- جۇغلانما
- 1014
UID710
تىزىملاتقان2011-3-26
ئاخىرقى قېتىم2015-3-18
توردا77 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1014
- ئاقچا
- 34

|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-9 11:47
بىكارغا بىر نەرسە بەرسە تۈكى بار ئىكەن دەيدىغانلار ھېلىھەم بار ئىكەن - ھە! ياقتۇرمىسىڭىز ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
دەي دىسەم تېخى ... دىگەن دوستىمىزغا شۇنداق دىگىم كىلىۋاتىدۇ. بۇ دېگەن ئۇچۇر دەۋرى ، ئېلان تەشۋىقات دەۋرى. ھەممىمىز چوڭ بىلىدىغان ئابدۇكېرىم ئابلىز جېنىدا ئۈلكەرنىڭ ئېلانىغا چىقىپ نەزىرىمىزدىن چۈشتى، ئەمەلىيەتتە ئۈلكەرنىڭ مەھسۇلاتىنى يىگەنگە توپ ئادەمنىڭ پۇتىغا چاپلىشىپ قالىدىغان، يۈزىگە قۇنىۋالغان پاشىنى ئۇرۇپ قويغانغا ئادەمنى ئۇچۇرتىۋىتىدىغان ئىش يوق ئىدى. مەن ئاتايىتىن كۈچ چىقىرىپ لاھىيىلىگەن رەسىمنى باشقىلار توردىن چۈشۈرۈپ ئۈزىنىڭ ئېلانىنى بېسىپ تارقاتسا ئۇ ۋاقىتتا مىنىڭ قورسىقىم ئىسىلمەي قالامۇ؟ سىزمۇ قۇرۇق گەپ ساتقۇچە ئۆزىڭىز رەسىم لاھىيىلەپ ئېلان قوشماي تارقىتىپ بېقىڭ.
يەنە بىر قېرىندىشمىزغا:
دوپپا ئاياللارنىڭ باش كىيىمى ئەمەس دەپسىز. ئۇيغۇرلىرىمىز شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللىرى دوپپا مەدەنىيىتىنى سىزچە بولغاندا تاشلىۋىتىش كېرەكمۇ؟ بىز مۇسۇلمان دەپلا مەدەنىيىەتنى، تارىخنى ئۆزگەرتىۋىتىشكە بولامدۇ؟ ئەجىبا مۇسۇلمان بولدۇق دەپلا تارىختا ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن بۇددا دىنى ۋە شامان دىنىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى بۇزۇپ تاشلىشىمىز كېرەكمۇ؟ سىز خۇتەن دىيارىغا بېرپ بېقىڭ. دوپپا پەقەت بىرلا خىل دوپپىنى كۆزدە تۇتمايدۇ. خۇتەندە ئاياللار رومال ئۈستىگە پىيالەچوڭلىقىدىكى دوپپىلارنى قوندۇرۇپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى تاكى ھازىرغا قەدەر سالاپ كەلمەكتە. شۇڭا ئىتتىپاقلىشايلى، ھۆرمەت قىلىشايلى دىگەندەك ئەڭ ئۇلۇغ گەپلەرنى ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىز شۇنداق قىلالىغاندا ئاندىن باشقىلارغا تەشۋىق قىلىش كېرەك.
يەنە بەزىلەرگە:
ئەگەر ھەممە ئادەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت قىلىپ، ھازىرغا قەدەر كىيىم كىچەك ئادىتىنى ساقلاپ قالالىغان بولسا ئاتايىتىن دوپپا بايرىمى، ئەتلەس بايرىمى، مۇقام بايرىمى دەپ بايرام ئىجات قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرغان مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقى ئېنىق.
|
|