ئاشۋارىيا
ھىندىستاندا 1 - ئورۇندىكى بۇ چولپاننىڭ ئىسمى Aishwarya Rai ، ئۇ 1994 - يىلى دۇنيا گۈزىلى بۇلۇپ باھالانغان ، ھەمدە بۈگۈنگە قەدەر تارىختىكى ئەڭ گۈزەل دۇنيا گۈزىلى دەپ قارىلىپ كەلگەن ، ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆك - يىشىل كۆزى ئۇنىڭ بەلگىسىگە ھەتتا پۈتكۈل ھىندستان گۈزەللىرىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان ، ئۇ بۇرۇنلا قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ، دۇنيا گۈزىلى بولۇپ باھالانغاندىن كىيىن كنوچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللنىشقا باشلىغان ، 1997 - يىلى تۇنجى كىنوسنى ئىشلىگەن ، 2003 - يىلى پۈتۈن بىر يىل دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ كۆڭۈل ئېچىش ژورناللىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۇنىڭ سۈرىتى بېسىلغان ، 2004 - يىلى ئىنگىلىز تىلدىكى تۇنجى فىلىمى "كىلىن ۋە خۇراپات" نى ئىشلەپ خاۋلەيۋۇنىڭ ئىشكىنى چەككەن ، ھازىر ئۇ مۇشۇ ساھەگە مىڭىشقا بەل باغلىغان