىغا چىقىرىلغان ئىكەن.
بەلكىم نۇرغۇنلىغان يانفون ئابونتلىرى ئەخلەت قىسقا ئۇچۇرلارنى شۇنداقلا نامەلۇم كىشىلەردىن كېلىدىغان تېلىفونلارنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن، يېقىندا ئاز بولمىغان يانفون ئابونتلىرى مۇخبىرغا ناتۇنۇش كىىشلەر قانداق قىلىپ بىزنىڭ يانفون نومۇرىمىزنى بىلىۋالغان بولىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يانفون ئابونتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدە ئاساسلىقى يانفون ۋىرۇسلىرى ئاساسىي رول ئوينايدىكەن.0 X# [6 g, N( P2 N
تۈنۈگۈن جىنشەن ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش شاھى بىخەتەرلىك مەركىزى يېڭى بىر خىل ئاندىرويىد يانفون ۋىرۇسى- < قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىش ئەرۋاھى> دەپ ئاتالغان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈپ بايقاپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل ۋىرۇس يانفونلاردا ھەمىشە چىقىۋالىدىغان يامان غەرەزلىك ئېلانلارغا قىستۇرۇۋېلىپلا قالماي بەلكى يەنە يانفون ئابونتلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش خاتىرىسنى ئوغرىلىۋېلىپ، ئاندىن مۇشۇ ئالاقىلىشىش خاتىرىسىگە ئاساسەن، يانفون ئابونتىنىڭ قىياپىتىگە ياكى داڭلىق سودا كارخانىلىرىنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىپ باشقىلارغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدىكەن.
ئۇچۇر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىل ۋىرۇس قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان يانفون قوللىنىش ئەپ پىروگراممىلىرىنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، ئاندىن يەنە < پەردازلاپ> قوللىنىش ئەپ پىروگراممىلىرى تور دۇكانلىرىغا چىقىرىلغان ئىكەن. شۇڭلاشقا ئاندىرويىد سېستىمىلىق يانفون ئابونتلىرى توردىن يانفونىغا ئويۇن قاتارلىقلارنى چۈشۈرگەندە ھەرگىز بىخەستەلىك قىلىپ ئالدىنىپ چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى لازىم ئىكەن. تۈنۈگۈن بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغىچە بولغان ۋاقىتقىچە، جىنشەن ۋىرۇس تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بۇ خىل يېڭى تىپلىق يانفون ۋىرۇسىنىڭ ساختا ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىش ئىقتىدارى ۋاقتىنچە ئېتىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ۋىرۇسلار ھازىرچە رەسمىي ئالدامچىلىق قىلمىشىنى يۈرگۈزمىگەن ئىكەن.
بۇ خى يېڭى تىپلىق يانفون ۋىرۇسى ئاندىرويىدلىق يانفونلارغا يۇققاندىن كېيىن، شۇ يانفوندا ساقلانغان ئالاقىلىشىش خاتىرىسىنى ئوغرىلاپ، ئاندىن مەزكۇر يانفون ئىگىىسنىڭ نامىدا ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش خاتىرىسىدىكى كىشىلەرگە يالغان قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئالداپ قاقتى سوقتى قىلىدىكەن، شۇنداقلا يەنە يانفون قوللىنىش ئەپ پىروگراممىلىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، يانفون ئابونتلىرى توردىن قوللىنىش ئەپ پىروگراممسى چۈشۈرگەن ۋاقتىدا، مۇشۇ ئەپ پىروگراممىلىرى بىلەن بىللىلا يانفونغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، شەخسىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش ئارقىلىق ئالدامچىلىق ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، شۇڭلاشقا بىز كەڭ يانفون ئىشلەتكۈچى دوستلارنىڭ توردىن يانفون قوللىنىش ئەپ پىروگراممىسى چۈشۈرگەن ۋاقتىدا چوقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، بىخەستەلىك قىلماسلىقىنى، شۇنداقلا يانفون ئىشلىتىش جەريانىدا چوقۇم يانفونىغا ۋىرۇستىن ساقلىنىش ھەم ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش دېتاللىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مەنبە:ئۇيغۇر يانفۇن تورى
www.uyphone.com |
|