ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1361|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[دەرسلىك] تېلېفۇن قوزغالغاندا چىقىدىغان ھەركەتچان سۈرەت ياساش(رەسىملىك)

10

تېما

236

يازما

768

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2245
ئاقچا
325
QQ
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپ تورىدىكى بارلىق تورداشلار  ، بۈگۈن مەن سىلەرگە تېلېفۇن قوزغالغاندا چىقىدىغان سۈرەتنى قانداق ياساش توغرىسىدىكى كىچىككىنە دەرسلىكنى ئېلىپ كەلدىم .دەرسلىك ھەر خىل سەۋىيىدىكى تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ بىر ئاز تەپسىلىرەك سۆزلەندى ،بىلىدىغان تورداشلار ئادەم مازاق قىلماي بىر كۆزۈڭلارنى قىسىۋېلىپ ئۆتۈپ كەتسەڭلار بۇلىدۇ ، لىكىن سېسىق گەپ قىلماڭلار. ئەمىسە باشلايلى.
   بىز zip ھالەتتىكى  رومنى يىشىپ system\media   مۇندەرىجىسىگە كىرىپ قارايدىغان بولساق تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدىكى bootanimation.zip دەل بىز ياسىماقچى بولغان قوزغىلىش سۈرىتى. bootaudio.mp3 بولسا  تېلېفۇن قوزغالغاندا چىقىدىغان ئاۋاز (ئەگەر بۇنى ئالماشتۇرماقچى بولساڭلار يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭدىن قىسقىراق mp3  فورماتتىكى ئاۋاز ھۆججىتىنى ئەكىرىپ نامىنى bootaudio غا ئۆزگەرتىپ قويساڭلار بۇلىدۇ) .  shutanimation.zip بولسا تېلېفۇن تاقالغاندا چىقىدىغان سۈرەت ، shutaudio.mp3  تېلېفۇن تاقالغاندا چىقىدىغان ئاۋاز .
bootanimation.zip نى  تەھرىرلەش
بۇ ھۆججەتنى بىر قۇرۇق ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە يىشىپ قارىساق تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ھۆججەت بار .

ئالدىنقى ئىككى ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدە png   فورماتتىكى تەدرىجى ئۆزگىرىدىغان رەسىملەر بۇلۇپ ،ئۇلارغا مەلۇم تەرتىپتە نام قويۇلغان  ،  تېلېفۇن قوزغالغاندا رەسىملەر نامىدىكى  تەرتىپ بۇيىچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇيۇلۇپ  خۇددى سىن ھۆججىتىدەك كۆرىنىدۇ. رەسىم تەھرىرلەشكە ئۇستا دوستلار بۇنداق تەدرىجى ئۆزگىرىشچان رەسىملەرنى بىردەمدىلا ياساپ  بۇلىسىلەر ، ياسىيالمايدىغان دوستلارمۇ ئەنسىرىمەڭلار، سىن ھۆججىتىنى ئايلاندۇرساڭلارمۇ بۇلىدۇ . ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ، تېلېفۇن قوزغىلىش سۈرىتى قىلماقچى بولغان سىن ھۆججىتىنى    TMPGEnc 4.0 Xpressدىتالىدىن ياكى 会声会影 دىگەندەك سىن تەھرىرلەش دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ تەدرىجى ئۆزگىرىدىغان رەسىملەرنى  چىقىرىپ  قىلساڭلارمۇ بۇلىدۇ .
TMPGEnc 4.0 Xpress نى ئازراق چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي ، دېتالنى قاچىلىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.

كومپىيۇتېر تورغا ئۇلانغان ھالەتتە قىزىل رامكىدىكى يەرنى بېسىپ سەل تۇرغاندىن كىيىن  سول تەرىپىدىكى كونۇپكىنى باسساق قوزغىلىدۇ.

新建项目 نى بېسىپ تۆۋەندىكى كۆزنەككە كىرىمىز.

添加文件 دىگەننى بېسىپ ئالدىن تەييارلاپ قويغان سىن ھۆججىتىنى ئەكىرىمىز،تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.

ئاستىدىكى OK نى باسساق بولدى. چىققان كۆزنەكتىن ئۈستىدىكى 输出  دىگەننى باسىمىز ،تۆۋەندىكىدەك:

输出 نى باسساق تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ .

بۇ يەردىن 1 دىگەن ئورۇندىكى  输出连续静止画像文件 دىگەننى تاللاپ ، ئاندىن 2 دىگەن ئورۇندىكى 选择 دىگەننى باسىمىز .تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.

  1-ئورۇندىكىسى چىقىرىدىغان رەسىمنىڭ چوڭلۇقى ، بۇ تېلېفۇننىڭ ئېكرانىدىن چوڭ بۇلۇپ  كەتمەسلىكى كىرەك ، ئەڭ ياخشىسى ئوخشاش قىلىڭلار ، ئېكرانغا تۇلۇق چىقىدۇ .تېلېفۇنىڭلارنىڭ ئېكران چوڭلۇقىنى بەك بىلەلمىسەڭلار 安兔兔 دىگەن دېتالدا تەكشۈرسەڭلار تېلېفۇنىڭلارنىڭ بارلىق سەپلىمىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ،ياكى رومدىكى  system\media مۇندەرىجىسىدىكى bootanimation.zip  ھۆججەتنى يىشىپ ئىچىدىكى رەسىمنىڭ  خاسلىقىدىن( 详细信息  (属性  دىگەننى باسساڭلار رەسىمدە كۆرسىتىلگەن يەردىكى سانلار شۇ.

ئەمدى 2- ئورۇندىكىسى بولسا نوقتا چاستۇتىسى يەنى بىر سىكونت ئىچىدە قويۇلىدىغان سىننى قانچە نوقتىغا بۆلۈش ياكى قانچە پارچە رەسىم قىلىپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ ، بەك كۆپ قىلىۋەتمەڭلار ، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشىسەڭلار بۇلىدۇ.
3- ئورۇندىكى بولسا چىقىرىدىغان رەسىمنىڭ فورماتى ، چۇقۇم PNG بۇلۇشى كىرەك،باشقا فورماتتا بولسا مۇۋەپپىقىيەتلىك بۇلۇش نىسبىتى بەك تۆۋەن. ھەممىنى بەلگىلەپ بولغاندىن كىيىن ئۈستىدىكى 编码 دىگەننى باسىمىز ،تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.

سول ئاستى بۇلۇڭدىكى كۇنۇپكىنى باسساق چىقىرىشقا باشلايدۇ.
ئەگەر فىلەش ھۆججەتنى رەسىم قىلىپ چىقارماقچى بولساڭلار swf2vedio دېتالىدىن پايدىلىنىپ چىقارساڭلار بۇلىدۇ. چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن رەسىملەرنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىپى بۇيىچە ھەم  رومدىكى  ئەسلى bootanimation.zip ئىچىدىكى رەسىملەرنىڭ نامىغا ماس ھالدا نام بىرىپ چىقىمىز  .  مەسىلەن  :  ئەسلى   رەسىملەرنىڭ    نامى                         on_ _00001.png  ، on_ _00002.png بولسا بىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىپ 1،2،3، دىگەنلەرنى تاكى رەسىم تۈگىگەنگە قەدەر  ئۆزگەرتىپ قويساق بۇلىدۇ ،  شۇنداق قىلىپ bootanimation.zip ھۆججەت ئىچىدىكى part0  ۋە part1 نى تەييارلاپ بولدۇق،ئەمدى يەنە بىر ھۆججەت desc.txt ھۆججىتى ،بۇ يۇقىرىدىكى ئىككى قىسقۇچ ئىچىدىكى رەسىملەرنىڭ قانداق قۇيىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنى ئېچىپ قارىساق تۆۋەندىكىدەك كودلارنى كۆرىمىز:

800  480  دىگىنى  رەسىمنىڭ چوڭلۇقى ،  10 دىگىنى بىر سكونت ئىچىدە قويۇلىدىغان رەسىمنىڭ سانى ،مەسىلەن : ئەگەر 40 پارچە رەسىم بار  بولسا 4=10/40  ،بارلىق رەسىم 4 سكونت ئىچىدە قۇيۇلۇپ بۇلىدۇ دىگەن گەپ، ئەگەر 10 نى 20 قىلىپ ئۆزگەرتسەك 2سكونت ئىچىدە قۇيۇلۇپ بۇلىدۇ . p بولسا play (قۇيۇش) دىگەننىڭ باش ھەرپى، 1 بولسا part0 ھۆججەت قىسقۇچتىكى رەسىملەر پەقەت بىرلا قېتىم قۇيىلىدۇ دىگەن گەپ ،0 بولسا part0بىر قېتىم قۇيۇلۇپ بولغاندى كىيىن part1   ئۇلاپلا قۇيىلىدۇ ،ئارلىقتا ۋاقىت يوق دىگەن گەپ  ، ئۇنى 5 قىلىۋەتسەك part0 قۇيۇلۇپ  بۇلۇپ 5 سكونتتىن كىيىن ئاندىن part0 قۇيىلىدۇ. كەينىدىكى part0 ھۆججەت قىسقۇچنىڭ نامى.  كىيىنكىلىرىمۇ ئوخشاش، بىرىنچى 0 بولسا part1 ئارقىمۇ – ئارقا ئۇلاپ قۇيىلىدۇ تاكى تېلېفۇن قوزغىلىپ بولغۇچە،ئىككىنچى 0 بولسا شۇ ئارقىمۇ –ئارقا قويىلىدىغان part1  بىر قېتىم قۇيۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئارقىدىنلا ئىككىنچى قېتىم قۇيىلىدۇ ، ھەر قېتىملىق قۇيۇلۇش ئارلىقىدا ۋاقىت يوق ياكى ئۇلاپ قۇيىدۇ دىگىنى. تۆۋەندىكىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى.  
480 800 20p 1 0 part0p 0 10 part1

  رەسىملەرنىڭ چوڭلۇقى 800  480  ،سىكونتىغا 20 پارچە قۇيىلىدۇ، part0 نىڭ ئىچىدىكى رەسىملەر پەقەت بىرلا قېتىم قۇيۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇلاپلا part1 نىڭ ئىچىدىكى رەسىملەر تەكرار قۇيىلىدۇ ۋە ھەر قېتىملىق قۇيۇلۇش ئارلىقىدىكى ۋاقىت 10 سىكونت .
بۇلارنى رەسىملەرنىڭ ئاز كۆپلۈكى ،تېلېفۇننىڭ قوزغىلىش ۋاقتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بەلگىلەيمىز، رەسىملەر قۇيۇلۇپ بولغۇچە تېلېفۇن قۇزغىلىپ بولسا  رەسىملەرنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ،شۇڭا مۇۋاپىق تەڭشىسەك بۇلىدۇ.
ئەمدى بۇ ئۈچ ھۆججەتنى پىرىسلايمىز ،پىرىسلىغاندا شۇ ئۈچ ھۆججەتنى تاللاپ تۇرۇپ پىرىسلايمىز ، ھۆججەت قىسقۇچ بىلەن پىرىسلاشقا بولمايدۇ.

پىرىسلانغان ھۆججەتنىڭ نامى bootanimation ، فورماتى zip بۇلىدۇ،rar بولسا بولمايدۇ.ئالاھىدە دىىققەت قىلىدىغىنىمىز 压缩方式  دىگەننى چۇقۇم  存储  قىلىمىز ،  مەن مۇشۇ يەرنى قىلماي بەك ئاۋارە بولغان ،ھاسىل بولغان  bootanimation.zip ھۆججەتنى ئەسلى ھۆججەتنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇررۇپ قويساق بۇلىدۇ.
تېلېفون تاقالغاندا چىقىدىغان سۈرەت shutanimation.zip نىڭ ياسىلىشىمۇ يۇقىرىقى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش.
ئەگەر بۇلارنى تېلېفۇنغا يەنى قاچىلىنىپ بولغان رومغا كىرگۈزمەكچى بولساق تېلېفۇننىڭ روت ھوقۇقى بۇلىشى كىرەك ئاندىن RE ھۆججەت باشقۇرغۇچىدا Ssystem\media نىڭ ئىچىگە ئەسلى ھۆججەتنى قاپلاپ(ئەسكەرتىش چىقسا ھەئە نى باسىمىز) كۆچۈرگەندىن كىيىن ھوقۇق بىرىمىز ، ھوقۇق بەرگەندە 9 كاتەكنىڭ ھەممىسىگە بەلگە قويۇڭلار بولمىسا كۆرۈنمەيدىكەن.
بارلىق مەشغۇلات تۈگىگەندىن كېيىن تېلېفۇننى قوزغاتساق تېلېفۇننىڭ لوگوسى يەنى مۇشۇ دەرىسلىكنىڭ بېشىدىكى بىرىنچى رەسىمدىكى images   نىڭ ئىچىدىكى boot_logo دىگەن ھۆججەت(بۇنى تەھرىرلەش توغرۇلۇق كىيىن ئايرىم چۈشەنچە بىرىمەن) كۆرۈنۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىز ياسىغان قوزغىلىش سۈرىتى كۆرىنىدۇ.
System\media ئىچىدىكى audio دىگەننى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىمۇ كىچىككىنە چۈشەنچە بىرىۋىتەي. بۇ ھۆججەت قىسقۇچنى ئاچساڭلار تۆۋەندىكىدەك ھۆججەت قىسقۇچلار بار.

Alarms بولسا سائەت قوڭغىرىقى ئاۋازلىرى
Notifications بولسا ھەر خىل ئەسكەرتىش،ئۇقتۇرۇش ئاۋازلىرى
Ringtones بولسا تېلېفۇن كەلگەندە چىقىدىغان ئاۋاز
Ui بولسا مەشغۇلات ئاۋازلىرى (رەسىمگە تارتقاندا چىقىدىغان ئاۋاز دېگەندەك )
ھەممە ئاۋازلارنىڭ فورماتى ogg شەكلىدە، شۇڭا ئۆزۈڭلار بەلگىلىمەكچى  بولغان ئاۋازنى ئاۋۋال فورمات زاۋۇتى                (格式工厂)  دىن پايدىلىنىپ ogg فورماتقا ئايلاندۇرۇپ ماس مۇندەرىجە ئىچىگە قويساڭلار بۇلىدۇ.

بەك جىق گەپ قىلىپ  كەتتىمغۇ دەيمەن، دەرسلىك  مۇشۇ يەرگىچە،چۈشەنمىگەن جايلار بولسا  مۇشۇ تېما ئاستىغا ئېنكاس قالدۇرساڭلار ۋاقتىدا جاۋاپ بىرىشكە تېرىشىمەن.ھەممىڭلارنىڭ مەشغۇلاتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاي.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +15 يىغىش سەۋەبى
sattatlik + 15 ئىجادىي ئەسەر

باھا خاتىرىسى

ئەلى

10

تېما

236

يازما

768

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2245
ئاقچا
325
QQ
zaptatlik  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-1 15:43:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەر كۆرۈنمەپتىغۇ ، تەستىقلىماي  تۇرسىڭىز  بوپتىكەن،
ئەلى

11

تېما

427

يازما

415

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2492
ئاقچا
10
دولانلىق ۋاقتى: 2013-5-1 17:09:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت. مەن بىر سىناپ باقايچۇ.
ھەمبەھىر:http://pan.baidu.com/disk/home

47

تېما

398

يازما

783

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
0
جۇغلانما
3736
ئاقچا
136
QQ
Uyghur0795 ۋاقتى: 2013-5-1 17:31:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

4

تېما

86

يازما

328

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1123
ئاقچا
129
xapkatks ۋاقتى: 2013-5-1 19:17:48 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى سۆزلەپسىز  بىراق مىنىڭ تىلپۇنۇم huaiwei c8812  نڭ system/medya ئىچىدە سىز دگەن دىتال يوقكەن قانداق قىلىمەن

26

تېما

982

يازما

1161

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4744
ئاقچا
153

تۆھپە ئوردېنى

uqkun77 ۋاقتى: 2013-5-2 00:33:58 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم.
ئەجرىڭىز يەردە قالمايدۇ:-$

0

تېما

7

يازما

26

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
87
ئاقچا
0
520gulum ۋاقتى: 2013-5-2 08:57:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىپسىز

3

تېما

32

يازما

93

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
266
ئاقچا
1
مۇسئەب ۋاقتى: 2013-5-2 08:59:14 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،رەھمەت سىزگە،ئۆتكەندە مەن يانفۇنۇمنىڭ ئېچىلىش رەسىمىنى ئالماشتۇرىۋىتەي دەپ خېلى ئېتىشىپ قاملاشتۇرالمىغان ئىدىم،بۇ دەرىسلىكتىن پايدىلىنىپ يەنە بىر ھەپىلىشىپ باقاي قېنى،ھەراس،بۇ مەشغۇلاتلارنى يانفۇندا قىلغىلى بولامدۇ؟

0

تېما

7

يازما

26

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
87
ئاقچا
0
520gulum ۋاقتى: 2013-5-2 08:59:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىپسىز

25

تېما

333

يازما

855

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3005
ئاقچا
9
abdullam ۋاقتى: 2013-5-3 10:48:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىم كورۇنمەپتۇ،ئوڭشاپ قۇيڭە،8813 نىڭ رەسىمىنى ئوزگەرتىۋالاي

10

تېما

236

يازما

768

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2245
ئاقچا
325
QQ
zaptatlik  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-3 19:02:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xapkatks يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 19:17
ناھايتى ياخشى سۆزلەپسىز  بىراق مىنىڭ تىلپۇنۇم huaiwei c8812   ...

مەندە ياكى دوستلىرىمدا بۇ تېلېفون بولمىغاچ سىزگە كۆرسىتىپ بىرىشكە ئامالسىزمەن.كەچۈرۈڭ قېرىدىشىم .  تېلېفونىڭىزنىڭ رومىنى ئاختۇرۇپ بېقىڭ چۇقۇم تاپالايسىز ،ئىچىدە بىر مۇنچە png فورماتتىكى رەسىملەر بار بولغان zip ھۆججەت شۇ .
ئەلى

10

تېما

236

يازما

768

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2245
ئاقچا
325
QQ
zaptatlik  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 11:57:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى قايتا  يوللاپ قويدۇم  /forum.php?mod=vi ... p;page=1&extra=
ئەلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش