ئۆزبېكىستانلىق ئايال چولپان شاھزادەنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
شاھزادە (مەلىكە دېگەن مەنىدە)، ئەسلى ئىسمى زىلالە باھادىروۋنا مۇسائېۋا
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى:
شاھزادە ئۆزبېكىستاننىڭ داڭلىق ئايال ناخشىچىسى، ئۇ ئۆزبېك تىلى، قازاق تىلى، تاجىك تىلى ۋە رۇس تىلىدا ناخشا ئېيتالايدۇ. ئۇ ئۆزى يالغۇز ناخشا ئېيتىشتىن ئىلگىرى زامانىۋى مۇزىكا ئەترىتى Jonim (美人) دا ئىدى. Jonim مۇزىكا ئەترىتى 1998-يىلىدىن بۇيان «قارىما كۆزلەرىمگە» (Qarama Ko'zlarimga) دېگەن ناخشا بىلەن بازار تاپقان. ئىككى يىلدىن كېيىن شاھزادە يالغۇز ناخشا ئېيتىشنى باشلىغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2002-يىلى، 2003-يىلى، 2004-يىلى، 2005-يىللىرى بىر قانچە پلاستىنكا ئىشلىگەن، 2007-يىلى ئۆزبېكىستان ھېكايە فىلىمى «رومېئو ۋە جۇلىتا» (罗密欧与朱丽叶) دا ئايال باش رولچى بولغان ھەم فىلىمنىڭ ناخشىسىنى ئۆزى ئېيتقان. ئۇ 2009-يىلى 3 خىل تىلدا، يەنى ئۆزبېك، تاجىك ۋە رۇس تىللىرىدىكى پلاستىنكىسىنى تارقاتقان.