ھەجەرخان قاسىم (پالىك)

ئۇچۇر ID نومۇرى :22
جىنسى :ئايال
يىشى :59 ياش
يۇرتى : نىيا ناھىيە نىيا يېزا
كىملىك نومۇرى :653227195607090522
يوقاپ كەتكەن ۋاقت :2014-يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنلىرى (ئالدى كەينىدە)
يوقاپ كەتكەن ئورۇن :ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپى (پولات كۆز كىسەللىكلىرى دۇختۇرخانىسىنىڭ ئالدى )
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى :18094886814 ، 18094886894
ئۇچۇر يوللانغان ۋاقت : 2015-02-05
ھەجەرخان قاسىم (پالىك)

تەپسىلاتى:

ئانىمىز 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 22- كۈنلىرىنىڭ ئالدى كەينىدە ئۈرۈمچى شەھرى بۇغدا كۈلى يولىدىكى پولات كۆز كىسەللىكلىرى دۇختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدىن يۇقاپ كەتكەنچە بۈگۈنگە قەدەر ئىزدىرىكىنى ئالالمىدۇق. ئانىمىزنىڭ ئاي ئاتلاپ قوزغىلىۋالىدىغان روھى خاراكتىرلىك ئىسىنى يوقىتىش كىسىلى بار ئىدى . كىسىلى تۇتقاندا ئۈزىنىڭ گەپ -سۆز ۋە ئىش ھەركىتىنى باشقۇرالمايدۇ. توختىماستىن سۆزلەيدۇ. ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسۇل ئويناپ تۇرىۋالىدۇ. ئىككى-ئۈچ كۈن بىر نەرسە يىمەيدۇ. ماغدۇرسىزلىنىپ ئۇخلاشقا باشلايدۇ ، چۈشىدىن ئويغىنالماي قارا باسىدۇ ، قارا باسقاندا بەدەنلىرى قېتىشىۋالىدۇ. ئەسلىگە كەلگەندە ئاساسى جەھەتتىن نۇرمال ھالەتكە كىلىدۇ. بويى پاكار ، ئۇرۇق ، قارامتۇل ، تەن ساپاسى ئاجىز . يۇقاپ كەتكەن شۇ كۈنى ئۇنىڭ كېسىلى قوزغىلىۋالغان . كۆرگۈچىلەرنىڭ دىيىشىچە ئۇنى مەلۇم پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئېلىپ كەتكەن .قايسى ئورۇننىڭ ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى ، ماشىنىڭ نومۇرىنى سۈرۈشتە قىلالمىدۇق. ئۈرۈمچى شەھرىدىكى بىرنەچچە ياشانغانلارغا غەمخورلۇق يەتكۈزۈش خارەكتىرىدىكى پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلدۇق. ئەپسۇس ، بۈگۈنگىچە ھىچقانداق ئىزدىرىگى چىقمىدى. شۇ سەۋەپتىن قېرىنداشلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ، ياردەم قىلىشىنى ئىستەپ بۇ ئۇچۇرنى يوللىدۇق. رەھمەت . 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

ئاقيول تورىدىن دوستانە ئەسكەرتىش:

بۇ ئادەم ئىزدەش ئىلانى ھازىرغىچە1 قىتىم كۆرۈلۈپ بولدى،بىراق ھەجەرخان قاسىم (پالىك) تىخىچە تىپىلمىدى،ھەجەرخان قاسىم (پالىك)نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تىزراق جەم بولۇشى ئۈچۈن بۇ توربەتنىڭ ئادىرسىنى چ چ ۋە ئۈندىداردا دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بىرىڭ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

ئاقيول تور بىكىتىنىڭ سىز كۆرۈۋاتقان مەزكۇر ئادەم ئىزدەش قانىلى كەڭ قىرىنداشلارغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ھەقسىز ئىچىۋىتىلدى،مەزكۇر يوقاپ كەتكۈچىنى ئۇچراتقان بولسىڭىز ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى 18094886814 ، 18094886894 بىلەن ئالاقىلىشىڭ ياكى بىۋاستە 13779735431 نومۇرلۇق تىلىفۇن ئارقىلىق ئاقيول تورىنىڭ بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلشىىڭ!

 
[!--temp.baidu-share--]