|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
نۇرغۇن دوسلار تېلېفون ئىلىش جەريانىدا 翻新مال(يەنى كونا مالنى ئەكىلېپ قىپىنى ئالماشتۇرۇپ يىڭى دەپ ساتقان مالنى كۆرسىتىدۇ)ئىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ ھەم قانداق پەرقلەندۈرۈشنى بىلەلمەي قالىدۇ،بۇنداق ماللارنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ بىر مەزگىل ئىشەنسىڭىزلا كاردىن چىقىدۇ ياكى تويغۇزۋىتىدۇ.
1-ئۇسۇل:زاۋۇت ئىشلەش ۋاقتىنى تەكشۈرۈش:
بۇ ئۇسۇل ئەڭ ئەسقاتىدىغان ئۇسۇل بولۇپ،ئادەتتە زاۋۇت بىر تىلىفۇننى ئىشلەپ چىقارسا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئېككى يىلدىن ئېككى يىرىم يىلغىچىلا ئىشلەيدۇ،بولمىسا بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا (تېلېفون ياخشى سېتىلسا ئۇزاق ئىشلەيدۇ،بولمىسا بىر يىل) ئىشلەيدىغان بولۇپ كۆپىنچە دوسلار بۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ،زاۋۇت ئىشلەشتىن توختاپ ئەڭ كىچىككەندە 6-8 يىلغىچە بولغان تىلېفۇنلارنىلا ئىلىشقا بولىدۇ،ئۇنىڭدىن ئىشىپ كەتكەن مال 99%(翻新)بولۇپ كىتىدۇ(نىمېشقا ئىكەنلىكىن بىلىپ بولغانسىز،چۈنكى زاۋۇت ئىشلەشتىن توختاپ بولغان يىڭدىن ئەكىلىش ئىھتىماللىقى بولمىغانكىن ،سودىگەرنىڭ قولىدىكى ئاخىرقى مل ائەڭ ئۇزراق تۇرغاندا 6-8ئايغىچە تۇرۇشى مۇمكىن،بولمىسا بىر تىلېفۇن دېگەن نەچچە ئايدىلا سىتىلىپ بولىدۇ)شۇڭا 2013-يىلى بولۇپ بولسا ھەرگىزمۇ 2011-يىللىرى ئىشلەنگەن تىلېفۇننى سىتىۋىلىشقا بولمايدۇ.
ئۇنداق بولسا قانداق قىلىپ تېلېفوننىڭ قاچان ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەلەيمىز،ماۋۇ ئۇلانمىنى تەپسىلى ئوقۇسىڭىزلا ناھايىتى ئاددى http://wenku.baidu.com/view/4b43cd58be23482fb4da4c98.html(مەزمۇن خەنزۇچە،ئازراق ۋاقتى بار دوسلارنىڭ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،ماڭا ۋاقىت يار بەرمەيدىكەن)
ياكى بولمىسا دوسلار تىلېفۇن سىتىۋالماقچى بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويسا مەن زاۋۇتتىن توختاپ بولدىمۇ يوق،فەنشىنمۇ يوق تەكشۈرۈپ بەرسەم بولىدۇ،ئەمما چچ غا يازماڭ.
2-ئۇسۇل:تېلېفوننىڭ ۋېنتىسىنى(يەنى بىز دەپ يۈرۈيدىغان لوسا)تەكشۈرۈش
ئادەتتە يېڭىلانغان تېلېفونلارنىڭ ۋېنتىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىقلا ناھايىتى ئاسان بايقېغىلى بولىدۇ،يەنى تېلېفۇننى يېڭىلاش جەريانىدا چوقۇم ئىچىنى ئىچىش زۆرۆر بولغانكىن،ۋېنـتا بەلگىلىك ئۇپرايدۇ،بىر قاراپلا ئەتۋېركە تەگدىمۇ يوق،قېرىلغان ئىزلار بارمۇ يوق ئۇققىلى بولىدۇ،ئەگەر قېرىلغان ئىزلار بولمىسا ۋېنتىنى ئازراق بوشىتىپ بىقىڭ،چۈنكى بەزى ئەقىللىق سودىگەرلەر قېرىلغان ئىز چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن لوسىنى شۇنداقلا سېلىپ ئازراقلا چىڭىتىپ قويىدۇ ،شۇڭا دوسلار بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلسا ئاسانلا بايقىۋالالايدۇ.
3-ئۇسۇل:پۇراپ پەرىقلەندۈرۈش.
دوستلارغا مەلۇم بولىشى ئىنىق،ھەرقانداق بىر يىڭى ئېلېكتر سايمانلىرى سېتىۋالغاندا قېپىدىن يىڭى ئاچساق ياكى شۇ مەھسۇلاتنى يېقىن ئەكەلسەك بىرخىل يىڭى ئېلېكتر سايمانلىرىدا چىقىدىغان پۇراق چېقىپ تۇرىدۇ ھەم خىلى ئۇزاققىچە يوقاپ كەتمەيدۇ،ئەمما ئالماشتۇرۇلغان تېلېفۇندا بولسا يېقىن ئەكىلىپ پۇرىسىڭىز ھېچقانداق پۇراق يوق،ياكى ئۇنىڭ ئارقا قىپىنى(ماي سالدىغان قوڭىنى)ئېچىپ پۇراپ باقساق يەنە ھېچقانداق پۇراق بولمىسا بۇ ئىنېقلا قىپى ئالماشتۇرۇلغان تېلېفون.
4-ئۇسۇل:ھەرقايسى ئېغىزلىرىنىڭ پاكىزمۇ ئەمەسلىكى
ئادەتتە تېلېفون فەنشىن قېلىنغان چاغدا ھەرقانچە يۇقىرى تېخنىكا بولسىمۇ usb ئېغىزى،تېڭشىغۇچ ئېغىز،زەرەتلىندىغان ئېغىز،سۆزلىشىدىغان ئېغىز(麦克)،ئاۋاز چېقىدىغان يەرلەرگە قارىسىڭىز بەلگىلىك توپا ياكى ئىز قالىدۇ،بولۇپمۇ سۆزلۈشۈش ئېغىزىدىكى تۆشۈكلەر بەك كىچىك بولغاچقا چىقارماق تەس،ئەگەر بۇ تۆشۈكلىرىدە مەسىلە يوقتەك بولسا باتارېيىنى ئاجرىتىپ تېلېفوننىڭ ئىچكى جايلىرى كۆرۈنىدىغان يەرلىرىگە قارىساق مەينەتمۇ يوق بايقاشقا بولىدۇ،فەنشىن تېلېفوننىڭ قىپى گەرچە ناھايىتى يىڭى بولسىمۇ ئەمما ئىچى بىلەن روشەن پەرىقلىندۇ،باتارىيەنى ئاجرىتىپ قاراپ بىقىشقا بولىدۇ.
دوستلارنىڭ يەنە چۈشەنمىگەن جاي بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويسا مەن ۋاقتىم چىققان ھامان جاۋاب قايتۇرۇپ قويىمەن،ھەم بىز تەمىنلەيدىغان تىلېفۇنلارمۇ ئەڭ تۆۋەن باھادا ھېچقانداق فەنشىن قىلىنمىغان ماللارنى چىقىرىمىز،مىنىڭ باشقا تېمىلىرىمنى كۆرۈپ باقمىغان دوسلار باش سۈرۈتىمنىڭ ئۈستىدىكى 疯孓ㄖ记 دېگەن ئىسمىمنى بىسىپ تېما دىگەننى تاللىساڭلار باشقا تېمىلىرىم چىقىدۇ،بىزدىن مال سىتىۋىلىش ئۇسۇللىرى باشقا تېمىلىرىدا بار. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|