زىكرى ئەلپەتتار 1915 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى خەلق ناخشا - مۇزىكىلىرىغا ئىشتىياق باغلاپ، ساز ۋە ناخشا - ئۇسسۇل ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكەن، كېيىنچە ئاتاقلىق پىشىۋالاردىن ھاسان تەمبۇر، ھۈسۈيۈن تەمبۇر، روزى تەمبۇر قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق خاس ئۇسلوپقا ئىگە ناخشىچى، سازەندە بولۇپ يېتىلگەن. 1939– يىلى غۇلجىدا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدە سانايىنەپىسە تەشكىللەنگەندە زىكرى ئەلپەتتا ئۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ قاتنىشىپ ، ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ‹‹ قانلىق داغ›› ، ‹‹ باي ۋە مالاي›› ، ‹‹ غېرىپ - سەنەم›› ، ‹‹ فەرھات - شېرىن›› قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاساسلىق روللارغا چىقىپ ، رول ئېلىشتىكى ماھىرلىقى، ناخشا ئېيتقاندىكى ئاۋازىنىڭ ياڭراقلىقى بىلەن تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان. زىكرى ئەلپەتتار بۇ جەرياندا ناخشا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھبىلىرى بولۇپمۇ خەلق داستانى ئاساسىدا سەھنىلەشتۈرۈلگەن ‹‹ غېرىپ - سەنەم›› ئوپېراسىغا مۇقام ئۇسلوبى ئاساسىدا ئىجاد قىلىپ قوشقان ‹‹ ئاغچى ئانا ›› ، ‹‹ نەچچە ۋاقتىن ئاھ ئۇرۇپ›› ، ‹‹ تەسەدۇغۇڭ بولاي ئاغچى ئاناجان››، ‹‹ قۇربانىڭىز بولاي ئاي يۈزلۈك سەنەم›› قاتارلىق ناخشىلاردا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ ، مەزكۇر ئوپېرانىمۇ بەدئىيلىك جەھەتتە يېڭى بىر بالداققا كۆتەرگەن . ئۇ ئېيتقان ناخشىلارنىڭ جامائەتنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشى زىكرى ئەلپەتتاردا مۇقام ئىزىنى بويلاپ مۇقام ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىستىكىنى قوزغايدۇ. نەتىجىدە ئۇ ‹‹ غېرىپ - سەنەم›› ئوپېراسىغا ئىشلىگەن ئاھاڭلىرىنى ئاساس قىلىپ، بىر مۇقەددىمە، بىر تەزە، ئالتە داستان - مەرغۇللۇق ‹‹ رۇخسارىي مۇقامى›› نى روياپقا چىقىرىدۇ. بۇ مۇقام مىلودىيىسىنىڭ ئىنتايىن نەپىسلىكى، مۇقامغا خاس پۇراققا تويۇنقانلىقى، شۇنداقلا داستان - مەرغۇللىرىنىڭ شوخ - ئويناق، جۇشقۇنلىقى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا تېز ئومۇملىشىپ، ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.
مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى
 |