مۇڭ باسقان قەبرىلەر سورايدۇ مەندىن،
ئۆزەڭ كىم؟ئاتاڭ كىم؟بولمامسەن تەمكىن.
بوۋاڭنىڭ قەدىمى يەتكەن دېڭىزغا،
قەددىڭنى رۇسلىغىن بولمىغىن غەمكىن.
تىللىرىڭ ئۆزگىرىپ قالسىمۇ بىردەم،
كىرپىگىڭ ئۈستىگە قونمىسۇن شەبنەم.
دىللىرىڭ ئۆزگىرىپ بولمىغىن غاپىل،
سۈكۈتلەر قەلبىڭگە تۇتمىسۇن ماتەم.
تۆت كۇنلۈك ئالەم بۇ قالىدۇ قەبرەڭ،
سەن يىغلاپ كېتەرسەن قالىدۇ نەۋرەڭ.
قالمىسا سىنىڭدىن تەۋەرۇك نىشان،
كىم ئۈچۈن شام-چىراق ياقىدۇ ئەۋرەڭ.
قەلبىمدىن چاقنىغان غايىۋى قۇياش،
ئوتلىرى ۋۇجۇدۇم ئىلكىدە نەققاش....
ھارارەت تەپتىدىن ئالەم بوپ بۇلۇت،
غاپىللىق ئۈستىدىن تۈكەر دائىم ياش.
قىلالماس قەلبىنى دېڭىزمۇ ھاپپاش،
ھەتتاكى مۇھاببەت ئىلاھى ۋىناس.
ۋە لىكىن ياشىغىن مەڭگۈگە تولۇق،
ئۆزلۈگۈڭ سۆيگۈنى تۇتۇپلا ئاداش......
 |