مەن بۇ شىېرىمنى جەمىيىمىزدىكى بىر قىسىم خوتوندىن قورقىدۇ دەپ نام ئالغان ئەرلىرىمىزنىڭ سايىماخۇن بولىشىغا ئۆزى سەۋەپچى ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكچى . ئەلبەتتە ئىسىل سۈپەتلىك قەيسەر مەردانە زەپەرداس ئەرلىرىمىز بۇنىڭدىن مۇستەسنا .
يېگىت چاغدا ئىسمىڭىز ئىدى نوچى چوڭ سايىم ، سىزگە كۆيۆپ قالغانتى نەچچە سەتەڭ گۈلئايىم . قىزلار سىزنى كۆرگەندە بوپ كىتەتتى مۇلايىم ، سىزنى ماختاپ مەھەلىدە گەپ بولاتتى ھەر دايىم .
نەۋبەر يېگىت بولغانسىز بۇرۇتىڭىز خەت تارتىپ ، ئىشقىڭىزدا يۈرگنتى قانچە قىزلار دەرت تارتىپ . شۇ چاغلاردا سىز دايىم ئۆزىڭىزنى بىلەلەمەي ، پەقەت ئويناپ يۈردىڭىز ھەر دوقمۇشتا سەپ تارتىپ .
سىزگە تەككەن مەھەللىنىڭ ئەڭ سەتىڭى گۈزەلئاي ، خوشال بولوپ ئۇ تويدا كۈلگەن ئىدى يىغلىماي . ھەتتا سىزنى سۆيگەچكە ئېغىر تويلوق سالدۇرماي ، ئەل جامائەت ئالدىدا كۈتكەن سىزنى خۇشچېراي .
توي قىلىپ كۆپ ئۆتمەستىن ئۆزگەردى خۇي -پەيلىڭىز ، تالادىكى ئويۇنغا مايىل بولدى مەيلىڭىز . ئۆيدە سىزنى سېغىنىپ كۈتۈۋاتسا لەيلىڭىز ، قېتىق ئېچېپ ئايدېڭدا تۈگۈمىدى سەيلىڭىز .
كۆنۆپ قىلىپ كەچكىچە نىشە بىلەن ھاراققا ، كەلمىدىڭىز ئۆيگىمۇ ھەتتا ئىسسىق تاماققا . كەيىپچىلىك دەستىدىن ئايلىنىپ خام قاپاققا ، يېقىلدىڭىز نەچچە رەت تېيلىپ كېتىپ شاپاققا .
بولمىدى چورت كارىڭىز ئۆيىڭىزدە نىمە كەم ، قىلمىدىڭىز ھېسداشكىق ئايالىڭىز تارتسا غەم . گۈزەلئاينى ئاخىرى تۈگەشتۈردى دەرت ئەلەم ، شۇنىڭ بىلەن گەۈزەلئاي بولدى شۇنداق بىر بىشەم .
مانا ئەمدى ئۇ سېزنى سىلكىشلەيدۇ تېللايدۇ ، گۇنايىڭىز بولغاچقا سىزنى كۆزگە ئېلمايدۇ . ياقىڭىزغا ئېسلىپ ئۆيىڭىزدىن قوغلايدۇ ، ئەل ئاۋامنىڭ ئالدىدا ھۆرمىتىڭىز قىلمايدۇ .
بوپ قالدىڭىز خوتوندىن قورقوشتا سىز بەك داڭلىق ، ئەمدى موللاموكموكسىز قىلالمايسىز قاراملىق . تىل ئاھانەت دەستىدىن يوقتۇر سىزگە ئاراملىق ، ھويلىڭىزدا پاختەكمۇ سايراپ تۇرار داۋاملىق .
سايىم ئاكا مەن سىزگە يازدىم بۈگۈن ئوچوق خەت ، ئەركەك تۇرۇپ خوتوندىن قورقوش سىزگە بەكمۇ سەت . بارچە گۇنا ئەسلىدە ئۆزىڭىزدە بىلسىڭىز ، ئەركەك تۇرۇپ خوتوندىن قورقوش ئەسلى قىيامەت.
مەنبە: ئىجادىيىتىم |