تىما : بارماق دىسكا ئوڭشاش ئۇسۇللىرى
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى
UID نومۇرى: 39
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 225
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە225دانە
جۇغلانما: 181
پۇلى: 225
تۆھپىسى: 65
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 25(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-14 21:00

بارماق دىسكا ئوڭشاش ئۇسۇللىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرتىمىسى: بۇ يازما ahyol تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-06-15)
سوئال: بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا سالسام، دىسكا بەلگىسى كۆرۈنىدۇ، ئەمما، ئۇنى قوش چەكسەم «فورماتلامسىز»-دەيدۇ، «ھەئە»نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇسام، فورماتلاپ ئاخىرىغا كېلەي دىگەندە، 无法格式化 (فورماتلاشقا ئامالسىز) دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ؟ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولامدۇ؟ جاۋاب: ناۋادا، بارماق دىسكا بەلگىسى كۆرۈنسە، بۇنى ئەلۋەتتە ئوڭشاشقا بولىدۇ. بۇ ئادەتتە بارماق دىسكا ئۆزەك ئىچىدىكى پروگراممىلارنىڭ ۋىرۇس تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، بارماق دىسكا قاتتىق دېتالىنىڭ سۈپەت مەسىلى ئەمەس. يېقىندا بۇ خىل ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان خېرىدارلار كۆپىيىپ قالدى، ئۇنداقتا ئاددىي ئوڭشاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.
1-خىل ئۇسۇل:
(1) ئالدى بىلەن google.com ياكى baidu.com غا كىرىپ USBOOT يۇمشاق دېتالىنى ئىزدەپ تېپىڭ(ھازىر ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 1.70)، ئۇنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
(2) USB دىسكا رايونىنى HDD (قاتتىق دىسكا) ھالىتىدە فورماتلاڭ. باشقا رايونلارنى فورماتلىۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.
(3) ئېكراندىكى كۆرسەتمە بويىچە بارماق دىسكىنى تارتىۋېلىڭ ھەم يەنە قايتا سېلىڭ.
(4) ئەڭ ئاخىرىدا قوزغىتىش دىسكىسى ياساڭ. بۇ ۋاقىتتا USB دىسكا رايونىنى قوش چەكسىڭىز فورماتلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. «شۇنداق» نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇپ، FAT ھالىتىدە فورماتلاڭ.
(5) بارماق دىسكىنى قايتىدىن ئېلىپ سالسىڭىزلا بولىدۇ، تامام
2-خىل ئۇسۇل:
(1) ناۋادا، بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى 2GB بولسا، قاتتىق دىسكىغا 2GB كىچىك بولغان (مۇمكىن بولسا 1.5GBچوڭلۇقتا) لوگىكىلىق تارماق رايون قۇرۇڭ. ئاندىن ئۇنى GHOST 11 ئارقىلىق گوستلاڭ.
(2) بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ، GHOST 11 نى قوزغىتىڭ. ئاندىن بايىقى گوست ھۆججىتىنى بارماق دىسكا بەلگىسى كۆرسەتكەن رايونىغا قايتۇرسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى خالىغان ئۇسۇل ئارقىلىق، فورماتلاشقا مۇمكىن بولمايدىغان بارماق دىسكىنى ئوڭشاشقا بولىدۇ، ئەمما، ئىچىدىكى ھۆججەتلەر بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، بارماق دىسكا ئىشلەتكۈچىلەر ئەڭ ياخشىسى ئۇچۇرلارنى قەرەللىك تۈردە قاتتىق دىسكىغا زاپاس ساقلاشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

-سىز كۆرۋاتقان تىما بارماق دىسكا ئوڭشاش ئۇسۇللىرى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 220
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 226
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-14 23:31

مىنىڭ يۈتۈپ كەتتى . يۈتۈپ كەتكەننىمۇ تېپىۋالغىلى بولىدىغان ئۇسۇنى دەپ برىڭە.
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 8
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 136
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە136دانە
جۇغلانما: 80
پۇلى: 136
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 43(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-06-29
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-16 18:53

رەھمەت بىلىشكە تېگىشلىك تېما ئىكەن.................
kitap mihnatsiz ustaz