دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 50
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 90
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە90دانە
جۇغلانما: 97
پۇلى: 90
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-25 11:26

خالمۇرات غۇپۇر

           
   خالمۇرات غۇپۇر— 1960–يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ كىچىكىدىن خەنزۇتىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان . 1982–يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن . مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ قان – قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئانا يۇرت سۆيگۈسى، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چوڭ پەرىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىغا — تەڭرىتاغ ئېتىكىگە قايتىپ كەلدى.
    خالمۇرات غوپۇر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ شاۋقۇنلۇق دەرياغا شوڭغۇغان خالمۇرات غوپۇر ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. خىزمەت داۋامىدا ئۇ بىلىم سەۋەيىسىنى داۋاملىق يېڭىلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ 1985–يىلى شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتوتى غەرپچە داۋالاش نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئاسپىرانتلققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئوقۇش جەريانىدا ئۇ ئىنگلىزتىلى ۋە روس تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەندى. 1988–يىلى ئۇ دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىنغان چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىرات تىببىي ئىنىستىتوتىغا كاندىدات دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا باردى. ئۇ 1983–يىلى جۇڭگو –سوۋىت ئوتتۇرسىدىكى ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش كېلىشىمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بارغان تۇنجى جۇڭگولۇق شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدى.
                                               
    ھەرقانداق ئارزۇ – ئارمان ، ئىستەك يۈكسەك جاسارەت ، ئىگىلمەس – سۇنماس ئىرادىدىن ئايرىلسا قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . خالمۇرات يۈكسەك جاسارەت قورقماس ئىرادە بىلەن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۈگەندى ، ئۇ ۋەتەنگە قايىتقان دوكتور ھېسابلىنىدۇ ، ئۇ پروفېسسور ، دوكتۇر يېتەكچىسى ، مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى ، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا خادىمى ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۈمەنلىگەن (بىرىنچى ، ئىككىنچى قاتلام) . ئىختىساس ئىگىسى ، ‹‹مەملىكەتلىك 1–ماي ئەمگەك نەمۇنىچىسى مىدالى››غا نائىل بولغۇچى ، مەملىكەت بويىچە ۋەتەنگە قايىتقان چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ، مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خادىم . سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان مۇتەخەسىسى ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغۇچى مۇتەخەسس ، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس دېگەن شەرەپىك ناملارغا ئېرىشكەن زىققا كېسىلى مۇتەخەسسىسى . ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بىردىنبىر دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر ياشلار پەن – تېخنىكا فوندىدىكى مۇتەخەسسى . شىنجاڭ جۇڭيى ئىنىستىتوتىنىڭ دوختۇرى ، 1985–يىلدىن 1988–يىلغىچە روسىيىدە سىېنىت–پېتېربۇرگ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىدا روسىيە دۆلەتلىك تىببىي پەنلەر دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .
                                               
    1993–يىلدىن باشلاپ سىېنىت–پېتېربۇرگ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇر يېتەكچىسى ، شاڭخەي جۇڭيى دورىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كاندىدات دوكتۇر يېتەكچىسى، شىنجاڭ جۇڭيى ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسىسورى ، خەلىقئارا ئەنئەنىۋى مىدېتسىنا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولغان. جۇڭيىنىڭ ‹‹ خەپرۇك بولمىسا دىمى سىغمايدۇ›› ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ‹‹ نەزلىلىك زىققىنى داۋالاش نەزەرىيىسى›› ۋە مىدېتسىنادىكى ‹‹نەپەس يولىدىكى ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر نەزەرىيىسى›› گە ئاساسلىنىپ ‹‹زىققىدىكى بىئولوگىيىلىك كەملىك نەزەرىيىسى›› نى ئوتتۇرغا قويغان . بۇ نەزەرىيە ئاساسىدا زىققا 1–نۇمۇرلۇق دورىسىنى ياساپ چىقىپ،كېلىنكىدا داۋالاپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقاندا ‹‹ جۇڭگو تىبابەتچىلىكىدىكى سىر››، ‹‹جۇڭيى دورىلىرى ۋە كانايچىدىكى زىققا كېسىلى›› قاتارلىق بەش پارچە ئىلمىي ماقالە  يازغان، بۇلار مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىببىي ئالىي مەكتەپلىرىدە سىناق دەرىسلىكى قىلىنىپ قوللىنىلغان. دۆلەت ئىچىدە جۇڭيى،ئۇيغۇر تېبابىتى ، مېدىتسىنانى بىرلەشتۈرۈش نەزەرىيىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ ، شىنجاڭدىكى ئۈچ تەرەپنى بىرلەشتۈرگەن تەتقىقات ئورنى ۋە داۋالاش مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان. بۇرۇن بىر نەچچە دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسى بىلەن شوغۇللانغان، روسىيە ، گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹‹ئاسپىرىن زىققا››تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلىگەن.

-سىز كۆرۋاتقان تىما خالمۇرات غۇپۇر,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 119
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 21
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
جۇغلانما: 1
پۇلى: 21
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 4(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-22
ئاخىرقى: 2010-07-25
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-25 14:36

hayatlikta muwapikiyat kazanganlarning ,baxkilarning bahti  uqun oz barligini ,ozning yurak kenini sarip kilwatkanlarning isil hislitini, tirixqanlik rohini, oz kawmi, milliti oqun barligini begixlaxtak  alijanap rohini ugunux wa ozmizga   tadbiklax,ulga kilix bizning adimiylik burqimiz!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!kalimingiz harmigay!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 219
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە219دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 225
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
2تال  يوللانغان ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى

مۇشۇنداق مەشھورلىرىمىزنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ تۇرغىنىمىز ياخشى ،ياشلارنىڭ غايە، ئىرادە تىكلىشىگە پايدىسى بار ، رەھمەت ،ئەزىز ھارمىغايسىز.