كەچۈرگىن، ئەمدى سېنى سۆيەلمەيمەن
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى مۇھەممەت ئابلىمىت(ئاقيول چايخانىسى: ئەرشىدىن)
(يېقىندا شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى "مۇھەببەت ۋە قانۇن" سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان)
- مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا بىر ئالىي مەكتەپنى يېڭىلا پۈتكۈزگەن سېتودىنتنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشىنى ۋە ئۆكۈنىشىنى ئاڭلاپ بۇ نەسىرنى يېزىپ چىقتىم، بۇ ياشنىڭ قىسمىتى كەڭ ياشلارغا ئىبرەت بولغۇسى!
ئالي مەكتەپ ھاياتى ئادەمنىڭ لىرىك مۇھەببەت ۋە قايناق ھېسىياتلارغا باي دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت تارىخى ئالي مەكتەپتىن باشلىنىدۇ. تۆۋەندە بايان قىلىدىغېنىم بىر يىگىتنىڭ ئالي مەكتەپ دەۋرىدىكى ھەقىقىي كەچۈرمىشى ...
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئاتا-ئانامنىڭ ۋە دوستلىرىمنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇ - ئارمانلىرىنى زىممەمگە ئېلىپ، ئالي مەكتەپ بۇسۇغىسىغا قەدەم قويدۇم. يېڭىچە مەكتەپ ھاياتى ۋە ئۆزگىچە ئۆگىنىش مۇھىتىدا بىلىم ئىزدىنىۋاتقان مەزگىللىرىمدە سەن ماڭا ئۇچراپ قالدىڭ .شۇ كۈنلەردە مەن دەرس بېسىمىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرۈۋاتاتتىم. بىر كۈنى مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق ئېلىۋىتىپ، شۇنچىلىك ئاددى ۋە يارىشىملىق كىيىنۋالغان، قاپقارا ئۇزۇن چاچلىق، ئوتتۇرا بوي، ئۇماققىنە بىر قىزچاق كىتاپ كۆتۈرۈۋالغان ھالدا ئالدىمدا پەيدا بولدى. مەن ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭغا ئۇزاقتىن - ئۇزاق قاراپ قالدىم. ئۇ ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس ناز خۇلقى بىلەن ئاستاغىنە ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ كەينىگە تىزىلدى. بۇ دەل سەن ئىدىڭ. بۇ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىش ھەم تۇنجى مۇھەببىتىمىزنىڭ باشلانمىسى ئىدى. سەن تامىقىڭنى ئېلىپ بۇلۇپ، مىنىڭ بىر يۇرتدىشىمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇڭ ھەم ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتىڭ، دىمەك، سەن ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ياكى دوستى بولۇشۇڭ مۇمكىن. مەن تامىقىمنى ئېلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىلەر سىلەر ئولتۇرغان ئۈستەلگە باردىم، يۇرتدىشىم بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ساڭا قارىدىم، سەن مىيقىدا كۈلۈپ ماڭا ئاددىيلا سالام قىلدىڭ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆز ئارا تۇنۇشتۇق، سەن دەل مەن ئويلىغاندەك يۇرتدىشىم بىلەن بىر كەسىپتىكى ساۋاقداش بۇلۇپ چىقتىڭ.
مۇھەببەت ھېسلىرىغا باي بولغان سېنتەبىرنىڭ مەلۇم بىر ئاخشىمى. مەن سېنى كەچلىك سەيلىگە تەكلىپ قىلدىم. سەن دەسلەپتە چىققىلى ئۇنىمىدىڭ. بۇ سىنىڭ غۇرورلۇق ۋە ئىپپەتلىك قىز ئىكەنلىكىڭنى ئىپادىلەيتتى. ئىككىنچى كۈنى مەن ساڭا يەنە تېلىفون قىلدىم. بۇ قېتىم سەن خېلى تەستە چىقىشقا ماقۇل بولدۇڭ. ئىككىمىز مەكتەپ ئىچىدىكى كۆل بويىغا بېرىپ كەچلىك مەنزىرىنى تاماشا قىلغاچ پاراڭلاشتۇق. بۇ جەرياندا مەن ئىككىمىزنىڭ نۇرغۇن كۆز قاراشلىرىمزنىڭ ئوخشاشلىقىنى بايقىدىم. سېنىڭ گەپ قىلغان چاغدىكى ھالىتىڭ، كۈلۈشلىرىڭ ۋە سەبى تاتلىق قىلىقلىرىڭ مىنى قاتتىق جەلىپ قىلۋالغانىدى. دىمەك، قەلبىمدە ساڭا بولغان مۇھەببەت بىخلىرى ئۈنۈشكە باشلىغاندەك تۇراتتى. كۈنلىرىمىز مۇشۇ يۇسۇندا بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ساڭا كۈڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم. گەرچە كىچىك ۋاقتىمدا قىزلارغا يالغاندىن تەلەپ قويۇپ باققان بولساممۇ، بۇ قېتىمقىسى، رەسمىي يوسۇندا قىزلارغا تۇنجى قېتىم تەلەپ قويۇشۇم ئىدى. شۇڭا خېلىلا جىددىيلەشتىم. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن سەن ماڭا ماقۇل بولدۇڭ. مېنىڭ شۇ كۈندىكى خۇشاللىقىم، شۇ مەزگىللەردىكى ئەڭ زور خۇشاللىق ئىدى. شۇ ۋاقىتتا سەن ئەمدىلا 81 ياشقا كىرگەن كىچىك قىز ئىدىڭ. ئىككىمىز ئوتلۇق مۇھەببەت قاينىمىدا، ئۆزىمىزچە دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئاشىق - مەشۇقلاردەك يۈرەتتۇق. بىز كۈندە كۆرۈشەتتۇق، بىللە تاماق يەيتتۇق، كۈنلىرىمىز باغچىلاردا، كۆل بويلىرىدىلا ئۆتەتتى. شۇ كۈنلەردە ئىككىمىزنىڭ خىيالىدا مۇھەببەتتىن باشقا ھىچنەرسە بولمىغاچقا، بۇرۇنقى ئۇلۇغۋار غايە، ئۆگىنىش ئىرادىسى دېگەندەكلەر نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتكەنىدى. ئاخىرى بولىدىغان ئىش بولدى ...
مەۋسۈم ئاخىرىدا ئىككىمىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى. بىز مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ ئۆزىمىزنى تۇتۇۋىلىپ ئۆگىنىشكە كىرىشىش نىيىتىگە كەلدۇق.
تەتىل تۈگەپ ئىككىنچى مەۋسۈممۇ باشلاندى. ئىككىمىزنىڭ يۇرتى بىر يەردە بولمىغاچقا تەتىل مەزگىلىدە بىر -بىرىمىزنى قاتتىق سېغىنىشتۇق. شۇڭا ئىككىمىزنىڭ ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇشى مۇھەببىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنىدى. بىز ئۆزىمىزنى بىلمىگەن ھالدا مۇھەببەت ئالدىدا باش ئېگىپ يەنە قاينامغا غەرق بولدۇق. ئايلار، يىللار شۇ پېتى ئۆتىۋەردى. ھەش -پەش دىگۈچە ئالي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىقىپ قالغانىدۇق. قورقۇنۇشلۇق جۇدالىق كۈنلىرى يىتىپ كېلىۋاتاتتى. سېنىڭ مەخسۇس كۇرس بولغاچقا، مەندىن ئىككى يىل بۇرۇن پۈتتۈرىدىغان بولۇپ قالدىڭ. مەن سېنى ھەقىقى ياخشى كۆرەتتىم. چۈنكى بۇ ياشلىق بوسۇغىسىدىكى تۇنجى ساپ مۇھەببەت ئىدى. سەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مېنى ساقلاش ئۈچۈن يۇرتۇڭغا كەتمەي ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئورۇندىن خىزمەت تېپپ ئىشلىدىڭ. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن سەن خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بۇلۇپلا ماڭا ئايرىلىپ كېتىش تەكلىپىنى قويدۇڭ. شۇ كۈنى قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىنى ئۆزەملا بىلەتتىم. مەن ساڭا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. شۇ كۈندىن باشلاپ، سەن مەن بىلەن كۈرۈشكىلى ئۇنىمىدىڭ. كۈندە ئىدارەڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ سېنى ساقلاپ تۇراتتىم، سەن چىققان ھامان خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇش بۇلۇپ كېتەتتىم. لېكىن ئاشۇ سۇغۇق چىراي، سىلكىشلەر بىلەن چىدىغۇسىز دەرت -ئەلەملەر ئىچىدە قايتىپ كېتەتتىم. سېنىڭ دەردىڭدە مەن ھاراققا بېرىلىپ كەتتىم، شۇ ئازاپلىق كۈنلەردە ھاراق مېنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىم ۋە مۇھەببىتىمگە ئايلاندى. بەدىنىممۇ ھاراق تۈپەيلى زەئىپلىشىشكە باشلىدى. سېنى ئۇنتۇش ئۈچۈن مەن باشقا بىر قىز بىلەن ئارلىشىپ يۈرۈپمۇ باقتىم ساڭا بولغان مۇھەببىتىم چوڭقۇر بولغاچقا، سېنى ئۇنتۇش مەن ئۈچۈن ئىنتاين تەسكە توختىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىرى سېنى ئۇنتۇپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن تەڭ مەكتەپنىمۇ شۇ ئازاپلىق كۈنلەر بىلەن پۈتتۈردۈم. لېكىن مەن ئۆز-ئۆزەمگە رازى ئەمەس، ئىدىم. چۇنكى مەن ئاتا -ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالمىدىم، مەن ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇيالمىدىم، ئالتۇندەك ئالىي مەكتەپ ھاياتىم شۇ مۇھەببەت ئۈچۈن سەرپ بۇلۇپ كەتتى، زېھىن قويۇپ ئېلىم تەھسىل قىلىدىغان شۇ ياشلىقىم ئازاپ ۋە زەئىپلىك ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى. مەن مەكتەپ بىلەن خوشلۇشۇپ خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بېرىدە سەن تۇيۇقسىز ئالدىمدا پەيدا بولدۇڭ، لېكىن ئالدىمدا تۇرغىنى بۇرۇنقى شوخ، ئوماق ۋە سەبىي خۇلىقلىرى بىلەن مېنى جەلىپ قىلىۋالغان ھېلىقى قىزچاق ئەمەس ئىدى. سەن ئۆزگىرىپ باشقىچە بىر قىزغا ئايلنىپ قالغان ئىدىڭ، سەن ماڭا يارىشىۋېلىش تەكلىپىنى قويدۇڭ، سەن مېنى ئىككى يىل داغدا قۇيۇپ، يەنە ئەخمەق ئەتكەندەك بۇ گەپنى قىلىۋاتاتتىڭ. ئەمەلىيەتتە مەن سېنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن، ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئۆلگەن ئىدى. سەن يىغلىدىڭ، قاخشىدىڭ ،لېكىن ئورنىغا كەلمەيتتى، دوستلىرىڭمۇ كىلىپ يارىشىۋېلىش توغرىسىدا ماڭا نەسىھەت قىلدى. ئاڭلىشىمچە سەن ئىككى يىلدىن بېرى ئىزچىل مېنى ياخشى كۆرۈپ كەپسەن، مېنى بىر مىنۇتمۇ يادىڭدىن چىقىرىپ قويماپسەن. مېنى ياخشى ئوقۇسۇن، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋەتمىسۇن دەپلا مەندىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ كېتىپسەن ...
ئەپسۇس، سەن قاتتىق خاتالاشقانىدىڭ. مېنىڭ ئەمدى بۇ مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرغۇم يوق. ئىككىمىزنڭ مۇھەببىتى بىزگە نىمە بېرەلىدى؟ ئىككىمىز ئۇيۇندىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلىدۇقمۇ؟ ئادەمنىڭ ئۆمرىدە بىرلا قېتىم كېلىدىغان ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئەسلىدە تېپىلغۇسىز ئۆگىنىش پۇرسىتى ئىدى. بىز مۇھەببەت، ئويۇن -تاماشىلار بىلەن بەند بۇلۇپ، بۇ پۇرسەتنى بېھۇدە ئۆتكۈزۋەتتۇق. ئەلۋەتتە، سەۋەنلىكنى پەقەت بىرلا تەرەپكە ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزەمنى تۇتۇۋالالىغان بولسام، بەلكىم ئۇنچىۋالا بۇلۇپ كەتمەس بولغىدى ...
كەچۈرگىن، ئەمدى مېنى زورلىما، مەن بۇ قاينامدىن ئاران تەستە قۇتۇلۇپ چىقتىم.گەرچە، بۇرۇن سېنى ساراڭلاردەك ياخشى كۆرگەن بولساممۇ، ئۇ پەقەت بىر ئۆتمۈش،خالاس .تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى قايتا ئېغىزغا ئالغىلى بولمىغاندەك، بىز بۇ ئاخىرىغا چىقمايدىغان مۇھەببەتنى ئەمدى داۋاملاشتۇرمايلى. ھازىر قولۇمدىن كېلىدىغىنى پەقەتلا ساڭا بەخىت تىلەش.
 |