ئالىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 146 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 527|ئىنكاس: 2

رامىزانلىق سوۋغات جاۋا يانفۇنلىرى ئۈچۈن ئاۋازلىق قۇرئان كەرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
0
توردا
11 سائەت
دوللار
27
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-9
ھوقۇقى
20
نادىر
0
جۇغلانما
59
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 08:14:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بۇرادەرلەر جاھاندارچىلىقنىڭ ئالدىراشلىقى ۋە سالامەتلىكىمنىڭ ياربەرمەسلىكى  سەۋەپلىك كۆرۈشمىگىنىمىزگىمۇ ئىككى ئاي بۇلۇپ قالاي دەپتۇ . بۇقېتىم مەن سىلەرگە ئالاھىدىرەك سوۋغاتتىن بىرنى تەييارلاپ كەلدىم ، بەلكىم < ئالاھىدىرەك > دىگەن بۇ سۆزنى كۆرۈپ بەلكىم دىتالنىڭ ئۈزىنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتقان بۇلىشىڭلار مۇمكىن ، لىكىن چۈشەندۈرلىشىنى كۆرمەي تۇرۇپ ھەرقانداق نەرسىدىن تۇلۇق پايدىلىنىش مۇمكىن ئەمەسلىكى كۆپچىلىككە مەلۇم . بۇدىتالنى (مەن يانفۇننىڭ سۆزلىشىش ئىقتىدارىدىن باشقا ئىقتىدارلىرىدىن تۈزۈكرەكمۇ پايدىلىنىشنى بىلمەيدىغان كۈنلەردە ) بىلوگىمىزدىن (بۇرادىرىم) پارتىزان ئۇيغۇرلاتىن يېزىقىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تارقاتقان . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەن ئۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ كۆپچىلىككە سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمەن بۇبولسىمۇ جاۋا قوللايدىغان يانفۇنلار ئۈچۈن ئاۋازلىق قۇرئان كەرىم .
مەزكۈر قۇرئان دىتالىنىڭ ئىقتىدارى ؛ سۈرە ئىچىدىن بەلگىلەپ بەرگەن مەلۇم بىر ئايەتنى ياكى بىرقانچە ئايەتنى قايتا-قايتا ئۇقۇش ، ئالدى-كەينىگە ياندۇرۇپ ئۇقۇش ، خالىغانچە توختىتىش ، كەلگەن ئۇرۇننى ساقلىۋېلىش ۋە ئۇقىلىۋاتقان ئايەتنىڭ ئەرەپچە يېزىقىنى ۋە تەرجىمىسىنى (تەرجىمىسى ھازىرچە ئىنگىلىسچە) ئاۋاز ھۆججىتىگە ماس ھالدا كۆرسىتىپ بىرىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بۇدىتال يۇقىرىقى ئىقتىدارلىرى بىلەن (گەرچە ئەرەپچە يېزىق ھۆججىتى ئانچە كۆركەم بولمىسىمۇ قۇرئان ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ياردەمچى بۇلالايدۇ ۋە جاۋا قوللايدىغان يانفۇنلارنىڭ ھازىرغىچە ئاۋازلىق قۇرئان دىتالى يوق بۇلۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرالايدۇ. (uQuran ۋە iQuran قاتارلىق جاۋا فورماتىدىكى دىتاللار بولسىمۇ لىكىن مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇنىڭ ئاۋاز ھۆججەتلىرى تۇلۇق ئەمەس.)
دىتالنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى ؛ دىتالنى ئەسلى تارقاتقۇچى قۇرئان كەرىمنىڭ 30 - پارىسى (78 -سۈرىدىن114 -سۈرىگىچە بولغان) ھالەتتىلا تارقاتقان ئىكەن ئىزدىنىش ئارقىلىق 60 - سۈرىدىن 77- سۈرىگىچە تۇلۇقلاندى ئەسلىدىكى ئاۋاز (تەرتىل قىرائەت) ھۆججىتى پەقەت 30 -پارىنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن چىقىرىۋىتىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا داڭلىق قارى مەشارىي بىن راشىدىل ئەفاسىي نىڭ قىرائىتى قۇيۇلدى ، دىتالنىڭ تىل ھۆججىتى ئۈچۈن بۇردىرىم پارتىزان تەرجىمە قىلغان تىل ھۆججىتى قايتىدىن تەھرىرلىنىپ ئۇيغۇرچە ۋە ئۇيغۇر لاتىنچە ھالەتكە كەلتۈرۈلدى، دىتالنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى شۇ بولدىكى ئاۋاز ھۆججىتىنى باشقا ئۇرۇنغا (سىغىم كارتىغا ياكى يانفۇننىڭ سىغىمىغا) قويغاندا ئاۋازى چىقمىغانلىقتىن دىتال سىغىمىنىڭ چۇڭىيپ كەتمەسلىكىنى ئويلىشىپ (سىغىمى 20 مىگابايىتىىن ئېشىپ كەتكەندە نۇرمال يۈرۈشمەسلىك سەۋەبىدىن) بىرنەچچە بۈلەككە بۈلىۋىتىلدى، ھازىرتەمىنلەنگەن 60 -سۈرىدىن 114 - سۈرىگىچە بولغان بىر بۈلىكى نۇرمال ئىشلەيدۇ. دىتالنىڭ قالغان بۈلەكلىرى ئاللاھ خالىسا رامىزان ئېيىنىڭ بىرىنجى ۋە ئىككىنجى ھەپتىسى ئىچىدە تارقىتىلىدۇ.
مەزكۈر دىتالغا مۇناسىۋەتلىك كىيىنكى پىلانلار؛ 1- دىتال دەسلەپكى قەدەمدە تۇلۇق تارقىتىلىپ بولغاندىن كىيىن بۇرۇنقى ئېنگىلىسچە تەرجىمە ھۆججىتى چىقىرىۋىتىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججىتى قۇيۇلىدۇ ۋە تورداشلارنىڭ تەلىپى ھەم تەمىنلىشىگە ئاساسەن ئاۋاز ھۆججىتى (قىرائەت نۇسقىسى) ئالماشتۇرىلىدۇ.
2- قۇرئان كەرىمنىڭ ساپ ئۇيغۇرتىلىدىكى يانفۇن دىتالى بولمىغانلىقتىن (يانفۇندا كۆرگۈچىلەر پەقەت ھەرخىل شەكىلدىكى ئىلكىتاپ ھالەتتە كۆرۈپ كىلىۋاتىمىز) باشقا ماس ھالدىكى دىتاللاردىن پايدىلىنىپ ئانا تىلىمىزدىكى قۇرئان كەرىم تۈزۈپ چىقىلىدۇ(جاۋا فورماتىدا).

ئىلاۋە ؛ ئەزىز تورداشلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ  dat ، html ، txt  فورماتىدىكى ئىلكىتاپلىرى كىتىدۇ. مىنىڭ كومپىيوتىرىم بولمىغانلىقتىن يۇقىرىقى ئىلكىتاپلارنى تەييارلاش ماڭا قىيىنغا توختايدىكەن ئىختىيار قىلغان تورداشلارنىڭ  http://www.qurankerim.com  تور بىتى تەمىنلىگەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئىلكىتاپلارنىڭ كۈرىنىشى تۈۋەندىكىدەك بولسا بۇلىدۇ؛


(1) . ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
(2) . جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللا غا خاستۇر
(3) . ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىباندۇر
(4) . قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر
(5) . (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز
(6) . بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن
(7) . غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ ئەمەس،سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا(باشلىغىن)


دىققەت ئىلكىتاپنىڭ كۆرىنىشى يۇقىردىكى بىلەن ئوخشاش بولسۇن ئامال قىلالىسىڭىز ئايەت نۇمىرىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى سانلارنى ئېلىۋىتىڭ ، باشقا يىرىدە قەتئى ئۆزگىرىش بولمىسۇن. دەسلەپكى سىناق ئۈچۈن پەقەت ئەڭ ئاخىرىدىكى 10 سۈرىنى ياسىسىڭىز بۇلىدۇ. ياساپ بولغاندىن كىيىن  zip ھالەتتە پىرىسلاپ مۇقىم بىر بوشلۇققا يوللاپ چۈشۈرۈش ئادرىسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى (  QQ  MSN ) مەزكۈر يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ.
    كامالى ئىھتىرام بىلەن : سەۋرىيار  .  QQ:858388437      MSM:sewriyar@msn.cn  

بۇ ياخشى ئىشقا كىم شىرىك بۇلىدۇ؟




يۇقىرىدا ئېيتىلغا ئاۋازلىق قۇرئان كەرىم دىتالىنى تۈۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۋېلىڭ.

http://korash.net/?p=834




















تولۇقلىما مەزمۇن (2011-7-31 08:36):
دىققەت ئايەت نۇمىرىدىكى () بەلگىسىنى ئېلى ۋەتسىڭىز بۇلىدۇ، باشقىسىنى ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز.

Rank: 3Rank: 3

توردا
32 سائەت
دوللار
184
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-11
ھوقۇقى
30
نادىر
0
جۇغلانما
311
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 11:30:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋائەلەيكۇم  ئەسسالام مەن كەلدىم بۇرادەر...

Rank: 2

توردا
11 سائەت
دوللار
27
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-9
ھوقۇقى
20
نادىر
0
جۇغلانما
59
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 02:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۈر دىتالنىڭ باشقا بۈلەكلىرىمۇ تۇلۇق ئىلان قىلىندى ۋە دەسلەپكى قېتىملىق تارقىتىش ئاخىرلاشتى، ئىشلەتكۆچىلەر بۇيەر دىن چۈشىرىۋېلىڭلار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur
تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بىلەرمەن سەھىپىسى ئېچىلدى
تورداشلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن مەخسۇس بىلەرمەن سەھىپىسى ئېچىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ياردەم سوراپ يازغان تېمىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سەھىپىگە يوللىندۇ. كومپىيۇتېر، يانفون ۋە باشقا ساھەدىن ياردەم سورىماقچى بولساڭلار بىلەرمەن سەھىپىسىگە يوللىغايسىلەر.

كۆرۈش »

رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-9-12 02:14 , Processed in 0.083637 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش