ئانا دەپ چىققاندا تۇنجى تىلى،بىلمەن،
شاتلىنىپ كۈلگەنتىڭ ئاڭلاپ سۆزۈم.
سۆيۈپ سەن يۇمران تىلىم سەبى قەلبىمگە.
ھاياجاندىن توختىماي ياشلار تۆكەنتىڭ
يىغلىسام تۈنلەردە تۇراتىڭ ھامان،
شۇ شېرىن لەززەتلىك ئۇيقدىن كېچىپ.
بىلمەيمەن سانسىز كېچە ئۆتتىكىن شۇنداق،
مەن ئۈچۈن ھېرىپ ئېچىپ قان تەر تۆكۈپ.
بىراق سەن زارلانمايتىڭ ھېچ،
مەن ئۈچۈن چەككەن جەۋرى جاپاغا.
خوشالىقىىڭ مەن ئىدىم ،غايەڭمۇ ھەم،
كۈلكىلىرىمدىن ئىزدەيتىڭ ئارام زەيىپ تېنىڭگە.
ئاھ ئانا...
مەن ئۈچۈن چەكتىڭ سەن كۆپلەپ رىيازەت،
بەلكم ھەم شۇ يولدا خارلانغاندۇ ئىززەت غۇرۇرۇڭ.
بىراق سەن ئەقىدەڭگە قىلمىغان مېھنەت
بەللىرىڭ پۈكۈلىپ بولغاندىمۇ زار بىر نانغا قولۇڭ.
مەن تېپىپ يەتكەندە ئەقىلىمنى بۈگۈن،
سەن كەتكەنتىڭ مەڭگۈلۈك شىرىن ئۇيقىغا.
بۇ دۇنيادىن كۈرمىدىڭ زەرىچە خوۋلۇق،
ئەقىدەڭگە قىلمىدىم ۋاپا ئەي ئەزىز ئانا
پۇشايمانلار ئىلكىدە پۇچۇلىنىپ شۇندا،
ئانا دەپ توۋلايمەن ئۇزاقدىن -ئۇزاق.
بىراق سەندىن قايتمىدى ھېچ بىر سادا،
شۇ ۋاپاسىز ئوغلۇڭنى كەچۈرەمسەن ئەي ئەزىز ئانا.
قارا ئەتتىر يازمىسى