ھىجرانىڭدا تولغىنىپ ئوتتى ئايلار نەچچە كۇن .
بىر كۇرۇشنى ئىستىدىم كورەلمىدىم نە ئۇچۇن
كەتكىنىڭچە شۇ پېتى ئەمدى كەلمەس بولدىڭغۇ،
تاپتىڭمۇيا باشقىنى مەندىن بىزار بولدۇڭمۇ
كورسەتمەسكە جىسمىڭنى ئەھدى نىيەت قىلغانمۇ .
دىدارىڭغا تەلۇرۇش ماڭا نىسىپ بولغانمۇ
دىدارىڭغا تەلمۇرۇپ باستى قىراۋ بېشىمنى .
كورمەس بولدى كۇزۇممۇ سەن ئاقتۇرغاچ يېشىمنى
بولدى جانان قىينىما ، پاك سويگۇمنى خارلىما
دىدارىڭنى بىر كورەي بۇلۇپ قالسۇن يالداما
 |