تورنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسى ئەھۋالى
ئاپتورى: تەدبىركارمەزكۇر يازمىمىزنى ئىز قوغلاپ كۆرۈۋاتقان تورداشلىرىمىزغا شۇنىسى مەلۇم، بىز يازمىمىزدا قىسقا ۋە ئاددىي تىللار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى تور ئەھۋالى ۋە بىر قىسىم ئىچكى ئۇچۇرلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمىز. يازمىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا دېيىلگەندەك، نۆۋەتتە تور تىزگىنلەنگەن دىيارىمىز شىنجاڭدا مۇقىملىق ئەڭ ئالدىنقى ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە تور دۇنياسىنى مىسال ئېلىپ ئېيتساق، نۆۋەتتە تورنىڭ نېمە ئۈچۈن تىزگىنلەنگەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىمىزغۇ دەيمەن. شۇڭا توردىكى ئىش ھەرىكەتلىرىمىز، گەپ-سۆزلىرىمىزگە ئالاھىدە دىققەتتە بولساق، توردىكى مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى ساقلىساق، بۇ ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدىغان تور بېكەتلەرنىڭ بالدۇرراق ئېچىلىشىنى قولغا كەلتۈرسەك دەپ ئويلايمەن.
بۇ يازمىنىڭ ھەر بىر قىسمىنىڭ كۆرۈلۈش سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، مەندىمۇ داۋاملىق يېزىش ئىستىكى تۇغۇلدى، شۇڭا يەنىلا بىر قىسىم مەسىلىلەر ئۈستىدە داۋاملىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
ئالدى بىلەن ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرى توردا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن «تور ئېچىش» غوۋغاسى توغرىسىدا كۆپچىلىككە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي:
7-ئاينىڭ 6-كۈنى تور تىزگىنلەنگەندىن باشلاپ، ئىزچىل ھالدا ھەر ئاينىڭ 1-كۈنى ياكى ئاخىرقى كۈنلىرى «تور ئېچىلىدىكەن» دەيدىغان ئەپقاچتى گەپلەر توردا مودا بولۇشقا باشلىدى، شىنجاڭدىكى تورداشلار تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ رېئاللىقنى دەماللىققا قوبۇل قىلالمىدى، چۈنكى ئىنتېرنېت شىنجاڭغا كىرگەندىن تارتىپ ھېچقاچان بۇنداق چوڭ دائىرىلىك تور تىزگىنلىنىش ئېلىپ بېرىلىپ باقمىغان. گەرچە رەئىس نۇر بەكرى تورنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان بولسىمۇ، تورداشلار يەنىلا تور تىزگىنلەشنىڭ تېزرەك ئەمەلدىن قالدۇرىلىنىشىنى ئىستەيتتى. دېگەندەك ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرى، يەنى 11-ئايلاردا مەركەزدىن مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۆمىكى شىنجاڭغا كەلدى، بۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، قاچان تورنى ئاچىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بېكىتىپ بېرىدۇ دەپ قاراشتى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆمەكنىڭ كېلىشتىكى مەقسىتى تورنى قانداق ئېچىش ئەمەس، بەلكى قانداق تىزگىنلەش(يەنى كېيىنكى مەزگىلدە توردىكى ئۆسەك سۆز، يالغان ياۋىداق پىتنە پاساتلارنى قانداق كونترول قىلىش)نى تەتقىق قىلىش ئىدى، ھەتتا مۇشۇ ئىش ئۈچۈن تېلېگراف تارماقلىرى نەچچە ئون قېتىملاپ يىغىن ئاچقانمۇ بولغان.
كېيىن توردا 11-ئاينىڭ 15-كۈنى تور ئېچىلىدۇ دەيدىغان بىر خەۋەر كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە ئىش ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ، ئەينى چاغدا يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەر ئىزچىل يىغىن ئېچىپ يۈرۈپ، ئاخىرى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، تورنى ئېچىشنى باشلاشنى قارار قىلغان ۋە تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ تەييار بولۇپ تۇرۇشنى ئۇقتۇرغان، شۇ مەزگىلدە ھەقىقەتەن تېلېگراف تارماقلىرى تۇيۇقسىز كەلگەن زور مىقداردىكى ئېقىم مىقدارىنى توسۇش ئۈچۈن، ئۈسكۈنىلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ رەتلەپ، ھەرقايسى مۇلازىمېتىرخانىلارغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم تورخانىلاردىمۇ تور ئېچىش توغرىسىدا خەۋەرلەر چاپلانغان، بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن بولغان ئىشلار. بىراق كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەر تورنىڭ ھەقىقىي كونترول قىلغۇچىسى ئەمەس بولۇپ، بۇ ئىشقا كېيىن يۇقىرىدىن قوشۇلماي شۇ جايىدىلا باستۇرۇپ قويغان، شۇ سەۋەبتىن ئاتالمىش تور ئېچىش توغرىسىدىكى خۇشخەۋەرمۇ كۆپۈككە ئايلانغان.
كېيىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەتكەندىن كېيىن، يۇقىرىدىن بىر ھۆججەت چۈشكەن، ئاساسلىق مەزمۇنى تورنى يىل ئاخىرىسىدىن باشلاپ تەدرىجىي ئېچىش دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھازىر شىنجاڭدا قوللىنىلىۋاتقان «تورنى تەدرىجىي ئېچىش» تۈزۈلمىسى دەل مۇشۇ تۈزۈلمىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمدى يېقىندىن بۇيانغا بىر قىسىم ئەھۋاللارغا نەزەر سېلىپ ئۆتەيلى:
يېقىندىن بۇيان تورداشلار ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، تور بېكەتلەرنى ئاچقان ۋاقتىمىزدا يېڭى يىپەك يولى(ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ تېلېگرافى شۇ) تور بېكىتىنىڭ ئۇلىنىش بېتى ئېچىلىپ تۇرۇۋالىدۇ ۋە بەتنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك توسۇۋېلىپ، ئادەمگە بىر خىل بىزارلىق تۇيغۇسى بېرىپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. نۇرغۇن تورداشلار بەلكىم بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي. يەنى بىر خىل رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن تۇتۇپ قېلىش تۈزۈلمىسى دەيدىغان تۈزۈلمە بار، ناۋادا مەلۇم بىر كەسىپ تۈرىدە، ئەرز قىلغان ئابونتنىڭ سانى مەلۇم ساندىن ئېشىپ كەتكەندە، بۇ كەسىپكە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرنىڭ مۇكاپاتى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. كۆپچىلىك ھەممىمىز بىلىمىز، پۇلنىڭ قۇدرىتى ھازىر ئاجايىپ بولۇپ كەتتى، ئۇنداقتا قولىمىزغا تېلېفوننى ئېلىپلا 10000 غا نومۇر بۇرىساق بولدى، تېلېفوننى قوبۇل قىلغان خانقىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ADSL نىڭ پۇلىنى تولۇق تۆلەۋاتقانلىقىڭىزنى، بۇ قىلمىشنىڭ ئىستېمال ھوقۇقىڭىزغا ئېغىر تەسىرى بولغانلىقىنى ئېيتىڭ، 10000 غا ئۇرسىڭىز ھەق ئالمايدۇ، ھەركۈنى بىكار بولغاندا ئۇرۇپ قويۇڭ، ئەرز جۇغلانمىسى ئېشىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە، ئۇ باشلىقنىڭ كارى بولماسلىققىمۇ ئامالى يوق، مۇكاپات يەنىلا نىسبەت بويىچە تۇتۇلىۋېرىدۇ...
يېقىندا توردا 3000 دىن ئارتۇق تور بېكەتنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى(شىنجاڭ تور-خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىگە قاراڭ)، بەلكىم بىر قىسىم تور بېكەت باشلىقلىرى بۇ تور بېكەتلەر قاتارىدا مېنىڭ تور بېكىتىم يوقكەن دەپ خۇش بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئىش بۇنچە ئاددىي ئەمەس، ھازىر تور نازارەتچىسىنىڭ تور بېكەتنى تاقاشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنىڭ مەزمۇنى ئەمەس، بەلكى ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇچۇرلىرىنىڭ تولۇق بولماسلىقى ياكى ھەقىقىي بولماسلىقىدۇر. شۇڭا ئالدىنقى مەزگىلدىكى چوڭ تەكشۈرۈشتە نۇرغۇن تور بېكەتلەر يىقىلدى، قايتا ئورنىدىن تۇرالىغانلىرىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس، يىل بېشىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ھەر قايسى مۇلازىمېتىرخانىلار ۋە تور بېكەتلەر تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، ھەر ئايدا دېگۈدەك نەچچە قېتىم چوڭ تەكشۈرۈشلەر بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا مۇشۇ يېقىندا سىز دائىم بارىدىغان مەلۇم تور بېكەتلەرنى تۇيۇقسىز ئاچالماي قالسىڭىز، ئانچە بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، بۇ تامامەن نورمال ئەھۋال، ئېشىپ كەتسە بىر قانچە كۈن ساقلىسىڭىز بۇ تور بېكەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يەنە نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىيالايسىز.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن يازمىمىزنىڭ بۇ سانى مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىپ قالدى، يازمىنىڭ كېلەر قېتىمقى سانىدا، نۆۋەتتە شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان تورنىڭ ئېچىلىش ۋاسىتىسى ۋە يەنە بىر قىسىم قاراڭغۇ نۇقتىلار ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ داۋاملىق دىققەت نەزەردە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.
مەنبەسى: كومپيوتېر ھەۋەسكارى تورى
 |