يىتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى ھىكايە
ئىجادى ئەسەر
تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تىلىفۇننى ئالدىم، پەزىلەتمۇ سەن ئاداش، مەن
ياسىننىڭ نۇمۇرىنى تاپتىم. ھازىر تىلىفۇن قىپ باقە؟ بۇ گەپنى ئاڭلاپ
كۆڭلۈم پاللىدە يورىدى خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغمايتتى. ئامىنەگە رەھمەت
دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەيلا تىلىفۇننى قويدۇم. ئامىنە دەپ بەرگەن نۇمۇر
بويىچە ياسىنغا تىلفۇن قىلدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياسىنمۇ؟
ھەئە مەن. ئۇنىڭ ئاۋازى بۇرۇنقىدەك جاراڭلىق ئەمەس. بەلكىم كۆرۈشمىگىلى
ئۇزۇن بولغان بولسا كىرەك.
ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى سىزنى ئىزدىسەم ئىچكىرگە بىلىم ئاشۇرۇشقا
ئىككى يىللىق چۈشۈپ كەتتى دىگەن؟
ھە كەلگىلى تېخى ئۇزۇن بولمىدى.
ھازىرمۇ كىرەم يىزىسىدا ئىشلەۋاتامسىز؟
شۇنداق.
ھازىر قەيەردە؟
ئىشخانىدا.
ھە بولىدۇ. كىيىنچە كۆرىشەرمىز.
ئۇنىڭغىچە ئۇ تىلىفۇننى قويۋەتتى.
ئۇ بۇرۇن تىلىفۇننى قويغاندا ئاۋال سىز قويۇڭ ئاندىن مەن قوياي دەپ مەن
تىلىفۇننى قويمىغىچە زادىلا تىلىفۇننى قويمايتتى.
بەلكىم ئىشى چىقىپ قالغاندۇ. چىگىش سۇئالنى ئۆزۈم سوراپ يەنە ئۆزۈم
جاۋاپ بەردىم.
خۇشاللىقىم ئىچىمگە زادىلا سىغمايتتى. دەرھال بىكەت تەرەپكە ماڭدىم.
ماشىنىدا ئۇنىڭ يىزىسىغا قاراپ ماڭماڭتىمەن.
ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن تارتىپ ئۇنى يوقىتىپ قويغان ۋاقىتتىكى ئىشلار
خىيال ئىكرانىمدا خۇددى كىنو كۆرگەندەكلا خىلپال قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇنڭ بىلەن تۇنجى تونۇشقان ۋاقىتنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمايتتىم.
تاماق يىيىش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىردىم. بىز ئولتۇرغان ئورۇن يىقىن
بولغاچقا ئۇنىڭغا مۇنداقلا دىققەت قىلدىم.
ئاشخانىدىكى تاڭجاڭ ياسىندىن تاماق سورىغاچ ئۈستەلنى ئىيىتۋاتاتتى.
ياسىن تاڭجاڭغا بولدى سىز ئىيىتماڭ مەن ئىيتاي. سىز باشقا ئىشىڭىزنى
قىلىۋىرىڭ. ئۇ تاماق بۇيرۇپ قويۇپ ئۈستەلنى ئۆزى ئىيىتى.
كىيىن تاڭجاڭ مىنىڭمۇ قىشىمغا كەلدى. ئۇ ئۈستەلنى ئىيىتۋاتقاندا ئۇنىڭ
بىر قولىنىڭ يوقلىقىنى بىر قولىنى ئۈستەلنى ئىيىتۋاتقانلىقىنى بىلىپ
ئالدىمدىكى بۇ يىگىتنڭ چەكسىز سەمىمىىيتىگە بولغان ھۆرمىتىم تۇنجى
قىتىم تۇغۇلدى.
مەن ئادەتتە بۇ ئاشخانا داۋاملىق تاماق يىگىلى كىرەتتىم. كىيىن بىر
قانچە قىتىم تاماق يىيىش جەريانىدا كۆرىشىپمۇ قالدۇق.
كىيىن يەنە شۇ ئاشخانىدا تاماق يەپ بولۇپ تۇرغانداتۇيۇقسىز يامغۇر
قاتتىق يىغىپ كەتتى. لىكىن مەن ئىشقا كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن يامغۇرغا
قارىماي ئىشقا ماڭدىم. تۇيۇقسىز بىرسى بىشىمدا كۈنلۈك تۇتقانلىقىنى ھېس
قىلدىم. ئۇ ياسىن ئىدى. بۇنداق ماڭسىز قىزچاق ئەتە زۇكام بوپ قالىسىز
ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ. ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كۈنلۈكنى ماڭا بىرىپ ئۆزى
يامغۇردا كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدى.
مەن ئۇنىڭ كۈنلىكىنى قايتۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن يەنە شۇ ئاشخانا ئالدىغا
كەلدىم. ئۇمۇ بىلگەندەكلا پەيدا بولدى. ئۇ ماڭا سالام قىلىپ
كۈلۈمسىرگىنىچە ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. يىگىت كۈنلىكىڭىزنى؟
بۇ گىپىم بىلەن ئۇ مىڭۋاتقان قەدىمىنى توختىتىپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا
بولدى سىزگە سوۋغام بوپ قالسۇن.
مەنغۇ يامغۇردىن قۇتۇلۇپ قالدىم ئەتىسى سىز قانداق قىلغانسىز.
مەن ئوغۇل بالا، ھېچقىسى يوق، بىز ئۆزىمىزنىڭ قىزلىرىنى ئاسىراش
مەجبۇرىيتىمىز بار.
ماڭا قىلغان سوۋغىڭىزغا كۆپ رەھمەت، سىزنى مېھمان قىلۋالسام بولارمۇ؟
چاتاق يوق. ئۇ خوشاللىق بىلەن قوبول قىلدى. تاماق يەپ بولغاندا ئۇ
پۇلنى تۆلىۋىتىپ رەھمەت مىھمان قىلغىنىڭىزغا. تونۇشۇپ قالايلى ئىسىمىم
ياسىن. كىرەم يىزىسىدا خىزمەت قىلىمەن. سىز دوختۇرغۇ دەيمەن.
قانداق بىلدىڭىز؟
ئۆتكەندە يامغۇر ياغقاندا مەن سىزنىڭ ئارقىڭىزدىن خىلى ماڭدىم. قارىسام
دوختۇرخانىغا كرىپ كەتتىڭىز شۇ ۋاقىتتا سىزنى دوختۇرمىكىن دىگەن ئىدىم.
ھە ماڭا خىلى دېھققەت قىپسىزدە؟
شۇنداق.
شۇنىڭدىن كىيىن بىز پات-پات كۆرىشىپ تۇرىدىغان بولدۇق. كىيىن ماڭا ئۇ
مىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئىيىتتى. مەن ئۇنىڭغا باشقىچە جاۋاپ
بەرمەي كۈلۈپلا قويدۇم.
بۇ جەرياندا مىنىڭ دوسلىرىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئولتۇرۇش، بايرام
دىگەنلەر چىقىپلا تۇردى. ئۇ زادىلا كىچىكمەي ۋاقتىدا كىلىپ مىنىڭ
يىگىتىم سۈپىتىدە قاتنىشىپ بەردى، ھەم مېھمانمۇ قىلدى.
بىر كۈنى مەن ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم. سىز بىلەن كۆرىشەي دىگەن ئىدىم.
مەن ھازىرلا كىرەي.
مەن دوختۇرخانا ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم. ئۇ بىر ماشىنىدا دوستى بىلەن
كەلدى. ئۇ دوستىنى خوش دەپ قويۇپ مىنىڭ قىشىغا كەلدى. بۈگۈن بىر
دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. بىللە بارامسىز؟
پەزىلەت بىز خالي جايدا پاراڭلىشايلى؟
نىمىشقا؟
سىزگە دەيدىغان گىپىم بار.
بىز خەلق مەيدانىنىڭ خالىي بىر يىرىگە بىرىپ ئولتۇردۇق. بىز يولدا
كىلىپ بولغۇچە ئۇ چوڭقۇر ئۇ تارتاتتى.
ھەم بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
پەزىلەت سىزگە نەسىھەت بولسۇن رەنجىمەڭ مەندىن.
بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئولتۇرۇشلارغا ئاز بارسىڭىز.
نىمىشقا؟ ماڭا خەجلەپ بەرگەن تۆت بەش تەڭگە پۇلغا ئىچىڭىز ئاغىردىما؟
بۇ دىگەن ياشلىق مۇشۇنداق ئىشلار چىقىپ تۇرىدىكەن. بارمىسا تېخى
بولمىغان.
ئۇ ماڭا قاراپ شۇنداق بۇ ياشلىق، بىز مۇشۇنداق ياشلىق چاغلىرىمىزدا ئۆز
كەسپىمىزنى سۆيىشىمىز، كەسپىمىزنى قەدىرلىشىمىز. كەسىپ ئۈچۈن
تىرىشىمىز، يىڭلىق يارىتىشىمىز كرەك. مۇشۇنداق ياشلىق ۋاقتىمىزدىلا
ئاندىن بىزگە ۋاقىت بار. ياشلىقىمىز بىھۇدە ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ.
ئويۇن دىگەننى قاچان ئوينىسا بولىۋىرىدۇ. كەسىپتە نەتىجە قازانمىساق.
بىز قانداقمۇ ئۆز كەسپىمىزگە يۈز كىلەلەيمىز. قارىسام سىز خىزمەتنى
قولىڭىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەيدىكەنسىز. بولسا بۇنىڭدىن كىيىن ئۆيىڭىزدىكى
ئاتا-ئانىڭىزغا، ئۆيىڭىزگە، خىزمىتىڭىزگە ۋاقىت ئاجراتسىڭىز. بىزمۇ
كىچىك بالا ئەمەس. تۇرمۇشلۇق بولىدىغان ۋاقتىمىزمۇ كىلىپ قالدى.
ۋاي ۋوي نىمانداق كۆپ سۆزلەيسىز.
قانداق بارامسىز بارمامسىز؟
بولىدۇ باراي.
ئۇ ئارقامدىن سولاشقان قىياپەتتە ماڭدى. بىز رىستۇراننىڭ ئالدىغا
كەلگەندە. ھەممىسى قىزلار ئىكەن مەن ساقلاپ تۇراي سىز ئولتۇرۇش
تۈگىگەندە چىقىڭ، سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي. بىللە كىرەيلى. ماقۇل
دەڭ. سىز دوستلىرىڭىز بىلەن ياخشى ئويناپ چىقىڭ.
مەن كىرىپ كەتتىم. بۇ يەردە بىر ئىككى سائەت ئولتۇرغاندىن كىيىن
بالىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كەچلىك كۇلۇبقا بىرىشنى قارار قىلدۇق.
سىرىتقا چىقسام ياسىن مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ قانداق كۆڭۈللۈك ئوينىغانسىلەر.
ئۇ دوسلىرىمغا خالىساڭلار پەزىلەتنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويسام
روخسەتمىكىن.
دوستۇمدىن سەل شوخراق كەلگەن بىرىسى. ھازىر تېخى بالدۇر. نىمداق بەك
ئالدىرايسىز. بىز قىزلار ئالدىرمىساق سىزگە نىمە قويۇپتۇ. قارىغاندا
ئۆيىڭىزدىكەر سىزدىن يوقلىما قىلىپ تۇرىدىغان ئوخشايدۇ.
دوسلىرىمنىڭ ھەممىسى كۈلىشتى. مەن ياسىنغا كەچلىك كۇلۇپقا
بارىدىغانلىقىمىزنى، بىرگە بىرىشىنى ئىيتتىم. ئۇ بولدى قىلىڭ. ئۆيگە
بۈگۈن بۇرۇنراق بىرىڭ. بىرەر قىتىم بولسىمۇ گىپىمگە كىرىڭ بولامدۇ. ئۇ
شۇنداق دەپلا قولۇمدىن تارتتى. مەن نارازىلىق بىلدۈردۈم. ئۇ ئۇنمىدى.
ئۇنىڭغىچە دوسلىرىمنىڭ ئوغۇل دوسىتلىرى كىلىپ ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن
ھوي مەيلى بولمىغان قىزنى قانداق قىلماقچىدىڭ دەپلا ئۇنىڭ ياقىسىدىن
ئىلىپ ئارىدىن بىرسى يۈزىگە تەستەك بىلەن بىرنى سالدى. ئۇ ئالدى
كەينىگە قارىماي كىتىپ قالدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ماڭا تىلىفۇنمۇ
قىلمىدى. مەنمۇ ئۇنى خىلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇنىڭغا تىلىفۇنمۇ
قىلمىدىم. كىيىچە ئۇنى كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. خىلى سۈكۈت
قىلدىم لىكىن ئۇ مىنى پەقەتلا ئىزلىمىدىم. ھېلىقى ئاشىخانا ئالدىغا
بىرىپ بىر نەچچە كۈن ئۇنى ساقلىدىم. ئۇ كەلمىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنى
يولدا ئۇچرىتىپ قالارمەنمۇ دەپ يولدىكى كىشىلەرگە دېھققەت قىلىدىغان
بولدىم. لىكىن ئۇنى ئۇچراتمىدىم.
ئاخىرى تاقەتسىز ئۇنىڭ ئىشلەيدىغان يىرىگە باردىم. ئۇ ئىچكىرگە ئىككى
يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم.
مانا مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئۇنى ئۈنتىنسىز كۈتتۈم، ئۇنى ساقلىدىم.
داۋاملىق ئاشۇ ئاشخانا ئالدىدا ساقلايدىغان. ساراڭلارچە يوللدارغا ئۇنى
ئىزدەپ ماڭدىغان بولدىم.
مانا ماشىنىمۇ توختىدى.
ئۇنىڭ ئىشخانا ئالدىغا كەلدىم. ئشىكنى چىكىش ئۈچۈن قولۇمنى شۇنداق
تەڭلىشىمگە تۇيۇقسىز قولۇم توختاپ قالدى. خۇددى بىر نا تونۇش كىشىنىڭ
ئىشكىنى چەككەندەك، يۈرۈگۈم رىتىمسىز سوقۇشى تىزلىشىپ كەتتى. لىكىن
ئىشكنى قانداق چەككەنلىكىمنى ئۇقمىدىم. ياسىن ئىچىدە تۇرۇپ كىم دەپ
سورىدى. مەن جاۋاپ بەرمەي يەنە قاقتىم ئۇنى تۇيۇقسىز خوش كىلۋىتەي دەپ.
ياسىن ئىشىكنى ئاچتى. لىكىن تونۇش ئادەملەرگە قىلغان پوزىتسىيە
مىنى ئىچىگە كىرىشكە تەكىلىپ قىلدى. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن گەپلەرنى
تەييارلىغان بولساممۇ لىكىن يۈرۈگۈم بارغانچە تىز سوقماقتى ئىدى.
گەپلەرنىڭ ھەممىسى بىردەمدە غايىپ بولدى.
سىزنى كۆپ ئىزلىدىم. كىيىن بىلسەم ئىچكىرگە كىتىپسىز. ئامالسىز قالدىم.
شۇنداق خىزمەت بىلەن چىقىپ قالدىم. ئۆزىڭىز ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
خۇداغا شۈكىرى. بۇ گىپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم خىلى يورۇپ قالدى.
مەن ياسىنغا: سىزنى بەك سىغىندىم.
ياخسىن بولدى بۇنداق گەپ قىلماڭ سەت تۈرىدۇ باشقىلار ئاڭلاپ قالسا.
مىنى كەچۈرۈڭ ياسىن. سىزنى كۆپ رەنجىتتىم.
ياق سىزدىن رەنجىمىدىم.
بولدى يالغان سۆزلىمەڭ. ئۇنىڭ چىرايىدا ھېچ قانداق خۇشاللىق
ئالامەتلىرى سىزىلمەيتتى. ئۇ مەندىن ئۆزىنى ئىلىپلا قاچاتتى. تىللىرىم
گال بولۇشقا باشلىدى.
ھېلىمى مىنى ياخشى كۆرەمسىز.
بولدى ئۇ ئىشلارنى قايتا ئەسلىمەيلى. مەن ئۇنتۇپ كەتتىم.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىڭەمدىن بوران چىقىپ كەتتى. بۇ نىمە گەپ. مىنى
كەچۈرۋىتىڭ ھەممە ئىشلارنى يىڭىدىن باشلايلى.
بولدى قىلايلى ئەمدى.
مىنى ياخشى كۆرمەمسىز. مىنى ياخشى كۆرگەنلىكڭىزگە پۇشايمان قىلدىڭىزما؟
ياق مەن ئەسلا پۇشايمان قىلمايمەن. چۈنكى مەن ھەقىقى ساپ قەلبىم بىر
قىزنى ياخشى كۆردىم. شۇ قىزنى ياخشى كۆرەلىگەنلىكىم ئۈچۈن مەن مەڭگۈ
پۇشايمان قىلمايمەن. لىكىن مەن ئۇ ۋاقىتتىكى ۋاقىت تونىلىدىن ئاللا
بۇرۇن ئۆتۈپ كەتتىم.
مىنىڭ يىغىنىم بار ئىدى. ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگرەپ چىقىشنى ئويلىدىم. ئۇنداق قىلالمىدىم.
ئىشخانىسىدا ئۇنى ساقلىدىم. تۇيقسىز بىر قىزچاق كىرىپ كەلدى. ئۇ
ياسىننى سورىدى. ياسىن يىغىنغا چىقىپ كەتتى.
ھە! ئەمسە بىردەم ساقلاي.
سىزنىڭ بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى.
مەن ئۇنىڭ ئايالى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى.
ئۇ قىز يەنە سۆزلىدى. سىز پەزىلەتقۇ دەيمەن. مەن ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى
تولۇق بىلىمەن. ئىككىڭلار ئۇزۇن بولغان كۆرۈشمىگىلى مەن ئۇنىڭ بىلەن
ئۆيگە بىرگە كىتەي دەپ كىرگەن. ئىككىڭلار كۆرىشۋىلىڭلار. مەن ئۆيگە
بارغاچ تۇراي.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئورنىمدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتتىم.
ئۇنىڭ شۇنداق ياخشى ئايالى بار ئىكەن. ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ ئورنىدا مەن
بولغان بولسا چوقۇم تەستەك بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۇرۇشقان بولاتتىم.
بولدى ئەمدى ئۇنى ئويلىماي. ئۇنىڭغا بەخىت تىلەي.
مەن بۇ چاققىچە بىرسىگە ھەقىقى بەخىت تىلىمىگەن. بۈگۈن ئۆزۈممۇ
ئۇقمايمەن. قانداقلارچە ئۇ ئىككىسىگە بەخىت تىلىگەندىمەن. يەنە كىلىپ
مىنىڭ قولۇمدىكى بەخىت تۇرسا.
بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئويلىدىم. شۇ ۋاقىتلار ياسىن قىشىمدا ئۆزۈمنى
دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشى دەپ ئويلاتتىم. بۈگۈن قەدىرسىز، ھېچنىمىگە
ئەرزىمەيدىغان كىشى بوپ قالغانلىقىمنى ئويلاپ ئۆزۈمنى بىر يىتىمدەكلا
ھېېس قىلدىم. شۇنداق مەن بىر يىتىم ئۆز بەختىنى قوغدىيالمىغان بىر
يىتىم قىز.
قايتىش ئۈچۈن ماشىنىغا چىقتىم. كاللام يەنە تىگى يوق ئازابلىق خىياللار
بىلەن يىراقلاغا كەتكەن ئىدى. كۆز ئالدىمدا ماڭا نەسىھەت قىلغان
ياسىننىڭ چىرايى بار ئىدى.
ئۇنىڭ كۈلكىسى خىيال ئىكرانىمدا، سىماسى كۆز ئالدىمدا، تىنىقى
ئەتراپىمدا، پىچىرلىشى قۇلاق تۈۋىمدە. سىزنى ياخشى كۆرىمەن ياسىن.
ھىكايە تامام.
 |