دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 122
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
جۇغلانما: 31
پۇلى: 12
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-23
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-25 22:19

ئىقرارنامە

باشقۇرۇش ئەسكەرتىمىسى: بۇ يازما ahyol تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-07-26)
 
مەن ياتلاردىن قوقىمەن قىرىنداشنى پۇتلايمەن  ،
سالىمىم يوق پۇقراغا  كاتتىۋاشنى  يوقلايمەن ، 
 پولى  بارغا  ھېجىيىپ  نامراتلارنى  تىللايمەن  ، 
 مەنپەئەت  ئۈچۈن دوسقىمۇ  مىلتىقىمنى  ئوقلايمەن ،
خوشەمەتنى دەسمى قىپ قورسىغىمنى توقلايمەن . 

مېنىڭ ئىككى يۈزۈم  بار  ئۇستا  ھەر  خىل چاقچاققا ، 
ئۆتەر كۈنۈم   بەك  خوشال  باغرىم قانسا غېيۋەتكە    ، 
تېلىمەيمەن    ياخشى  كۈن    قىرىنداشقا     ئۈلپەتكە  ، 
مەن   كۈلىمەن   باشقىلار  قالسا  ئېغىر    كۈلپەتكە  ، 
ئازاپ  تارتسا  باشقىلار  مەن  راھەتتە  ئۇخلايمەن  . 
 
قۇرۇق  ئاتاق  نام ئۈچۈن  تۆرگە  چىققۇم  كىلىدۇ  ، 
چېكىتچىلىك  بولسىمۇ  ئەمەل   تۇتقۇم كىلىدۇ  .  
بولوپ  قالسام   تاۋكادا    دايىم   ئۇتقۇم   كىلىدۇ   . 
دۈشمەن   ئەمەس  دوستتنمۇ   قۇسۇر  تاپقىم   كىلىدۇ ،
ياخشىلارنى    مەن دايىم  جازالايمەن  سوتلايمەن . 

ھەممە  يۈرسە   پىيادە  مەنلا   يۈرسەم   ئات   بىلەن  ، 
شاھقا  چىقىپ  دوستومنى  كۈنۈم  ئۆتەر  دات  بىلەن  .
يالاق يالاپ كۈنلىرىم  ئۆتەر  كۈنۈم   قان يىغلاپ   ،
تۇققانلارنىڭ  پىيىنى  قىيدىم  بىللە  يات  بىلەن ، 
  ياشالمىدىم   ئادەمدەك  نوموس  نىمە   ئۇقمايمەن   .

 كاتتىلارنى   كۆرگەندە  نان  ئالىمەن   تىزلىنىپ     ، 
بوزەك   قىلدىم   يوۋاشنى   يۈرۈگىگە   تىغ   سىلىپ  ، 
ئازدۇرۇمەن   ھەممىنى   شەيتان  بىلەن   بىرلىشىپ   . 
ئالۋاستىنى   دوست  تۇتۇپ     ئۆتەلەيمەن   سېردىشىپ  .
ھۈنەر  قىلىپ  مىكىرنى  توساقلارنى  ئاتلايمەن    .

نىمىشقىكىن قىيلىنىپ  كۈنۈم   ئۆتەر  ھەسەتتە    ، 
شەرەپ  قۇچسا   باشقىلار  مەن   يىغلايمەن   بىر  چەتتە. 
ئوماچ  ئىچسۇن   ھەممىسى مەنلا يەيچۇ ئاش  بەتتە  ،
نىمە   ئۈچۈن   بەزىلەر    ئېرىشىدۇ     ھۆرمەتتە  ،
ئاچچىغىمدا  بەزىدە  ئۆز  ئۆزۆمگە    قىيدايمەن    .


تۆھپە   ئەجىر    قىلغاننى    تىللىغۇملا      كىلىدۇ ، 
ئىش  خوشياقماس  راست   ئېيتسام  ئۇخلىغۇملا  كىلىدۇ  ، 
تۈرلۈك        ئويۇنغانلاردا   ئوينىغۇملا       كىلىدۇ     ،
ئېچېىپ  ئىسىل  شاراپنى  مەس  بولغۇملا  كىلىدۇ  .
سۈرۈپ كەيپى ساپانى  مەن ئۆزۆمنى بۇلغايمەن   .

كۆنۆپ  قالدىم  ئەمدى  مەن   نەشە  بىلەن ھاراققا  ، 
 كۈندە بەش   رەت  قاتنايمەن  ھاراق  ئەرزان   قاۋاققا  .
پۇت  قوللىرىم  تېترەيدۇ  كۆڭلكم  تارتماس  تاماققا  .
ئەمدى  قانداق  قىلارمەن   بارالمايمەن  يېراققا     . 
راستىنى  ئېيتسام   دوسلىرىم   مەن تۈگەشكەن   ئوخشايمەن   .

 
مەنبە: ئىجادىيىتىم

-سىز كۆرۋاتقان تىما ئىقرارنامە,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 220
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 226
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-27 00:18

پىكىرىڭىز ھەقىقەتەن   ئۆتكۈركەن  ، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ناكەسلەرنى تازا جايىدا قامچىلاپسىز، رەھمەت .
دەرىجىسى: مۇنبەر مەسئۇلى

UID نومۇرى: 2
جەۋھەر يازمىسى: 9
يوللىغان يازمىسى: 141
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە141دانە
جۇغلانما: 105
پۇلى: 142
تۆھپىسى: 3
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-27 01:13

بۇ شېئىر بىلەن ھەقىقەتەن يامان كىشلەرنى قامچىلاپ ياخشى يولغا مىڭىشغا دەۋەت قىپسىز