دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 138
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
جۇغلانما: 16
پۇلى: 16
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-24
ئاخىرقى: 2010-07-27
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-25 15:57

ئىز

رەسىم:
                           ئىز


ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
 
ئەمدى ئاتقا مىنگىدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
 
ئاز ئىدۇق مۇشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،

ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق،قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.

قالدى    ئىز     چۆللەر ئارا،     گاھى  داۋانلاردا  يەنە،

قالدى  نى-نى  ئارسلانلار  دەشت-چۆلدە   قەۋرىسىز .

قەبرىسىز  قالدى  دېمەڭ،   يۇلغۇن  قىزارغان   دالىدا ،

گۈل-چىچەككە  پۈركىنۇر  تاڭنا  باھاردا   قەۋرىمىز  .

قالدى ئىز، قالدى مەنزىل ،قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،

چىقسا بوران،كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.

توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق، 

تاپقۇسى ھېچ   بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز يا ئەۋرىمىز.
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئىز,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى: