بىكار ئاغرىنىپتىمەن
ئاخيول ئەر-ئايال ئۇرۇشۇپ قاپتۇ.ئايالى يىغلاپ تۇرۇپ :
-مۇنداق ئەسكىلىگىڭىزنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام ،ئاپامنىڭ گېپىگە كىرىپ سىزگە تەگمەسكەنمەن!
ئاخيول تۇرۇپ كېتىپ ئاستا سوراپتۇ:
-دىمەكچى بولغىنىڭىز ،ئاپىڭىز ئىككىمىزنىڭ تويىغا قوشۇلمىغانما؟
ئايالى بېشىنى لىڭشىتىپتۇ.ئاخيول شىرەنى بىر مۇشلاپ :
-ھەي ،شۇنچە يىللاردىن بېرى ئاپىڭىزدىن بىكار ئاغرىنىپ يۈرۈپتىمەن!
باغاقچە
ئاپتوبۇستا ئۇچقۇنكامنىڭ بىر قىزغا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ،يۈرىكى پىژژىدە قىپ ،ئۆزىگە مەدەت بېرىپ ،قىزغا باغاقچە يېزىپتۇ.
‹‹خانقىز،سىز بىلەن تونۇشۇپ قالغۇم بار،خالىسىڭىز بۇ باغاقچىنى قايتۇرۇپ بېرىڭ،خالىمىسىڭىز دەرىزىدىن تاشلىۋېتىڭ››
قىز باغاقچىنى ئېلىپ ،كەينىگە بىر قاراپ قويۇپ،سومكىسىدىن قەلەم ئېلىپ بىر نەسىلەرنى يېزىپ ،ئۇچكۇنكامغا بېرىپتۇ.
ئۇچقۇنكام خوشال بولۇپ،ئۆزەمنىڭمىغۇ پەيزىم بار دىگەچ باغاقچىگە قارىسا ‹‹كەچۇرۇا ،دېرىزە ئېچىلمايدىكەن!››
[ بۇ يازمىنىbilgarدە2010-06-14 15:27قايتا تەھرىرلىد ]
 |