-
11/4/2011
ياشا قازاق ،كۆكلىگىن ئۇيغۇر !
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/171373350.html
بايا كەڭساي مۇنبەردە كۆرگەن ، نوچى شىئىركەن چاپلاپ قويدۇم.
ياشا قازاق ،كۆكلىگىن ئۇيغۇر !
قازاق ئىچكەن سۈت چايدا ،
تۇزى باردۇر ئۇيغۇرنىڭ ،
ئۇيغۈر يېگەن سارمايدا ،
ئەجرى باردۇر قازاقنىڭ !
چىقسا بوۋام سەپەرگە،
كىگىز ئۆيۈڭ قۇنالغۇ .
پاقلان سويدۇڭ ئايىماي ،
قېرىنداشقۇ مېھمانغۇ !
قارا يورغا ئوينىساڭ ،
بىزمۇ ساڭا جۆر بولدۇق ،
خۇشاللىققا تەڭ كۈلدۇق ،
كۈلپەتكە تەڭ يىغلىدۇق !
قوي ماللىرىڭ پۇل بولدى ،
سارت بولغاچقا يېنىڭدا ،
ئۇيغۇرغا يات يالغۇزلۇق ،
قازاق بولغاچ يېنىدا !
ئۇيغۇر باركى قازاق بار ،
قازاق باركى ئۇيغۇر بار ،
ئەجدادىدىن ئۆم ئۆتكەن ،
ئىككى مىللەت قايدا بار ؟
ياشا قازاق ياشىغىن ،
كۆكلە ئۇيغۇر كۆكلىگىن ،
ئەجداد روھى شاتلانسۇن ،
ئىناق ئۆتكىن ئۆرلىگىن