ئىسىم - فامىلىسى: بىنچىبۇ ئىنگلىزچە ئىسمى: ayumi hamasaki تۇغۇلغان ۋاقتى: 1978 - يىلى 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تۇغۇلغان جايى: ياپونىيە قان گۇرۇپپىسى: A تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 1.56 بەدەن ئېغىرلىقى: 46 كىلوگرام ياپونىيە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چوقۇنغۇچىسى ۋە ئەڭ يېڭى داھىيسى بىنچىبۇ 1998 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى " poker face " ناملىق ناخشىنى ئېيتىش بىلەن ياپونىيە ناخشا ساھەسىگە قەدەم قويغان. شۇ يىلى ئۇ ئارقا - ئارقىدىن بەش ناخشا پلاستىنكىسىنى نەشردىن چىقاردى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى " Trust " ناملىق پلاستىنكىسى 98 - يىللىق سىملىق مۇكاپاتىغا ۋە دابەن سىملىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1999 - يىلى 1 - ئايدا ئۇ يەنە " A Song for×× " ناملىق پلاستىنكىسىنى نەشردىن چىقاردى. 2000 - يىلى ئۇ جەمئىي توققۇز ناخشا پلاستىنكىسىنى نەشردىن چىقاردى ھەمدە 33 مەيدان سەييارە ئويۇن قويدى. شۇ يىلى ئۇ " ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى "، " ئەڭ مۇنەۋۋەر پلاستىنكا مۇكاپاتى "، "ئەڭ مۇنەۋۋەر تېكىست يازغۇچى " قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.