| 
 iphone4 دىكى ئۇيغۇرچە قوللايدىغان پاراڭلىشىش يۇمشاق دىتالى --   +IM    
iphone4  نىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقنى قانداق ئوبدان قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلمىساممۇ ، iphone4  نى ئىشلىتىپ باققانلار ۋە ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتقانلارغا تولىمۇ ئ.ايدىڭ . كەمىنە ئالىپ MSN توپىغا ئەزا بولغاندىن تارتىپ ، كۈندە دېگۈدەك iphone4  بىلەن ئالىپ MSN توپىغا چىقىپ ، توپتىكىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولىمەن ، ئەلۋەتتە ، مەن دەسلىپىدە MSN  نىڭ iphone4  دىكى نەشىرىدە ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىپ كەلدىم ، مەسىلە يوقتەك بىلىندى ، ئالىپ MSN توپىغا قېتىلپ ،  iphone4 دىكى MSN  ئارقىلىق پاراڭلاشقىنىمغا بىرەر ھەپتە بولۇپ قاپتۇ . 
  
iphone4 دىكى MSN  ئارقىلىق پاراڭ خاتىرسى   
 
 
  
iphone4 دىكى MSN  ئىشلىتىپ زېرىككەندە تورنى مالتىلاپ يۈرۈپ ، يەنە بىرخىل كۆپ ھېساباتلىق (قانچىلىك ھېساباتىڭىز بولسىمۇ ، ئوخشىمىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى بولسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەممىسىنى ئاچقىلى بولىدىكەن)پاراڭلىشىش يۇمشاق دېتالى     +IM نى قاچىلاپ ،  ئالىپ MSN توپىدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىم ، ۋاھ بۇمۇ قالتىسكەن ، iphone4 دىكى MSN   دا پەقەت بىرلا ھېساباتىمىنى ئاچالىغان ئىدىم  ، بۇنىڭدا ئىككى خىل  نامدىكى MSN ھېساباتىمىنى ئېچىپلا قالماي يەنە ، google ھېساباتىمنىمۇ ئاچالىدىم ، يازغان ۋە كۆرگەن خەتلىرىم خۇددى ئەينەككە خەت يازغاندەكلا سۈزۈك چىقتى .   
             
  
 
 بۇ يۇمشاق دىتال قوللايدىغان مۇلازىمەتلەرنىڭ تېزىملىكى   
 
مەيلى قانداقلا  بولمىسىۇن ، iphone4 دىكى ئۇيغۇرچە قوللايدىغان پاراڭلىشىش يۇمشاق دىتالى +IM  كۆپ خىل ھېساباتنى بىرلا ۋاقىتتا ئېچىش ئارقىلىق پاراڭلاشقىلى بولىدىغان ، ئۇيۈۇرچىنى نىسبەتەن ياخشى قوللايدىغان يۇمشاق دىتال بولۇپ ، iphone4 ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يانفونىدا كەم بولسا بولمايدىغان پاراڭلىشىش يۇمشاق دىتالىكەن . باشقا تەپسىلاتىنى لازىم بولغانلار 91 چوماقچىسى (91助手) ياكى itunes مەنبەسى ئارقىلىق ئىزدەپ چۈشۈرۋالساڭلار بولغۇدەك . باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىڭىز يانفونغا قاچىلاپ سىنىغايسىز .   
 
                |