جۇڭگو ئاخبارات تورى 20- ماي تېلگراممىسى . فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، ئىراق يەرلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارى 20- ماي ئاشكارلاپ : " ئىراق پايتەختى باغداد ۋە ئۇنىڭ جەنوبىدىكى شەھەر بەسرەدە شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەندە بىر قانچە قېتىملىق زەنجىرسىمان بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بىرىپ ئاز دىگەندە 12 ئادەم قازا قىلدى .
يەرلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارى يەنە مۇنداق دىدى :" ئىراق پايتەختى باغدادتا شۇ كۈنى 5 قېتىملىق ئاپتوموبىل بومبا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، جەنوبتىكى پورت شەھەر بەسرەدە ئىككى قېتىم پارتىلاش يۈز بېرىپ ، جەمئىي قازا قىلغان ئادەم سانى 12 گە يەتكەن . "