مەشھۇر ئىسلام ناخشىچىسى ،مۇزىكانت سەمى يۈسۈف 1980- يىلى 7- ئايدا ئەزەربەيجاندىكى مۇزىكانت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ،كىچىكىدىن دادىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئائىلە تەربىيىسى نەتىجىسىدە ئىسكىرىپكا ۋە پىئانىنونى ئۆگەنگەن .كېيىن ئالىي مەكتەپنى ئەنگىلىيەگە چىقىپ ئوقۇپ ،ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .2003- يىلى ئامىرىكىلىق مۇسۇلمان ئۆمەر دىگگن كىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ‹‹ئاللاھ مۇئەللىم ››ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنى 2005يىلى ‹‹مىنىڭ ئۈممىتىم ›› ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنى چىقىرىپ كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن .2008- يىلى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا كېچىلىكىدە 200 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ كۆرۈشىگگ مۇيەسسەر بولغان . ئۇنىڭ ناخشىلىرى بۈيۈك ئاللاھنى مەدھىيەلەشنى ،ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزگە دۇرت – سالام يوللاشنى ، ئاچا سىڭىللار ، ئاكا – ئۇكىلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ، ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەتنى مەزمۇن قىلغان .