akyol manga hamra
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 129
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
جۇغلانما: 6
پۇلى: 8
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 8(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-23
ئاخىرقى: 2010-07-27
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-25 22:58

ئانىلار

"ئېڭە"دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ،ئۇيقۇلۇقتا سىلاپ-سىپاپ ئېڭەڭلىگەن ئاللىينى ئىمىتىپ،مىھىرلىك كۆزلىرى بىلەن يۈرەك پارىسىگە قاراپ تويمايۋاتقان كىم؟
تەم-تەم ماڭغان قۇزىسىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ چارچاپ ھالى قالمىسىمۇ چېھىردىن كۈلكە كەتمىگەن كىم؟
بالام دەپ مىڭ يەردىن تۈكۈلۈپ،بالام دەپ بارنى بېرىپ سەھەر تۇرۇپ ناشىتلىق تەييارلاپ مەكتەپكە يولغا سېلىپ كەينىدىن ئالدىراش ئىشقا ماڭغان كىم؟
ئىشتىن قايتىپ كىيمىنى ئالماشتۇرۇشقا،قۇلنى يۇيۇشقا ئاران ئۈلگۈرۈپ تاماققا تۇتۇش قىلۋاتقان،تاماقتىن كىيىن  قاچا يۇيۇپ،بالسىنىڭ تاپشۇرۇقنى تەكشۈرۈۋاتقان،باللىرىم ئوبدان ئۇخلىسۇن دەپ يۇمشاق ئۇرۇن ھازىرلاۋاتقان كىم؟
زىمىستاندا ئىللىق قۇياش،باھاردا مەيىن شامال،تۇمۇزدا زەمزەم بۇلۇپ،پەرزەنتىلىرنى مىھىربان ئىنسان بۇلۇشقا ئۈندەۋاتقان كىم؟

قىزىق تۇنۇرغا نەچچە قېتىم باش تىقىپ،قىزىق تۇنۇر تەپتىدە قىزارغان يۈزىدىن رەڭ ئېلىپ پىشقان تۇقاچلىرى بىلەن ھاياتلىققا لەززەت بېغىشلەۋاتقان كىم؟
يۇلتۇزلار جىمىرلىغان،تۇلۇن ئاي زىمىنغا مىھىرى بىلەن باققان تۈن كېچىلەردە تېخى ئۆيگە كەلمىگەن بالسىنى زارېقىپ كۈتۈپ،ئۇيقۇسىرغان كۆزلىرنى بىر نوقتىغا تىكىنچە ئولتۇرغان كىم؟ ئانىلار،مەن ئىزدىدىم،ھەممە يەردە سىلەرنىڭ سىمايىڭلار،سىلەرنىڭ ئىزلىرىڭلار بار ئىكەن.ئېھ ئانىلار قەلبڭلاردا سوۋماس ئاتەش مۇھاببەت بولغانلقى ئۈچۈن،بالام دەپ ئوتقا كىرىشتىن سۇدا ئېقىشتىن يانمايسىلەر،سىلەرنىڭ سېخىلىقىڭلار زىمىنى خىجىل قىلسا،مېھىر-مۇھابىتىڭلار قۇياشنى خىجىل قىلدۇ.ھەر بىرتاڭ  پەسىلدىكى گۈزەللىكلەر دىلەرنىڭ تەبەسۈمىڭلاردىن قىزغىندۇ.ئانىلار،سىلەر پەرىشتە!چۈنكى سىلەر ئازاپ،قايغۇ،مۇشەققەتلەرنى ئۈزەڭلارغا قالدۇرۇپ بىزگە بەخىت ھەدىيە قىلغان،شۇڭا يۇللىڭلار ئاق،تىنىڭلار ساق،ئالتۇن بۇيۇڭلار ئامان بولسۇن!شۇ ئامانلقتا قەلبلىڭلارغا تۇلۇپ تۇرغان بارچە مۇھاببەتتەك مۇھەببەتلىك قەلبىلەردىن مۇھەببەتلىك قەلبىلەرگە يول ئېچىلسۇن,دۇنىيا مېھىر مۇھاببەتكە تولسۇن!

سىلەر بىزنىڭ قۇياشىمىز،شۇڭا سىلەرنى ھۆرمەتلەش ۋە قەدىرلەش شۇنداقلا سىلەرنىڭ بىزگە بەرگەن ئاق سۈتىڭلارنىڭ ھەققى ئۈچۈن سىلەرنى بىر ئۆمۈر مۈرۈمىزگە ئېلىپ كۈتۈرۈشكە ھەقلىقمىز.



 
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئانىلار,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 143
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
جۇغلانما: 3
پۇلى: 4
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 6(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-25
ئاخىرقى: 2010-07-26
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-25 23:56

قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 219
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە219دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 225
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
2تال  يوللانغان ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى

ھەقەقەتەن ياخشى يېزىپسىز ھارمىغايسىز ئەزىز.