ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ئىلگىرى 4 يىل كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى ئاچقان، (مۇشۇ ساھەدە ئىشلەۋاتقىلى7 يىلچە بولدى ) مول مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىي تەجىرىبىسىگە ۋە ئەندىزىسىگە ئېگە (تەربىيىلەش ساھەسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىن تارتىپ، ئېلان - تەشۋىقات لايىھىلەش، تەكشىلىكتە ئېلان لايىھىلەش يۇمشاق دېتاللىرىدىن دەرس ئۆتۈش، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تەربىيىلەش ساھەسىنىڭ ئىچكى مالىيە- ھېسابات ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقىچە بولغان بارلىق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايمەن). مەن ئۆزەمگە ئىشىنىمەن. مەن (ھاكاۋۇر بولمىسىلا )ھەر قانداق ئادەم بىلەن تېز سۈرئەتتە چىقىشالايمەن . خىزمەتتە سىز كۈتكەندىكىدىنمۇ ئەستايىدىل ، مەسئۇلىيەتچان ھەرقانداق خىزمەتنى ئۆزەمنىڭكىدەك كۆيۈنۈپ ئىشلەيمەن. ( قالغىنىنى پۇرسەت بەرسىڭىز خىزمەت ئەمەلىيتىمدىن كۆرىسىز ) . مەن يەنە كومپيۇتېردا سېستىما قاچىلاپ، كومپيۇتېردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلالايمەن. Office, Photoshop, CorelDRAW قاتارلىق يۇمشاق دېتاللاردىن بىمالال پايدىلىنالايمەن. ( CorelDRAW بىلەن Photoshop قا پىششق. Photoshop دىن كۆپ يىل مەخسۇس دەرس ئۆتكەن). ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە ۋە ياپونچە خەت بېسىش سۈرئىتىم بوراندەك بولمىسىمۇ شامالدەك تېز.. ناۋادا 1- سىز يىتەرلىك مەبلىغىڭىز بولۇپ، مائارىپ - تەربىيىلەش ساھەسىگە قىزىقىپ ، مەبلەغ سېلىشنى ئويلىشىپ، بۇ ساھەدىن تەجرىبىڭىزنىڭ يوقلىغىدىن غەم قىلىۋاتقان بولسىڭىز...... 2- خىزمەت سالمىقىڭىز ئېغىر بولۇپ، ياردەمچىگە، باشقۇرغۇچىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ... 3- مەكتىپىڭىزدە مەمۇرى خىزمەتلەرنى ئىشلەيدىغان خىزمەتچىگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز... 4- مەكتىپىڭىزنىڭ ئىچكى ھىساباتىنى باشقۇرۇشقا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز ( ماڭا ئىشەنسىڭىز تامامەن بولىدۇ) ماڭا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بەرگىنىڭىزدىن چوقۇم رازى بولىسىز . ناۋادا 1- يالغان گەپنى جېق قىلسىڭىز... 1-ھازىر سىز مەكتەپ ئېچىقلىق بولۇپ، ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولمىسا..... 2-باشقىلارغا ئىشەنمىسىڭىز.... 3-ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى ياخشى كۈزەتمەي، مەكتەپنى بەك چەت جايغا ئېچىۋىلىپ، ئوقۇغۇچى يوق دەپ قاخشاپ ئولتۇرسىڭىز..... 4-مەكتەپ ئېچىشقا لازىملىق قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال ئەسلىھەلىرىڭىز كەم بولۇپ، مەبلەغ سېلىپ ئۆزگەرتىشنى خالىمىسىڭىز... 5- ئائىلىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا باشقۇرۇش ئېلىپ بارسىڭىز... 6- ئەمەلىي ئىقتىدارغا قارىماي ، كېنشكىسنى ئاساس قىلىسىڭىز ... ئەڭ ياخشىسى تېلفۇن ئۇرماڭ. ناۋادا تېلفۇن قىلسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ماڭا يالغان سۆزلىمەڭ ( چۈنكى مەن يالغان سۆزلىگەن ئادەمنى قەتئىي ياقتۇرمايمەن )، تېلفۇندا مەكتىپىڭىزنى تەسۋىرلىگىنىڭىز رىئاللىققا ئۇيغۇن كەلسۇن، يوقنى بار دەپ ئادەم ئاخماق قىلماڭ. ئوقۇتۇش شارائىتىڭىز، مەكتەپ ئاچقىدەك قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال ئەسلىھەلىرىنى ھازىرلاپ ،ئالاقىلاشسىڭىزبولىدۇ. . مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن قاتتىق دېتالنى ھازىرلاپ، ئوقۇغۇچىنى يىغىپ، ئوقۇتقۇچىنى سىنىپقا دەرس ئۆتكىلى كىرگۈزۈپ قويسىلا پۈتمەيدۇ. بۇ ساھەدە ئوقۇتۇش سۈپىتى ئەڭ تۈپكى ئامىل، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى، مەكتىپىڭىزنىڭ قانچىلىك ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىنى بەلگىلەيدۇ. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى بولسا دەرس ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مىتودى بەلگىلەيدۇ. ئۇنتۇپ قالماڭ، ئوقۇتقۇچى مەكتىپىڭىزنىڭ كۆزنىكى، مەكتىپىڭىزنىڭ خاراپ بولۇشى ياكى گۈللىنىشىنى سىزنىڭ ئازادە شارائىتىڭىز، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىڭىز ، قانداقتۇر چۆلنى بوستان قىلىۋىتىدىغان ئېلانىڭىز ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچى بەلگىلەيدۇ. شۇ سەۋەب، مىتودى ياخشى ئوقۇتقۇچىنى قانداق تاللاش، ياخشى ئوقۇتقۇچىنى قانداق تۇتۇپ تۇرۇش، ئىشلەتكەن ئوقۇتقۇچىلىرىڭىز بىلەن ئارلىقنى قانداق ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. ئەلبەتتە ھەم ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ، ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار بولسا ياخشى باشقۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى پىلانلاش ۋە نازارەت قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ئىككىللەنمەي تېلېفۇن قىلىڭ، قالغىنىنى يۈز- تۇرانە سۆھبەتلەشسەك بولىدۇ. تەشەككۈر |