- جۇغلانما
- 983
UID10863
تىزىملاتقان2012-10-10
ئاخىرقى قېتىم2014-11-29
توردا285 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 983
- ئاقچا
- 1

|
يېقىندا بەزى تورداشلار خەت يېزىپ مەزكۇر تېلفۇنغا روم قاچىلىغاندىن كېيىن Failed to boot2 دېگەندەك كاشىلا كۆرۈلۇپ،قوزغىتالمىغانلىقىنى ئېىيتقانلىقتىن بۇيەردە بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تەپسىلى چۈشەندۈرمىسەممۇ،دېيىلگىنى بويىچە قىلسىلا بولىدۇ.
لازىملىق دېتاللار: موتورولا Fastboot دېتالى،boot.img ھۆججىتى چۈشۈرۈش
يۇقىرىدىكى پرس ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ مەلۇم بىر دېسكا رايۇنىغا يېشىپ، بۇيرۇق كۆزنىكىگە كىرىپ (دوس دېگەن شۇ) بۇيرۇق كۆزنىكىدە بايامقى پىرس ھۆججەتنى يەشكەن مۇندەرىجىگە كىرىپ، ئاندىن تېلفۇننى Fastboot ھالىتىگە ئەكىرىپ،كومپيۇتېرغا ئۇلاپ بۇيرۇق كۆزنىكىگە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يېزىپ،ئىجرا قىلىۋەتسەكلە بولىدۇ:
fastboot flash boot boot.img
خوش بۇنىمۇ مىسال بىلەن يېزىۋېتەي،بولمىسا يەنە گەپ ئاۋۇمىسۇن.
تېلفۇندا يۇقارقى كاشىلا كۆرۈلگەندە تېلفوننىڭ باتارىيىسىنى ئېلىۋېتىپ،ئاندىن سېلىپ، ئاۋاز يۇقۇرلىتىش كۇنۇپكىسى بىلەن ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇرۇپ،ئاندىن مەنبە كۇنۇپكىسىنى باسساق تېلفۇن fastboot ھالىتىگە كىرىدۇ.
ئاندىن تېلفۇننى كومپيۇتېرغا چېتىپ، دوس كۆزنىكىنى ئېچىپ (يەنى ئىجرا قىلىشقا cmd دەپ يازساق چىقىدۇ) ، بايامقى پىرىس ھۆججەتنى يەشكەن مۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ، fastboot flash boot boot.img
ئاشۇ بۇيرۇقنى بىر ئىجرا قىلىۋەتسەك بولىدۇ.بۇنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ئاساس بەلۋاغنى قايتا يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. |
|