كېتىپ قالدىم تەقدىر دەپ يىراقلارغا توي تارتىپ،
قىز بالىنىڭ يۇرتىنى ھېچىكم ئېنىق بىلمەيدۇ.
كۆنۇپ قالدىم دەيمەنۇ، نەدە ئاسان كۆنگەن بار،
ئايرىلىشنىڭ پىغانى مېنى ھەردەم قىنايدۇ.
تېلېفۇنلارمۇ بىردەملىك سېغىنىشقا خاتىمە،
تەستە كېلۇر ئۇچۇر يىغلاپ يازغان خەتلەرنىڭ،
ياغدۇرىدۇ غېرىبلىق جىمجىت ئۆينىڭ تۆت تېمى،
سېغىنىىشى يۇرتىنى مەندەكمىدۇ خەقلەرنىڭ،
دېرىزىگە گۈل چەكتى يانۋار بۇندا بەك بەلەن،
قاراپ باقسام بەئەينى مەھەللەمنىڭ سۈرىتى.
"سالغا تېشى" دېمەكلىك شۇ مىكىنتاڭ بىلمىدىم،
قىز بالىنىڭ نەدىدۇ كۆرەر بەخت- دۆلىتى،
ھېيت-بايرامدا سېغىنىش چىقار يەنە ئەۋجىگە،
ئۇچۇم بولغان ، ئۇۋامغا ئۇچۇپ بارغۇم كېلىدۇ،
يېرىم قىلار كۆڭلۇمنى تۇندە كۆرگەن چۈشلىرىم،
بارالىسام دەستە گۈل تۇتۇپ بارغۇم كېلىدۇ.
باسالمايدۇ قىزىق مەش سېغىنىشنى قىشتىكى،
بايراملاردا سەپەرگە يەڭگۈشلەيمەن ئەڭلىمنى.
ئوخشاپ كېتەر باھار، ياز رۇ خسارىغا ئانامنىڭ،
قۇشنىلىرىم بەزلەيدۇ مېنىڭ غىرىپ كۆڭلۇمنى.
يىراقلارغا كەتكەنلەر خۇددى مەندەك توي تارتىپ،
پىراقىدا يۇرتىنىڭ يۈرەمدىكىن بىلمىدىم،
كىرىپ قالسا چۈشىگە بالىلىقى ، ياشلىقى،
مەندەك مۇڭلۇق خىياللار سۈرەمدىكىن بىلمىدىم.
ئەسەر ئاپتۇرى-

زۆھرەگۇل ئەخمەت