تىما : ئەيدىز  بىمارى ئامىنە بىلەن سۆھبەت
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 25
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 32
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە32دانە
جۇغلانما: 25
پۇلى: 32
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 8(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-13
ئاخىرقى: 2010-07-24
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-14 11:42

ئەيدىز  بىمارى ئامىنە بىلەن سۆھبەت

باشقۇرۇش ئەسكەرتىمىسى: بۇ يازما ahyol تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-06-14)
ئەيدىز  بىمارى ئامىنە بىلەن سۆھبەت


ئاساسىي مەزمۇن: زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش تۈپەيلى ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان. بىر بالىسى بار ، ئېرىدىن ئۆزى تەلەپ قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن ...

مۇھىم نۇقتىسى : بىر ئانىنىڭ بۇرچ - مەسئۇلىيىتى ۋە مېھىر - مۇھەببىتى ، جەمئىيەتنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە ياردىمى ، پەرزەنتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى تەشۋىش ۋە ئىزتراپ ...


***     ***     ***


- ياخشىمۇ سىز، مۇمكىن بولسا ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

- بولىدۇ. ئىسمىم ئامىنە ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم )، ئۇيغۇر ، بۇ يىل 35 ياشقا كىردىم.

- ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملغانغانلىقىڭىزنى قاچان بىلگەن ئىدىڭىز؟

- ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا. مەن زەھەر چېكىش جەريانىدا شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن  ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى ئۆزۈمگە يۇقتۇرۇۋالغان.

- سىزنىڭ ئېرىڭىز ۋە بالىڭىز بارمۇ؟

- بىر بالام بار. ئېرىمدىن ئۆتكەن يىلى ئاجرىشىپ كەتكەن.

- ئۇنداقتا ئېرىڭىز  ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ قالغانمۇ ياكى ؟

- ياق، ئۇ يۇقۇملانمىغان ، ناھايىتى ساغلام.

- ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملغانغانلىقىڭىز مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كەتكەن ئوخشىمامسىلەر ؟

- ئاجرىشىپ كېتىش تەلىپنى ئۆزۈم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. ئېرىم مېنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتى، مېنىڭ ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتى. مەن ئۇچاغدا ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتماستىن، مەن جىگەر كېسىلى بولۇپ قاپتىمەن، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈتىپ بېقىڭ، دەپ مەجبۇرىي ھالدا ئۇنى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىگە ئاپىرىپ قېنىنى تەكشۈرۈتتىم. نەتىجىدە ئۇ تېخى ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملانمىغان، ساغلام بولۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاجرىشىپ كېتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭدىن رەسمىي ئاجرىشىپ كەتتىم.

- قارىغاندا، ئېرىڭىز تېخى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەستە ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىپسىز، پەرزەنتىڭلار بارمىدى؟

- بىر قىزىمىز بار ئىدى.  4 ياشقا كىردى. ئۇماق قىزىم بىلەن ئىككىمىز  ھازىر بىرگە تۇرىۋاتىمىز.

- سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنى بىلگەن چېغىڭىزدا نېمىلەرنى ئويلغان ئىدىڭىز؟

- نېمە دېسەم بولار، ئىش قىلىپ كۆز ئالدىمدىكى ھاياتنىڭ مەن ئۈچۈن ئۆز رەڭگىنى يوقاتقاندەك ھېس قىلدىم. ئېرىم بىلەن قىزىمنى تەكشۈرتكەندىن كېيىنكى نەتىجە چىققۇچە بولغان بىر ئاي ئىچىدە ئويلىمغانلىرىم قالمىدى. تېخى 2 قاپ چاشقان ئۆلتۈرۈش دورىسىمۇ تەييارلاپ قويدۇم. ئەگەر قىزىممۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ قالغان بولسا، مۇشۇ دور ئارقىلىق ئىككىمىزنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدۇم. 1 ئايدىن كېيىن نەتىجە چىقىپ، قىزىمنىڭ ساغلام ئىكەنلىكى، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانمىغانلىقى مەلۇم بولدى. پەقەت شۇندىلا كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. قىزىم ئۈچۈن ياشىشىم كېرەك، دەپ ئويلاپ ئىلگىرىكى بولمىغۇر خياللىرىمنى تاشلىدىم.

- نېمە ۋەجىدىن ئېرىڭىزدىن ئاجراشماقچى بولدىڭىز؟

- شۇنداق، ئۆزۈم خالاپ ئېرىمدىن ئاجرىشىش تەلىپىنى ئۆزۈم ئوتتۇرىغا قويدۇم. دەسلەپتۇ ئۇ قوشۇلمىدى. ئۇ ھېچ نېمىنى چۈشىنەلمەي جىلە بولاتتى، مەن سىزگە بىر ئوبدان قاراۋاتسام ، ئىككىمىزمۇ بىر بەلەن ئۆتۈۋاتساق توساتتىنلا نېمە دەپ ئاجرىشىپ كەتكۈدەكمىز ؟ دەپ زىنھار ئۇنمىدى. ئەمما مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتمىدىم. ئۆزۈمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىمنى ئېيتسام بولمايتتى. ئەگەر ئۇ شۇنداق ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالسا، چوقۇم مېنىڭ بىلەن بىرگە ياشاپ، مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىمەت دەپ تۇرۇۋالاتتى. مېنىڭ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغۇم ، ئۇنىڭغىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى يۇقتۇرۇپ قويۇشنى خالىمايتتىم . ئاخىرقى ھېسابتا ئاجرىشىپ كەتكەن بولساقمۇ، ئېرىم ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن نېمە سەۋەبتىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىمنى بىلمەيدۇ...


- ئۇنداقتا بالىنى باقىدىغان مەسئۇلىيەتنى سىز ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالغان ئوخشىمامسىز ؟

- نېمە دېسەم بولار ، راست گەپنى قىلغاندا ، مېنىڭ ھېچقاندەك ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەيىم يوق. بالىنى ئۆزۈم بېقىپ قاتارغا قېتىشىم مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش. ئەمەلىيەتتە قىزىمنى جاپاكەش ئانام بېقىپ بېرىۋاتىدۇ. مېنىڭ ھازىر بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەك مادارىم قالمىدى.

- قىزىڭىز ھەققىدە كۆپرەك سۆزلەپ بېرەمسىز ؟

- قىزىم بەك چىرايلىق. بويمۇ ئېگىز. ھازىر ئۇ ناھايىتى ساغلام . يېشى كىچىك بولسىمۇ بەك ئەقىللىق. مېنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا بەك ئىش ئۇقىدۇ. قەتئىي قەغىشى يوق. ئۇنىڭ بىلەن بازارغا چىقساقمۇ بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى كۆرگىنىدە تۇتۇپ - سىلاپ قويىدۇ يۇ ئەمما، ئاپا ئېلىپ بەر ، دەپ تۇرۇۋالمايدۇ. مەن دائىم قىزىمنىڭ كۆڭلىنى ياساپ ، ئۇماق قىزىم ئاپىڭىز مۇئاش ئالغان ھامان ( ئەمەلىيەتتە نەدىمۇ مائاشىم بولسۇن ) سىزگە مۇشۇ ئۇيۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىدۇ - ھە ! دەپ بەزلەپ قويىمەن. گاھىدا سېغىز ئېلىپ بېرىمەن. ئىشقىلىپ قىزىم مېنىڭ كۆڭلۈمنى بەك ئايايدۇ ...

- قىزىڭىز نېمە دېگەن ئەقىللىق ھە ، ئۇ ئادەتتە نېمىلەرگە ئامراق ؟

- قىزىم ھېكايە- چۆچەك ئاڭلاشقا بەك ئامراق. دائىم مېنى ھېكايە - چۆچەك ئېيتىپ بېرىڭ، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. يەنە ناخشا ئوقۇپ بېرىڭ دەپ تۇرۇۋالىدۇ تېخى، گەرچە ناخشىنى تازا ياخشى ئوقۇپ كېتەلمىسەممۇ ، قىزىم مېنىڭ ناخشىلىرىمنى ئاڭلاشقا بەك ئامراق.

- دېمىسىمۇ بالا ئۈچۈن ئانىنىڭ ئاۋازىدىنمۇ يېقىملىق ئاۋاز يوقتە !

- ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ناخشا ئېيتىپ بېرەلمىسەم، ئۇ ئۆزى ئۈنقويغۇدا ناخشا قويۇپ تىڭشايدۇ، تېخى ئەگىشىپ ئۇقۇپ قويىدۇ. گاھىدا ئۇسۇل ئوينايدۇ. ئۇسۇلنى تېلېۋۇزردىن ئۆگىنىۋالغان ئىكەن. ئىشقىلىپ قىزىم بەك زېرەك ...

- ئادەتتە ئۆيدە قىزىڭىزغا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى يۇقتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن قانداق قىلىسىلەر ؟

- ئادەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نىڭ 3 ئاساسلىق يۇقۇش يولىدىن باشقا يۇقۇش خەتىرى يوق. شۇنداقتىمۇ بالىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا ، مەن ئادەتتە تولىمۇ ئاۋايلايمەن. ئۇنى سۆيگەن چاغلىرىم ياكى ئۇنىڭغا تاماق يېگۈزگەن چاغلىرىمىدا تولىمۇ دىققەت قىلىمەن. ئەگەر ئۇنىڭ يۈزىدە زەخىملەنگەن جاي ياكى مېنىڭ قوللۇرىم قاناپ قالغان بولسا ، قىزىمىغا يېقىنلاشمايمەن. كېيىملىرىنى تۇتۇشقا پېتىنالمايمەن. قىزىمىنىڭ كېيىملىرىنىمۇ ئانام كېيگۈزۈپ قويىدۇ. ئانام ئادەتتە مېنى ئىش قىلغىلى قويمايدۇ. ھەتتا تاماق ئەتكىلىمۇ قويمايدۇ. ئۇ مېنىڭ بۇ جەرياندا زەخىملىنىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىم تۆۋەن بولغاچقا ئەگەر قولۇم كېسىلىپ كەتسە ياكى زەخىملىنىپ قالسا ئوڭاي ساقايمايتتى .

- ئۆز بالىسىغا كۆيمەيدىغان ئانا بولمىسا كېرەك، سىز بالىڭىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى قانداق ئىپادىلەيسىز ؟

- تېلېۋۇزۇردا گاھىدا ئانا - بالىلارنىڭ قۇچاقلاشقان ، سۆيۈپ قويۇشقان كۆرۈنۈشلىرى چىقسا قىزىم ئۆزىنى ماڭا ئېتىپ، مەڭزىمگە سۆيۈپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغلاردا مەن ئۇنى ئىتتىرىپ يېقىن كەلگىلى قويمايمەن. بەزىدە ئۇ تىزىنى قۇچاقلاپ يىغىلاپ كېتىدۇ. مەن بىر باھانىلەر بىلەن ئۇنى بەزلەيمەن، چاچلىرىنى سىلايمەن . كۆزۈمدە ئەمەس يۈرۈكمدە يىغلايمەن. ئەجىبا مېنىڭ قىزىمنى باغرىمغا باسقۇم، مەڭزىلىرىگە مەڭزىمنى يېقىپ، سۆيۈپ قويغۇلىرىم يوقىمىدۇ ... ئاھ ، خۇدا !

- ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر سىزنىڭ  ئەيدىز ( AIDS ) ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمدۇ؟

- مېنىڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمدىن باشقىلار مېنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىمنى بىلمەيدۇ. مەنمۇ باشقىلارنىڭ مېنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىمنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن. باشقىلارنىڭ كېسەللىكىم تۈپەيلى مېنى كەمسىتىشى ياكى چەتكە قېقىشىدىن قورقۇپ كەتمەيمەن. ئاساسلىقى قىزىمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىشدىن ئەنسىرەيمەن.

- ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بالىدىكى ئۆزگىرشىلەر بەكمۇ دىققەت قىلىسىز ھەرقاچان،  قىزىڭىز ئاغرىپ قالغان چاغلاردا قانداق قىلىدىغانسىز ؟

- قىزىمىنىڭ زۇكامداپ، قىزىپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن. شۇنداق چاغلاردا كۆپ ئىشلارنى ئويلاپ كېتىمەن. قىزىمغا ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇپ قالغانمىدۇ، كۆزنەك مەزگىلى ئاخىرلىشىپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىۋاتامدىغاندۇ دەپ ، تەشۋىشلىنىپلا تۇرىمەن. گاھىدا ئۆلۋالغۇم كەپ كېتىدۇ. ھەر قېتىم ئاغرىپ قالغىنىدا 1 قېتىم دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتىمەن. ئانام ماڭا، 2- 3 قېتىم تەكشۈرتتۇق، ساغلام چىققاندىن كېيىن، ئارتۇقچە ئەنسرەپ كەتمىگىن دەپ، تەسەللىي بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، كۆڭلۈم زادىلا جايىغا چۈشمەيدۇ. ھەر قېتىم دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ياخشى چىققانلىقىنى كۆرگەندىلا ئۇھ دەيمەن. شۇ تاپتا ھازىرمۇ قىزىمنى قايتا تەكشۈرۈتىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ. قانچە كۆپ تەكشۈرتسەم، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ياخشى چىققاننى كۆرسەم ئاندىن كۆڭلۈم تىنىدىكەن، شۇنچە خاتىرىجەم بولىدىكەن. ئۇماق قىزىمنىڭ ئاپىسىنىڭ كاساپىتىدىن بۇ ئەيدىز ( AIDS ) ئاتلىق يالماۋۇزنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىشىنى قەتئىي خالىمايمەن.

- راست گەپنى دېگەندە، سىزگە ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئىكەن. بىر يەتتە ئەزايى بېجرىم ساغلام تۇل ئايالنىڭمۇ بالىنى بېقىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالمىقى شۇنچىلىك تەس، سىز تېخى كېسەلمەن، ئىقتىسادىي شارائىتىڭىز شۇنچىلىك ناچار تۇرۇپمۇ قىزىڭىزغا شۇنداق ياخشى قاراپ كەپسىز. قارىغاندا، ئانىڭىز مۇشۇ كەمگىچە سىزگە تەسەللىي بېرىپ، سىزگە كۆيۈنۈپ، ھالىڭلاردىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ - دە ؟

-  شۇنداق.

- ئۇنداق ئەشۇ مېھرىبان ئانىڭىز بىلەن سۆھبەتلىشىپ باقساق بولۇرمۇ ؟ ئانا ياخشىمۇ سىز، قىزىڭىز ئامىنەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇشى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

- قىزىم تېخى بەك ياش. ئەمدىلا 30 نەچچە ياشقا كىردى. بۇ كېسەلگە گىرىپدار بولۇپ قېلىپ، كۈنۈم - كۈنۈم يىغا - زارە قىلىپ چىقتۇق. ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ ئىچ - باغرىم ئېچىشتى. ناھايىتى بىئارام بولدۇم. ئەمما، ئۆزەمنى يوقىتىپ قويمىدىم. دائىم ئۇنىڭغا ئىلھام - تەسەللىي بېرىپ كەلدىم. ھازىر قىزىمنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ قالدى. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىمۇ ئاشتى. ھازىر ئاساسلىقى تۇرمۇشىمىز سەل قىسىنچىلىقتا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن دائىم ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ كېلىۋاتىمەن.
قىزىم مەن سىزنى ياخشى كۆرۈمەن. ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭىزنى ھەرگىز ئۈزمەڭ. مەن دائىم سىز بىلەن بىرگە ، جېنىم بالام ....


مەنبە:يۈكسەل بىلوگى
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئەيدىز  بىمارى ئامىنە بىلەن سۆھبەت,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 38
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 110
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە110دانە
جۇغلانما: 27
پۇلى: 110
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-26
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-14 18:39

ئاھ ئازغۇن.
ئۇنۇڭغا ئاللاھ ھىدايەت قىلسۇن.
دەرىجىسى: مۇنبەر مەسئۇلى

UID نومۇرى: 2
جەۋھەر يازمىسى: 9
يوللىغان يازمىسى: 141
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە141دانە
جۇغلانما: 105
پۇلى: 142
تۆھپىسى: 3
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-14 19:32

Re:ئەيدىز  بىمارى ئامىنە بىلەن سۆھبەت

ھەي مۇشۇ كىسەلنى نىمە دەيلى ئەمدى
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى
UID نومۇرى: 39
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 225
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە225دانە
جۇغلانما: 181
پۇلى: 225
تۆھپىسى: 65
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 25(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-28
3تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-14 20:16

ئاللاھ ساقلىسۇن جۇمۇ
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 52
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
جۇغلانما: 0
پۇلى: 3
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2010-06-26
4تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-16 21:58

Re:ئەيدىز  بىمارى ئامىنە بىلەن سۆھبەت

ئامنىە،،قەيسەر بۇلۇڭ،،،،،،كەيپىياتىڭىزنى، ياخشى تۇتۇپ،،، داۋالىنىشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز،،،،،،، ئاللا بۇيرۇسا  يەنە نەچچە ئون يىل ياشايسىز،،،،،ئادەم ھامان ئۆلىدۇ،،،،،،
بۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتىڭىزدا،،،،،ئازاپ -پۇشايمان  بىلەن ياشىماي،،، ئەھمىيەتلىك بىر ئىش قىلىپ،،،،ئۆزىڭىزگە  تەسسەللى تېپىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
man silarning kerindixinglar