|
سەنشىڭ I9100 GALAXY SII تېلىفۇن (4.0.4نەشرى) نىڭ root نى ئاچقاندىن كىيىن، ئەرەپچە خەت نۇسقىسى DroidNaskh-Regular.TTF نى ukij ۋە alkatip خەت نۇسقىلىرىغا ئالماشتۇرۇپ كۈرۈپ باقتىم، ئۇيغۇرچە ئەپلەر، تور بەتتىكى خەتلەر شۇنداق چىرايلىق چىقتى. ھەرپلەرنى تۇلۇق تۇنۇپتۇ. شۇغىنىسى ئۈندىداردا يوللانغان ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ « ە » ھەرىپى چىقماپتۇ. باشقا ھەرپلەرنى ناھايىتى ياخشى تۇنۇپتۇ. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ ئۇستازلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇھتاجمەن. يەنە بىرسى، ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ قاچىلاي دەپ، بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى قاچىلىسام، ھەرپلەرنى ئۇلاشتۇرالماي تازا قاملاشتۇرالمىدىم. ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ توغرىسىدىمۇ كۆرسەتمە بەرسەڭلار بوپتىكەن! |
|