ئېھ، جاھاننىڭ زىننىتى، كۆرىكى،
قاز-ئاياللار سىلەر ئاي،قوياش.
مېھرى-ۋاپا دۇنياسى سىلەر،
چېھرى ئىللىق ،ۋۇجۇدى ئوتقاش
سىلەر بولغاچ ھامان -ھەرقاچان،
ھايات كۈلۈپ ئۆتىدۇ تاتلىق.
دولقۇن ياساپ ئاققان دەريادەك،
ئۆركەشلەيدۇ دىللدردا شاتلىق.
گۈل ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ،
سىلەرگە ھىچ كېللەلمەس تەڭكەش.
چۈنكى سىلەر گۈللەرنىڭ گۆلى،
قەلبىمىزدە قوياشقا رەڭداش.
سۆيگۈ بىلەن گۈزەل بۇ ھايات،
مېھرىڭلار شۇ سۆيگۈگە بۇلاق.
بەخت،قۇتتىن چاچىسىلەر نۇر،
ھەر بىر ئۆيگە بولۇپ نۇر- چىراق.
ياقۇپ قۇربان يازمىسى
 |