مىنىڭ ئۈچۈن كەتتى ياشلىقىڭ،
تاپقىنىڭنى يىمەي ھەم كىيمەي
سوراپ باقاي دىگىنە ئانا ؟
سىنىڭ ئۈچۈن نىم قىلىپ بېرەي.
ئامراق ئىدىڭ تۈگۈپ ئاشلارغا،
باھار كەلدى بىدىلەر تېرەي.
بىر كىسەلگە بولساڭ مۇپتىلا،
داۋا ئىزدەپ جاھاننى كىزەي.
ئېتىڭ ھارسا چۈشمىگىن يەرگە،
ئۆزۈم ئات بوپ ھارۋاڭنى سۆرەي.
تىزىم يارا بولسىمۇ مەيلى،
بار چېغىڭدا قەدرىڭنى بىلەي.
ئۆتمە ئەمدى ئۇچاق بېشىغا،
تامىقىڭنى ئوخشۇتۇپ ئىتەي.
ئەندىش قىلما ھويلا ئارامدىن،
ئۆزۈم تازلاپ،سۈيىڭنى سىپەي.
چىققىن ئانا يەلكەمگە قېنى،
تەبىئەتنى كۆرسىتىپ كىلەي.
كۈلۈپ بەرگىن رازىلىق بېرىپ،
شۇندا مەنمۇ مۇرادقا يىتەي.
ئەجەل كەلسە كەينىڭدىن قوغلاپ،
سىنى يۈدۈپ يىراققا كىتەي.
ئەجىر قىلدىڭ، ئەجىرىڭ ئۇلۇغ.
ئەمدى مەنمۇ قەرزىمنى تۆلەي.
(ئىجادى شېئىر)
[ بۇ يازمىنىahirki-sukutدە2010-07-25 20:39قايتا تەھ ]
 |