چــايـخـانا مەھەللە پارچىلار چولپـانلار تۇيغۇلار قانۇندىن ساۋات تىـبــابــەت تەلەي يۇلتۇزى نـاخشىلار باش بەت
تېلېۋىزىيـە كارخانا كـۈلدۈرگـە ئـەدەبىيات ئۈمۈدلەر خـانىم-قىـزلار خـىـزمــەت رەسـىـمـلــەر كــىنولار مۇنبــەر
پىــكىـرلـەر دېتاللار ئـىـتـوتــلار تــارىـخ زىيارەت مـەشــھــۇرلار ئۆي-مۈلۈك ئاۋازلىق ئەسەر ئـويـۇنلار خـــەۋەر
ئـۇلېـنىشلار ئىزدەش تــەرمىـلـەر ئەسەرلەر پائالىيەت كــومپىيـۇتـېـر بىـلـەرمـەن تـەنـتـەربـىـيـە MTV لار ئـۇچــۇر

باش بەت | خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا-سېتىق | تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى | ماشىنا ئۇچۇرلىرى | ئونۋېرسال ئۇچۇلار | كومپىيۇتېر

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: >> سودا-سېتىق
 
ئۆزگىچە ساياھەت قىلىشنى خالامسىز؟
يوللانغان ۋاقىت: 2010-07-12 كۆرۈلىش سانى: 105
 
ساياھەت ئۆمىكىمىزنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىكىلىرى: 1) ئۆمىكىمىز دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ سانىغا چەك قويمايدۇ. بىر ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ساياھەت قىلغۇچىلار بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر،باھادىر ئەپەندى ئۆزى بىۋاستە ساياھەت يېتەكچىسى بولىدۇ. 2) ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ھەققى ئېلىنمايدۇ. 3) ساياھەت داۋامىدىكى سەيلىگاھلارنى تاماشا قىلىش ۋاقتىڭىزغا ۋاقىت چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ. باھادىر ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ساياھەت ۋاقتىڭىزنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
4) ئائىلە شەخسىي ماشىنىسى بىلەن ساياھەتكە چىققۇچىلار ئۈچۈنمۇ ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيىسى ساياھەت رايونى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سېھرى كۈچى، ياپيېشىل گۈزەل مەنزىرىلىرى بىلەن قەلبىمىزدە ئۆچمەس گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ.كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ يېرى مۇنبەت، سۈيى مول بولۇپ، كىمخاب يېپىنغان بۇ ياپيېشىل دالا كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدۇ. ساياھەت رايونىنىڭ ساپ ھاۋالىق ئىللىق قوينى چەكسىز ھوزۇر بەرسە، كۆكتوقاي مەملىكەتلىك گىئولوگىيە باغچىسى، ئېرتىش چوڭ جىلغىسى، ئېرتىش دەرياسى، كۆكتوقاي كەنتى، كۆكتال، يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلبېغى قاتارلىق سەيلىگاھلىرى بىلەن كشىگە ئۆزگىچە تەسىراتلارنى بېرىدۇ.
مېھماندوست قازاق خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، يېمەك-ئىچمەكلىرى تۇرمۇشىڭىزغا يېڭى مەزمۇنلارنى ئاتا قىلىدۇ.
‹قوڭۇرتاق ساياھەت شىركىتى› نىڭ باش دېرىكتورى باھادىر ئەپەندى كۆكتوقاي ناھىيىسىدىكى ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل شۇغۇللانغان بىردىنبىر ئۇيغۇر بۇلۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسى سەيلىگاھىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
‹قوڭۇرتاق ساياھەت شىركىتى› ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللەش، ساياھەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمەتلىرى بىلەن ساياھەتچىلەرگە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ.

كۆكتوقاي ناھىيىسىگە ئىككى كۈنلۈك ساياھەت ھەققى 390 سوم، ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت ھەققى 420سوم ، تۆت كۈنلۈك ساياھەت ھەققى 450 سوم بولۇپ، بۇ كىرا ھەققى، سەيلىگاھقا كىرىش بېلىتى ھەققى،ئارىلىق ماشىنىسى ھەققى، ياتاق ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ھەققى ئېلىنمايدۇ. ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ھەقسىز يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.
يېمەك-ئىچمەكنى تۇرمۇش ئادىتىڭىزگە ئاساسەن تاللاپ خىراجەت قىلسىڭىز بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەك ئىستىمال ھەققىگە چەك قويۇلمايدۇ.

ئائىلە شەخسىي ماشىنىسى بىلەن ساياھەت قىلغۇچىلاردىن پەقەتلا ياتاق ھەققى، سەيلىگاھ كىرىش بېلىتى ھەققى ئېلىنىدۇ.ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ھەققى ئېلىنمايدۇ.يېمەك-ئىچمەكنى تۇرمۇش ئادىتىڭىزگە ئاساسەن تاللاپ خىراجەت قىلسىڭىز بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەك ئىستىمال ھەققىگە چەك قويۇلمايدۇ.
بۇ ئۆمىكىمىز باشقا ئۆمەكلەردىكىدەك ساياھەت جەريانىدا سەيلىگاھلارنى تاماشا قىلىشىڭىز ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. سەيلىگاھلارنى تاماشا قىلغاندىن سىرت يەنە باھادىر ئەپەندىنىڭ يىتەكچىلىكىدە كۆكتوقاي ناھىيىسىدە خالىغانچە پائالىيەت ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
كۆكتوقاي ناھىيىسىدە كۆڭۈللۈك ئويناپ، چارچىغان نېرۋىلىرىڭىزنى ياخشى ئارام ئالدۇرالىسىڭىزلا بىز شۇنىڭدىن خۇشال.

گۈزەل ئالتاي

تۆت پەسلىڭ تۈمەن ياڭزا تۈرلىنىپ،
ئاسمىنىڭدىن پەرى ئۇچقان ئاق ماكان.
ئالەمدىكى ئېسىل تاشلار تاۋلىنىپ،
يايلىقىڭغا يۇلتۇز چۈشكەن پاك ماكان .

ئاق كۈندۈزدە ئاسمىنىڭدىن كۆرۈنەر ،
بىر كارۋان ئۆتمۈشىڭنى ئەسلىتىپ.
ئەسىر ياشلىق بوۋام قاراپ تەلمۈرەر ،
ئەجدادلارنىڭ روھى ئۈچۈن ياش تۆكۈپ.

ئاجايىپ سىر يوشۇرۇنغان زىمىن بۇ ،
بۆرە ئويناپ قەھرىتان قىش سوغۇقتا.
پادىچى ۋە ئۇلاغلارغا تەگمەس ئۇ،
يارايدىكەن قوشنىچىلىق دوستلۇققا.

جەرەن ئويناپ جاڭگاللىقتا چاپىدۇ،
تەبىئەتنىڭ ئىللىق قوينى ماكانى.
يات كۆز بىلەن قاراپ قويساڭ قاچىدۇ،
پىسەنت قىلماس ھەرقانداق بىر جاپانى.

جاڭگاللىقى ئۇلىشىپتۇ جۇڭغارغا،
ئاستى كۆمۈر نېفىت بىلەن لىق تولغان.
يوشۇرۇنغان دورا ئوتلار قۇملۇققا،
تاشقا ئايلانغان دېنازاۋىر تېپىلغان.

كۆك بۈركۈتى كۆك مۇز تاغدىن كۆز تىكىپ،
كۆزگە ئىلمايدۇ قۇۋ تۈلكىنى كەمسىتىپ.
تۈلكە ئەمەس كۆك بۆرىنى كۆزىتىپ
تۇتۇپ يەيدۇ ئۇ پەم بىلەن ئامال قىپ.

ياۋا ئات ، قۇلان كىشنەپ جىلغىلاردىن،
ئاڭلىنار سۈرلۈك ئاۋاز قاراڭغۇدا.
مارايدۇ مۈشۈكياپىلاق يېپىنچىدىن،
مۆكۈنۈپ توشقان قورقاق دالدىلاردا.

ئاق كۆرپە يېپىنىدۇ ئالتە ئاي قىش،
ياپيېشىل گېلەم سالغان ئالتە ئاي ياز.
ئالتاي دەپ ئىسىم قويغان شۇنىڭدىن مىش،
جۈپ ئاققۇ كۆل بويىدا سايرايدۇ ناز.

ياپيېشىل گۈللۈك گىلەم يېشىل يايلاق،
ئالتۇن تاغ، ئالتۇن ئالتاي جەننەت ماكان.
ھەر مىللەت خەلقى ياشار كۆڭلى يايراپ،
ئون ئىككى دەرياسى بار چەتكە ئاققان.

ئاق قىزىل قارىغايلار بوي تالىشىپ،
چوققىلارنىڭ ئۈستىدىن بولۇت تەشكەن.
تۆت پەسلى بىر كۈندە تەڭ ئالمىشىپ،
يامغۇر ياغسا كەينىدىن مۆلدۈر چۈشكەن.

سۈپسۈزۈك بۇلاق قايناپ تاغ قوينىدىن ،
ئاقىدۇ دولقۇن ئويناپ تاشنى يېرىپ.
بۇغا-مارال ئىسقىرتىپ چاتقاللىقتىن،
يۈرۈيدۇ ئېيىق باتۇر مەيدە كېرىپ.

سىرلىق قاناس كۆلى تاغ ئۈستىدە،
يۈز سەككەن يەتتە مېتىر چوڭقۇرلۇقى.
يوشۇرۇنغان جىق سىر بار كۆل ئىچىدە ،
ئەللىك توننا چىقىدۇ بىر بېلىقى.

رەڭلىك مېتال ئالتۇن ۋە ھەرخىل رودا ،
تەبىئىي كۆز يەتمەيدۇ ئورمانلىققا.
قۇلاق سالساڭ ئاڭلىنار ھەرخىل سادا،
زوقلىنىپ بۇلبۇل سايرار گۈلزارلىقتا.

ئالتۇن تاغ بىباھا يۇرت گۈزەل ماكان،
تۇرىسەن قەد كۆتۈرۈپ ئىللىق قوينۇڭ.
مەن ئۈچۈن ھەسەلدىنمۇ تاتلىق توپاڭ،
يازغىنىم ئارتۇق ئەمەس ، ساڭا ئۇيغۇن.

كەل دوستۇم ساياھەت قىل قارشى ئالىمىز،
ساپ ھاۋا ، ساپ يېمەكلىك سوۋغا قىلىپ.
ئاڭلىمىغان ناخشا ئېيتىپ ساز چالىمىز،
مېھمان دوست خەلقىم مېنىڭ تۇرار كۈلۈپ...
شېئىرنىڭ ئاپتورى : شىر مۇھەممەت ئىبراھىم



ئالاقىلاشقۇچىلار :

باھادىر ئەپەندى 13319065911 (ئالتاي) QQ : 739613904

رۇقىيە مىجىت 13999915948 (ئۈرۈمچى) QQ : 86347196

يۇقىرىقىدىن باشقا، يەنە بۇغدا كۆلى ،قاناس، غۇلجا، جانبۇلاق، جەنۇبىي تاغ ،تۇرپان قاتارلىق جايلارغا ساياھەتكە بارماقچى بولسىڭىز ساياھەت سىزنى تورىمىز ھەقسىز ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
 
تېلېفۇن: 13999915948 ئالاقىلاشقۇچى: رۇقىيە مىجىت
 
تەۋسىيە ئۇچۇرلار  
  • كومپىيوتىر كۆك چىش دىتالى
  • مەخپىي نۇمۇر يېشىشتىن يارد ...
  • نۇرلۇق دىسكا كومپىيوتېرغا ...
  • شىركەت تورىدىن ياردەم سورا ...
  • تۇرپاندا،تېزتاماقخانا ئىج ...
  • تەربىيىلەش ساھەسىدىن خىزمە ...
  • تۆت تىللىق ئېلىكتىر كەسپى ل ...
  • خىزمەت ئىزدەيمەن
  • ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقتىن خىز ...
  • ماتېماتىكىدىن ئائىلە ئوقۇت ...
  • پاكلان گېلەم،ماشىنا،موتو ي ...
  • 90يۈەنلىك قۇرلۇش ئورنىغا ئى ...
  • ئويۇنچۇقخانىغا خىزمەتچى قو ...
  • مېھرى ماركىلىق پۇت پۇراش،ت ...
  • <<چولپان يۇلتۇز>>تويلۇق سۈرە ...
  • مەھلىيا توي فىلىم ئىشلەش مە ...
  • خوتەندىن زىمىن سېتىۋالغۇچى ...
  • 100 كۇۋادىرات مىتىرلىق ئۆي س ...
  • بىر ئېغىز ئۆي قىزلارغا ئىجا ...
  • 75كۇۋادىرات مىتىرلىق ئۆي ئى ...
  • تاللا بازىرى ئۆتكۈزۈپ بىرى ...
  • -دوختۇرخانا ئالدىدا ئۆي ئىج ...
  • كىملىكىمنى يۇتتۇرۇپ قويدۇم
  • كىملىك تېپىۋالغانلار بارم ...
  • ياخشى چ چ نۇمۇرلار ھەقسىز س ...
  • ئېلان لاھىيىلەش ئۇستىسى قو ...
  • بارماق دېسكا ياساشنى ئۆگىن ...
  • شىنجاڭدىكى پۇتۇن تورخانا ب ...
  • 2-قەۋەت 100كۋادىرات ئۆي سېتلى ...
  • بىر ئېغىزلىق ئۈيۈمنى ئىجار ...
  • تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Ahyol.com © 2010 E-Mail:info@pakyar.net.TeL:13279990535 , 13399999723
    ئەسكەرتىش: ئاقيول تور بېكىتى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەقسىتى ياخشى ناخشىلارنى ۋە ناخشىچىلارنى توردا تەشۋىق قىلىش، ئەسلىي پىلاستىنكىنى سېتىۋېلىپ
     (13279990535)ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈپ تاشلايمىزxئاڭلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز

    24 سائەت مۇلازىمەت تېلىفونى : 0999-8096620 ، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە يولۇقسىزڭىز : 13279990535 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

    QQ : 164340765(HIKMET)      ,    QQ :1254742268 (AHYOL)

    پۈتــــــــــۈن كۈچىــــــــمىز بىلــــــــــەن مۇقۇمــــــــــلۇقنى قوغــــــــــداپ ئىــــــــــناق شىــــــــــنجاڭ بــــــــەرپا قــــــىلايلى

    تور ساقچىسى

    بېخەتەر تور بېكەت

    پاش قىلىش

    新ICP备10000119号