ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 585|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

زىلتاردىن سالام ۋە ئېلان

3

تېما

22

يازما

480

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1024
ئاقچا
100
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر، دوستلارغا ئالدى بىلەن ئالىي ئېھتىرام يوللايمەن.
زىلتار تور مۇلازىمەتچىلىكى قۇرۇلۇپ ھايت-ھۇيت دېگۈچە مانا 3 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ . ۋاقىت بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ كېتىپتۇ ، تەجىربە-ساۋاقلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ 3 يىل جەريانىدا ھەر خىل قىينچىلىقلارغا يولۇقتۇق، ۋە ئۇنى ھەل قىلش ئۈچۈن تىرىشتۇق، بۇ جەرياندا قىسمەن تورداشلارنى رازى قىلالمىغان بولىشىم مۇمكىن، لېكىن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، مەن باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئېلىۋېلىشقا ئەمەس بەلكى رازى قىلىشقا تىرىشىپ كەلدىم. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن رازى بولمىغان تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن ۋە مېنى قوللاپ كەلگەن تورداشلارغا سەمىمىي تەشەككۈرىمنى بىلدۈرمەن.
يېقىندا تورداشلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ۋە تورداشلارغا تېخىمۇ ياخشى بولغان مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ۋاكالەتچىلىك ھەققىنىڭ يۇقىرى بولىشىغا قارىماي شاڭخەيدىكى مەلۇم شىركەت بىلەن مۇلازىمىتىر ۋاكالەتچىلىك توختامى ۋە ناۋاڭ شىركىتى( 纳网 ) ئىسىم ۋاكالەتچىلىكى توختامى تۈزدۇق.
بەلكىم كۆپ قىسىم تورداشلار بىلىدۇ ناۋاڭ شىركىتى( 纳网 ) بولسا دۆلەت ئىچىدىكى 7 چوڭ ئىسىم مۇلازىمەت شىركىتى بولۇپ ، تور بېكەت ئىگىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ ، ئىسىمغا سەل قارىماڭ ، بوشلۇق ئىشەنچىسىز بولسا قايتا تېپىۋالغىلى بولىدۇ ، ئەمما ئىسىمنى تېپىۋالمەن دېيىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭىلاشقا تورداشلارنىڭ ئىسىم تاللىغاندا سەل قىممەت بولسىمۇ ئىشەنچىلىك ئورۇنلارنى تاللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىسىملارنىڭ ئاساسىي باھاسىغا كەلسەك
.com ; .net ; .org ; .cn ; .com.cn ئىسىملارنىڭ يىللىقى 80 يۈەن بولۇپ كېيىنكى يىللىرىمۇ باھادا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنىڭ دەسلەپكى يىلىدىكى تىزىملىتىش باھاسى تۆۋەن بولسىمۇ لېكىن كېيىنكى يىللىرىدىكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەققى ئۆرلەپ كېتىدۇ.
شۇنداق ۋەدە بېرەلەيمەنكى ئاللاھ خالىسا ئىسىملارنىڭ باھاسىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ ، ۋە ئىشەنچىلىك جەھەتتە ۋە مۇقىملىقتا سىزگە كاپالەت بېرەلەيمەن.
دىققەت .cn ; .com.cn ئىسىملارغا ئەن (يەنى 备案) بېجىرىلمىسە نورمال ئىشلەتكىلى يەنى IP解析 (ئىسىملارنى مۇلازىمىتىرلارغا باغلاش) مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ.
بوشلۇقلارغا كەلسەك ، ئادەتتىكى بوشلۇق ، شىياڭگاڭ ، ئامرېكا بوشلۇقلىرى ۋە VPS (مەۋھۇم مۇلازىمىتىر) قاتارلىق مەھسۇلاتلار بار بولۇپ ئاساسلىق مۇلازىمىتىر شاڭخەيگە قويۇلغان بولۇپ كۆپ خىل تۈرلۈك بوشلۇقلار تورداشلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسا ، ئىقتىدارلىق بوشلۇق باشقۇرۇش سۇپىسى سىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ. گەپنىڭ مېغىزى مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. بوشلۇقلارنىڭ مۇقىم بولىشىغا كاپالەت بېرىمىز.
سىز بىزدىن بوشلۇق سېتىۋالسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللانى تەمىنلىسىڭىز سىزگە ئەن (يەنى 备案) بېجىىرىپ بېرىلدۇ. ئەن (يەنى 备案) بېجىرىشكە لازىم بولىدىغان ماتىرياللار تۆۋەندىكىچە:
1.كىملىكنىڭ ئالدى كەينى سىكاننىر نۇسخىسى(رەسىمگە تارتسىڭىزمۇ بولىدۇ)
2.ئىسىمنىڭ گۇۋاھنامىسى
3.رەسىم، مۇمكىن بولسا بىز تەمىنلىگەن ئارقا كۆرۈنۈش رەسىمىنى باستۇرۇپ ئالدىدا رەسىمگە چۈشۈپ ئەۋەتىپ بېرىڭ ، پەقەت بولمىسا بىز سىزگە تەمىنلىگەن رەسىمگە رەسىمىڭىزنى كىرىشتۈرۈپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.(بۇ جەريانلار ئۆلچەملىك قانۇنلۇق ئەن (يەنى 备案) بېجىرىش جەريانى بولۇپ سىزنىڭ ھەقىقى ماتىرياللارنى تەمىنلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ياسالغان رەسىملەر سەۋەبلىك چېنىپ قېلىپ ئىلتىماس قايتۇرۋېتىلسە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز ، ھەقىقىى ماتىرياللارنى تەمىنلەپ بەرسىڭىز قايتا يوللاپ بەرسەك بولىدۇ.)
4.پوچتا ھەققى 20 يۈەن. بىر قىسىم ئۆلگە ئاپتونۇم رايونلار يولغا قويغان تۈزۈمدە سالاھىيىتىنى دەلىللەش جەدىۋېلىنى ئەن (يەنى 备案) بېجىرگۈچى تۇرۇشلۇق ئۆلكە ئاپتونۇم رايونلاردىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىگە ئەۋەتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ تەلىيىمىزگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمۇ شۇ قاتاردا  بوشلۇق تەمىنلىگۈچى ئورۇندىن سالاھىيىتىنى دەلىللەش جەدىۋېلىنى تەلەپ قىلىدۇ ،  شۇ سەۋەبلىك مۇشۇ جەدىۋەلنى ئەۋەتىش پوچتا ھەققىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز.
دىققەت بۇ جەدىۋەل بىرلا قېتىم يوللانسا ساقلىندىغان بولغان بولغاچ ، ناۋادا ئۇچۇرلىرىڭىزدا خاتالىق بار بولۇپ ئەن (يەنى 备案) قايتۇرۋېتىلسە كېيىنكى قېتىم يوللاشقا قارىتا ئايرىم ھەق ئېلىنمايدۇ.
ناۋادا يۇقارقى تەلەپلەرنى تولۇق ئورۇنلىسىڭىز ، شەرتكە تولۇق چۈشسىڭىز 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە (20 كۈننىڭ ھەرقانداق بىر كۈنى ،يەنى 1 ھەپتىدىلا ياكى 20-خىزمەت كۈنىدە)، ئەن (يەنى 备案) تەستىقلىنىپ تېلېفونىڭىزغا ئۇچۇر كېلىدۇ.
ناۋادا ئىسىم ئىشلىتىش جەريانىدا ئىسىمنىڭ ئەن (يەنى 备案) ئىلتىماس قىلغاندا تولدۇرغا IP ئادىرىسى قاتارلىق نېگىزلىك ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولمىسىا ئەن (يەنى 备案) بىكار قىلىنمايدۇ ، چۈنكى بۇ ھەقىقىي ئۆلچەملىك، قانۇنلۇق  ئەن (يەنى 备案) دۇر.
تورداشلارغا شۇنى ئەسكەرتىمەنكى ئەن (يەنى 备案) بېجىرگەندە ۋاكالىتەن ئەن (يەنى 备案) بېجىردىغانلارغا پۇل بېرىپ ئەن (يەنى 备案) بېجىرىشتىن ساقلىنىڭ . سىزگە مۇنداق بىر تۈزۈمنى دەپ بېرەي .
60~ 70 خىل قىلمىشلارنى(بۇلارنى مەن ئايرىم بىر كۈنى تەپسىلى يوللاپ قوياي) سادىر قىلغان تور بېكەتلەر ۋە ساختا ئۇچۇرلار بىلەن ئەن (يەنى 备案) بىېجىرگەنلەرنىڭ تور ئىسمى ۋە كىملىك نومۇرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۋېتىلدۇ. بۇنداق بولسا بۇ ئىسىملارنى ۋە مۇشۇ كىملىكتە ئەن (يەنى 备案) بېجىرىش مۇمكىن ئەمەس ، بۇنى ھەتتا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىمۇ بىر تەرەپ قىلىش تۈگۈل سۈرۈشتە قىلىپمۇ بېرەلمەيدىكەن ، توردا بۇ ئىسىملارنى سۈرۈشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەسكەن ، پەقەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىلا سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىكەن. قىسقىسى ناھايتى زور قولايسىزلىق كېلىپ چىقىدىكەن.
مۇنداقچە ئېيتقاندا سىز باشقىلارغا ئەن (يەنى 备案) بېجىرگىلى پۇل تاپشۇرۇپ پەقەت ئىسىمنىلا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز ئۇلار يەنە باشقا بىر قانچە ئىسىم بىلەن  ساختا ئۇچۇر ياساپ ئەن (يەنى 备案) بېجىرگەن بولسا ناۋادا شۇ ئىسىملارنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرسى يۇقارقى قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ قارا تىزىملىككە كىرىپ قالسا ، سىزنىڭ ئىسمىڭىزمۇ شۇ قاتاردا قارا تىزىملىككە كىرىپ قالىدۇ ، ۋە ئەن (يەنى 备案) بېجىرىش مۇمكىن بولمايدۇ . مەن تېلېفون قىلىپ سورىسام بۇنىداق ئىسىملارنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس دەپ جاۋاپ قايتۇردى(مېنىڭمۇ بىر ئېلىپ تاشلاپ قويغان تور ئىسمىم شۇ قىسمەتكە دۇچ كەلدى) ، كېيىن توردىن ئىزدىسەم مەخسۇس قارا تىزىملىكتىن چىقىرىپ بېرەلەيدىغانلار بار ئىكەن ئالاقىلىشىپ شۇلار قارا تىزىملىكتىكى ئىسىمنى سۈرۈشتە قىلىپ بەردى ، قارا تىزىملىكتىن چىقىرىش ھەققىنى 3000 يۈەن دەيدۇ. بۇلار راست چىقىرىپ بېرەلەمدۇ ، بېرەلمەمدۇ ئۇنىڭغا بىر نىمە دېمەك تەس. شۇڭا تورداشلارنىڭ ئازراق ۋاقىت كەتسىمۇ كىچىكىنە ئاۋارچىلىقتىن قورقماي ئۆلچەملىك ، قانۇنلۇق ئەن (يەنى 备案) بېجىرىش يولىنى مېڭىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
شۇ جەرياندا مەن 3~4 تور بېكەتنى ئۇچرتىپ قالدىم قارا تىزىملىكتىكى ئىسىملارنى تەكشۈرۈش دەپ ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قىسىم ئىسىملارنى تەكشۈرەلىگەن بىلەن لېكىن يەنىلا كۆپ قىسىم ئىسىملارنى تەكشۈرەلمەيدىكەن. شۇڭىلاشقا بۇ تۈردىكى بېكەتلەرگە ئىشىنىپ كەتمەڭ.

ئاخىردا دوستلارنىڭ تور مۇلازىمەتچىلىكى لازىم بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالاقىلاشقۇچى:ھۈسەنجان  ؛  تېلېفون:18963888544     QQ:83598663
تور ئادىرىسى:http://idc.ziltar.com

2

تېما

105

يازما

692

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3022
ئاقچا
0
tughrul7 ۋاقتى: 2013-5-4 14:32:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى زىلتار شۇمۇ؟

4

تېما

200

يازما

757

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2690
ئاقچا
0
maxel ۋاقتى: 2013-5-4 14:56:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخخۇ  ئاداش    مۇلازىمەتچىلىك ئالىپقىمۇ كىرىپتىدە؟

3

تېما

22

يازما

480

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1024
ئاقچا
100
ziltarweb  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 16:03:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىشامشان يوللىغان ۋاقتى  2013-5-4 14:32
سىز ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى زىلتار شۇمۇ؟

ھەئە شۇنداق

5

تېما

124

يازما

167

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
546
ئاقچا
0
tita ۋاقتى: 2013-5-4 20:29:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز
مەن ئۆز كۆز قارىشىمنى سۆزلەيدىغان كىشى، بۇران سوققان ت

1

تېما

146

يازما

499

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1497
ئاقچا
0
taklimakan10 ۋاقتى: 2013-5-4 23:44:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىق بۇرادىرىمىز كىرىپ قاپتىغۇ،قوللايمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش