خالمۇرات غۇپۇر: 1960–يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ كىچىكىدىن خەنزۇتىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان . 1982–يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن . مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ قان – قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئانا يۇرت سۆيگۈسى، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چوڭ پەرىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىغا — تەڭرىتاغ ئېتىكىگە قايتىپ كەلدى.
خالمۇرات غوپۇر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ شاۋقۇنلۇق دەرياغا شوڭغۇغان خالمۇرات غوپۇر ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. خىزمەت داۋامىدا ئۇ بىلىم سەۋەيىسىنى داۋاملىق يېڭىلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ 1985–يىلى شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتوتى غەرپچە داۋالاش نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئاسپىرانتلققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئوقۇش جەريانىدا ئۇ ئىنگلىزتىلى ۋە روس تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەندى. 1988–يىلى ئۇ دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىنغان چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىرات تىببىي ئىنىستىتوتىغا كاندىدات دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا باردى. ئۇ 1983–يىلى جۇڭگو –سوۋىت ئوتتۇرسىدىكى ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش كېلىشىمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بارغان تۇنجى جۇڭگولۇق شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدى.