ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت....
شامدەك يېنىپ ئەبەدىل ئەبەت،
غۇنچىلارغا سوزلەپ ھەقىقەت.
ئايرىتقۇزۇپ مۇھەببەت نەپرەت،
جاھالەتكە ئوقۇتۇپ لەنەت،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت.
ئايسىز ئايدىڭ بولمايدۇ ئەسلى،
مۇئەللىمسىز يوق باھار پەسلى.
يۇقار ھەتتا قۇت باھار پەسلى،
مەنمۇ ئاشۇ مۇئەللىم نەسلى،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت.
ئىزدىنىمەن ھەر بىر قەدەمدە،
چۇنكى دادىل ئىزباسار مەندە.
ئېغىر يۇك بار مىنىڭ زىممەمدە،
زارلانمايمەن قالسام ئەلەمدە،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت.
ئوقۇتقۇچى تەربىلەيدۇ ياش غۇنچىلارنى،
چاڭقىغان قەلىپكە بېرىدۇ زۇمرەت.
ھورمەت بىلەن تىلغا ئېلىنار ئۇنىڭ نامى،
شۇڭىمۇ پۇككەنمەن بىرلا نامنى،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت.
 |