ئالىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 108 تال

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 362|ئىنكاس: 4

يۇمشاق دېتالنى «خوتۇن1.0» نەشىرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن چىققان Bug [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تەڭگە
86
توردا
22 سائەت
ھوقۇقى
20
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 15:41:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                                      «قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالىنى «خوتۇن1.0» نەشىرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن چىققان Bug


مەلۇم بىرەيلەن، باشقىلاردىن ھازىر بازاردا مودا بولىۋاتقان «خوتۇن1.0» پروگراممىسىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپتۇ ۋە ئۆزىدە بار «قىز دوست7.0» پروگراممىسىنى «خوتۇن1.0» گە يۇقىرىلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر بويىچە پروگراممىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋاپتۇ، بىراق پروگراممىدىكى مەسىلىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ، «خوتۇن1.0» يۇمشاق دېتالىدىن بىر قىسىم Bug(خاتالىق)لار كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇياق تېخنىك مۇلازىمغا تۆۋەندىكىدەك بىر پارچە خەت يېزىپتۇ.


ھۆرمەتلىك مۇلازىمەت تېخنىكى:
مەن سىزنىڭ جىددى ياردىمىڭىزگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم. مەن يېقىندا «قىز دوست7.0» نىڭ نەشىرىنى «خوتۇن1.0»گە كۆتۈرگەن ئىدىم، كېيىن بايقىشىمچە، بۇ پروگرامما تاساددىپىي ھالدا پەرزەنت كۆرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ سېلىپ، زور مىقداردىكى بوشلۇق ۋە سېستىما بايلىقىنى ئىگەللىۋاپتۇ، بۇ مەھسۇلات قوللانمىسىدا تىلغا ئېلىنمىغان ئىش ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، «خوتۇن1.0» ئۆزىنى ئاپتوماتىك ھالدا باشقا بارلىق پروگراممىلارنىڭ ئىچىگە قاچىلىۋاپتۇ، تېخى سېستىما بىلەن تەڭ قوزغىلىپ، پۈتكۈل سېستىمىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن، شۇ سەۋەپتىن «ئەرلەرنىڭ كېچىلىك تاماشىسى 2.5» ۋە «كېچىلەپ بلوگ يېزىش 3.0» پروگراممىلىرى قوزغىلىشقا ئامالسىز قالدى، بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ پروگراممىلارنى قوزغاتقان بولساممۇ، بىراق «خوتۇن1.0» پروگراممىسى بىراقلا پارتىلاپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى…«ھەپتە ئاخىرىدىكى شېرىن ئۇيقا6.3» نى قوزغىتىپ باقاي دېسەممۇ قوزغىلالماي قاراپ تۇردى، بۇنىڭ ئەكسىچە، «يەكشەنبىلىك بازار چۆرگىلەش7.1» پروگراممىسى ئۇنىڭ ئورنىغا قوزغىلىدىغان بولىۋاپتۇ! قارىغاندا مەن «خوتۇن1.0» پروگراممىسىنى داۋاملىق ئىشلىتەلمىگۈدەكمەن، چۈنكى بۇ پروگرامما مەن ياخشى كۆرىدىغان باشقا ھەرقانداق پروگرامما بىلەن پەقەت ياخشى سىغىشالمايدىكەن، مەن «قىز دوست7.0» سېستىمىسىغا ياناي دېگەن، بىراق بۇ «خوتۇن1.0» نى يۇيۇپ تاشلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن، ماڭا بىر ياردەم قىلىۋەتسەڭلار بوپتىكەن.
ھۆرمەت بىلەن: ئىخلاسمەن ئابونتىڭلار XQ
سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتچى XQ نىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك بىر پارچە خەت قايتۇرۇپتۇ.
ھۆرمەتلىك XQ:
بۇ بىر ئىنتايىن ئادەتتىكى مەسىلە ئىكەن، سىزنىڭ بۇ پروگراممىنىڭ ئاساسى پرىنسىپىغا بولغان چۈشەنچىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى بۇ مەسىلە كېلىپ چىقىپتۇ. نۇرغۇن ئەرلەر «قىز دوست7.0» نى «خوتۇن1.0» گە كۆتۈرگەندىن كېيىن، خىيالىدا «خوتۇن1.0» دېگەن بۇ پروگراممىنى بىر قوللىنىشچان ۋە كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسى دەپ قارايدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. «خوتۇن1.0» ئەمەلىيەتتە بىر مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇپ، باشقا بارلىق پروگراممىلارنى خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. سىز «خوتۇن1.0» نى يۇيىۋېتەلمەيسىز، ياكى «قىز دوست7.0» گىمۇ قايتالمايسىز، چۈنكى «خوتۇن1.0» نىڭ سېستىما يادروسىدا بۇ ئىقتىدار تەمىنلەنمىگەن.
ئىلگىرى بەزىلەر «قىز دوست8.1» ياكى «خوتۇن2.0» نى قاچىلاشقا ئۇرۇنۇپ باققان، ئاقىۋەت تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەر كۆرۈلگەن(قوللانمىدىكى ئاجرىشىش تۆلىمى/بالىلارنى تەربىيلەش ھەققى/ئادۋوكات ھەققى قاتارلىق پارامېتىرلارغا دىققەت قىلىڭ). مەنمۇ «خوتۇن1.0»نى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققان، تەۋسىيەم، سىز سېستىمىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ياخشى ساقلاڭ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى پۇختا ھەل قىلىڭ.
پروگراممىدا ھەرقانداق خاتالىق كۆرۈلگەن چاغدا، مەيلى قايسى سەۋەپتىن كۆرۈلگەن بولسۇن، چوقۇم C رايون ئىچىدىكى «exe.مېنىڭ كەچۈرۈمنامەم» پروگراممىسىنى قوزغىتىڭ، ھەمدە چېكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ بېسىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىڭ. زۆرۈر بولغاندا «exe.مېنىڭ كەچۈرۈمنامەم» پروگراممىسىنى تەكرار بىر قانچە قېتىم قوزغىتىپ سىناڭ، تاكى ئومۇمى مەشغۇلات سېستىمىسى نورمال ھالەتكە قايتقۇچە داۋاملاشتۇرۇڭ.
«خوتۇن1.0» پروگراممىسى گەرچە بىر تۈرلۈك يۇقىرى كۈتۈنۈش تەلىۋىگە ئىگە پروگرامما بولسىمۇ، ئەمما ئادەمگە بولغان پايدىسى ئىنتايىن زور. بۇ پروگراممىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، يەنە بىر قىسىم قوشۇمچە يۇمشاق دېتاللارنى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، «ئەتىرگۈل2.0»، «يېڭى كىيىم6.0» ياكى «ئالتۇن زەنجىر 3.0» دېگەندەك…
ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى سەمىڭىزگە سالىمىزكى، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا «كاتىپ(كالتە يوپكا نەشىرى)» يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاپ سالماڭ، چۈنكى «خوتۇن1.0» بۇ پروگراممىنى قوللىمايدۇ، ئەكسىچە بۇ پروگرامما مەجبۇرى ئورنىتىلغان چاغدا، كۆپىنچە ئەھۋالدا سېستىمىدىن ئېغىر كاشىلا كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا سېستىما قايتا قوزغالماسلىقىمۇ مۇمكىن.
ئاخىرىدا سىزنىڭ تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز!


http://www.torhumar.com/gf-update-wife.html  دىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سانسىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-27 15:42  

WWW.ALIP.BIZ

Rank: 2

تەڭگە
96
توردا
21 سائەت
ھوقۇقى
20
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 00:15:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەششەت قىززىق يېزىپتۇ..
مەنمۇ ئالدىراپ سىتىمىنى خۇتۇن 1 گە يېڭلىۋالغان ئىدىم مېنىڭمۇ نۇرغۇن ياخشى يۇمشاق دېتاللرىم ئشىلىمەيدىغان بولۇپ قالدى . ئەڭ ئەقەللىسى چ چ  مۇ نۇرمال ئىشلىمەيدۇ .. دائىم ياخشى دۇستلرىم قارا تېزىملىككە كىرىپ كېتىۋاتقان ياكى ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن ..
تور ئويۇنلىرىغۇ ئەسلا كىرگىنى بولمايدۇ ھازىر.. قۇزغۇتۇپ بولغۇچە بۇۋاق 1 ۋاقىراپ يېغلاپ كېتىدۇ . ئۇيۇندىن چىقىپ كەتكەندىن كيىنلا ئاندىن ئەسلىگە كىلىدۇ ..

Rank: 3Rank: 3

تەڭگە
164
توردا
27 سائەت
ھوقۇقى
30
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 00:33:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋا ھا ھا ھا ..  بەك  پىچەت چىقىپتۇ جۇما...  سىلەرغۇ «خوتۇن1.0» پروگراممىسىنى ئىشلىتىۋاتىپسىلەر،مەن تېخى «بويتاق2.0» دە...

Rank: 1

تەڭگە
21
توردا
4 سائەت
ھوقۇقى
10
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 11:01:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش muj@hit نىڭ يازمىسى

ھەقىقەتەن قىزىق ھەم ئەمىلىي يېزىلىپتۇ بۇ يۇمۇر. مېنىڭچە بولغاندىمۇ ‹‹قىز دوست7.0››پىروگراممىسىنىڭ نەشرىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹خوتۇن 1.0›› ئۆزگەرتىپ بولغانلار ئەڭ ياخشىسى شۇنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ ئۆتكىنىڭلار مۇۋاپىق. (‹‹خوتۇن 1.0›› نىڭ ئۆزىدىن چاتاق چىقمىغان ئەھۋالدا).

Rank: 2

تەڭگە
65
توردا
14 سائەت
ھوقۇقى
20
نادىر
0
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-14 07:59:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھاھاھا  ~~  راسلا بەك قىززىق يۇمۇركەن بۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

دىققەت:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com QQ:632997108 Skype: alipuyghur

رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-8-9 12:55 , Processed in 0.093103 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش