ياخشى بولساڭ ياتمۇ ياقلايدۇ ،
يامان بولساڭ يارمۇ قارغايدۇ .
ئالتۇن بولساڭ تۇپىدا ياتقان ،
خەلقىڭ ھامان سىنى بايقايدۇ .
كىرىپ سالما كۆڭۈل كەينىگە ،
ئاپىرىپ سىنى چۆلدە تاشلايدۇ .
ۋەسۋەسىسى يامان شەيتاننىڭ ،
گۈلگە ئەمەس گۆرگە باشلايدۇ .
باشقىلارغا سانىساڭ قارا ،
سىنىمۇ ھەم بىرى باپلايدۇ .
توخو يىگەن تۈلكىنى بىر كۈن ،
بۆرە كىلىپ ئۆزى جايلايدۇ .
ئامەت ساڭا مەڭگۈلۈك ئەمەس ،
ئاپەتمۇ بار سىنى يوقلايدۇ .
ياخشى بولساڭ باش-كۈزىڭ ئامان ،
ياخشىلارنى تەڭرى ساقلايدۇ .
قەدىرلىگىن ئاتا-ئاناڭنى،
شۇندا ساڭا نەپرەت ياغمايدۇ،
ئۇلار ساڭا رازىلىق بەرمەي ،
قىلغان ئىشىڭ ھەرگىز ئاقمايدۇ.
ياشلىقىڭدا ئۆگەنگىن ئىزدەن،
چۈنكى ياشلىق دائىم تۇرمايدۇ.
ئوقۇساڭمۇ مىڭ بىر پۇشايمان،
بىر كەتتىمۇ قەتئى كەلمەيدۇ.
يىغلاپ قالسەن بەزىدە زار-زار،
چۈنكى زامان ساڭا باقمايدۇ.
تۇلپىرىدىن چۈشمە ئۈمىتنىڭ،
شۇندا ئەجرىڭ زايا كەتمەيدۇ.
ياخشى بولساڭ ياخشىلار ھەمرا،
يامان بولساڭ يانمۇ دادلايدۇ.
ئۈلۈپ كەتسەڭ ياخشى نام بىلەن،
خەلقىڭ سىنى مەڭگۈ ياتلايدۇ.
(ئىجادى ئەسەر)
 |