دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 145
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
جۇغلانما: 1
پۇلى: 5
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-25
ئاخىرقى: 2010-07-26
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-25 15:34

ئوقۇغۇچى

     گۈزەل شەھەر،ئاي يورۇقىدا سانسىز بىنالار ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. سەن كوچا چىراقلىرى يانغان ئاسفالىت يولدا چىرايلىق ياسىنىپ ئالدىراپ ماڭىسەن.
     ئەي ئوقۇغۇچى، سەن مۇشۇ مېڭىشىڭ بىلەن يۈرەك شەكلىدە چىراق ئېسىلغان ئاۋۇ ئىشىككە__ قىز-يىگىتلەر مۇزىكا قۇچىقىدا ئەللەيلىنىدىغان تانسخانىغا ئالدىراۋاتامسەن؟!
    مەن بىلىمەن:سەن ھەر كۈنى پەلەكتە يۇلتۇزلار چاقناشقا باشلىغاندا تاتلىق خىياللىرىڭ بىلەن شىپ-شىپ دەسسەپ بۇ يوللاردا ئالدىراپ ماڭىسەن.قەلبىڭدە ئاخشامقى گۈزەل قىزنىڭ سىماسى تەكرار نامايەن بولىدۇ. قۇلاق تۈۋىڭدە ئۇنىڭ يېقىملىق كۈلكىسى جاراڭلايدۇ؛ بۇ كېچە سەن ئۇچۇن شۇ قەدەر لىرىكىلىق تۇيۇلىدۇ.
    ئەي ئوقۇغۇچى، سەن يېقىملىق مۇزىكىغا لەرزان ئويناۋاتقىنىڭدا مەھەللەڭدە ئوقۇشۇڭ ئۈچۈن پۇل تەييارلاشنىڭ غېمىدە يۈرىۋاتقان داداڭ ئوڭغۇل-دوڭغۇل ئېتىزلىقتا يىقىلىپ قوپۇپ سۇ تۇتىۋاتىدىغاندۇ. ساڭا ھەمراھ بولغان قىز بىلەن ئۇسسۇزلۇق ئۈچۈن قىزىل ھاراق ئىچىۋاتقىنىڭدا ، داداڭ بىلەن ئاناڭ ئېتىز بېشىدىكى ئېرىق يېنىدا سۇ ئىچىپ ئولتۇردىغاندۇ. بۈگۈنكىدەك گۈزەل مىنۇتلىرىڭنى چۈشلىرىڭدە كۆرىۋاتقىنىڭدا، شۇ مىھرىبان ئات-ئاناڭ سېنىڭ غېمىڭدە ھەسرەت چېكىپ ياتىدىغاندۇ.
    ئەي ئوقۇغۇچى، سەن دوسلۇرۇڭ ئالدىدا چوڭ قولۇق بىلەن پۇل خەجلىگىنىڭدە، ئاتا-ئاناڭنىڭ كىملەردىن پۇل سوراپ بويۇن قىسىقانلىقىنى بىلەمدىغانسەن؟ سەن شىمنى قىرلاپ، ئايىقىڭنى مايلاپمەغرۇر يۈرگەن شۇ مىنۇتلاردا ئاشۇ ئاتا-ئاناڭنىڭ جۇل-جۇل كىيىم بىلەن يىرتىق ئاياق كىيىپ يۈرگەنلىگىنى ئويلامدىغانسەن! سەن ئەتىكى ئۇيۇننىڭ غېمىنى قىلىۋاتقىنىڭدا، ئاتا-ئاناڭنىڭ سېنىڭ ئەتەڭ ئۈچۈن باش قاتۇرۋاتقانلىقىنى بىلەمدىغانسەن!
    تام تۈۋىدىكى ئاۋۇ مايلامچى بالىغا قارا! ئۇنىڭ يېنىدىكى گازىرچىقىزچۇ! ئۇلار باشلانغۇچتىكى ئوقۇغۇچى! ئۇلارنىڭ مۇھتاجلىق قاپلىغان كۆزلىرى كىتاپ كۆتۈرۈپ ماڭغان ناتۇنۇش سىتودىنتنىڭكەينىدىن ئەگەشمەكتە.
    سەنچۇ؟ گەرچە سېنىڭ تۇرقۇڭ بايۋەتچىلەرگە ئوخشىسىمۇ روھى جەھەتتىن نامراتتۇرسەن. چۈنكە سەن روھىڭ ئۆلگۈن ، ئۆزۈڭنىڭ كىملىگىنى بىلمەي قالغان ئوقۇغۇچى!
    سەن يەنىلا چىراق يورىغان ئاسفالىت يولدا.........
    مەن سېنىڭ بۇ يوللاردىكى مەغرۇر تۇرقىڭدىن كەلگۈسىدىكى يىتىم قالغان ئېچىنىشلىق قىياپىتىڭنى كۆرگەندەك بولدۇم......!
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئوقۇغۇچى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 145
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
جۇغلانما: 1
پۇلى: 5
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-25
ئاخىرقى: 2010-07-26
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-25 15:36

بۇ يازما ئىجادىيتىم ئەمەس، ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ خاتىرلىۋالغان ئەسەر،رەھمەت!
adamlar yultuzdak yaxaxni bilganda andin kuyaxka aylinalaydu
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 43
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
جۇغلانما: 1
پۇلى: 12
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 6(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-15
ئاخىرقى: 2010-07-27
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-25 18:49

     بۇ ئەسەردە سۆزلەنگەن ئىشلار ئۇ ھەقىقەت .چۈنكى بىز مىللى ئوقۇغۇچىلاردا ئۇزۇندىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەمەلى ئىشلار .ئېسىمدە قېلىشىچە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بەزى ساۋاقداشلار ئويۇن تاماشىنى دەپ ئاتا ئانىسىغا يالغاندىن خەت يېزىپ پۇل ئالاتتى .ئەمەلىيەتتىچۇ پۇل كەلگەن ھامانلا تانسىخانىغا يۈگۈرۈپ ، ئولتۇرۇش ياساپ پاك پاكىز تۈگىتىۋېتەتتى .ئۇلارنىڭ بۇ قىلغانلىرى ھەققىدە مۇنازىرىىلىشىپ كېتەتتىم .ئەمەلىيەتتە ئالى مەكتەپ ئۇلارنىڭ ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىدىغان سورۇنكەن . بۇ چاغدا ئوينىۋالمىسا مەكتەپ پۈتتۈرگەندە ئوينىيالماسمىش .
   سىتودىنتلارغا شۇنداق جار سالغىم كېلىدۇ .  ‹‹ھەي مىللىتىمىزنىڭ ئۈمۈدلىرى ئالى مەكتەپ ئويۇن مەيدانى ئەمەس . بىلىم ئالىدىغان جاي .ۋاقتىڭلارنى بىلىم ئېلىش ئۈچۈن سەرىپ قىلىڭلار.بىلىم بىلەن ئۆزەڭلارنى قوراللاندۇرۇپ جەمىيەتكە  مىللەتكە كېرەكلىك ھەقىقى بىلىم ئىگىىسى بولۇپ چىقىڭلار  . سىلەردىن ئەجدادنىڭ روھى خوش بولۇپ كۈلسۈن .ھەرگىزمۇ جەمىيەت داشقىلىغا ئايلىنىپ قالماڭلار ! ››
    پاكزات گەرچە بۇ ئەسەر ئۆز ئەسىرىڭىز بولمىسىمۇ بۇ تېمىڭىز چوقۇم نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ چوڭقۇر ئويلۇنۇپ بېقىشىغا تۈرتكە بولالايدۇ دەپ قارايمەن . سىزگىمۇ رەھمەت .
[ بۇ يازمىنىarmanدە2010-07-27 02:46قايتا تەھرىرلىدى ]